بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ھاۋا تۇيۇقسىز سوۋۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى 9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پار بېرىشنى باشلىغان، ئەمما قىسمەن شەھەرلەردىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى جىددىي ئەھۋال لايىھىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئالدىن پار بېرەلمىگەن. ئادەتتە شىمالدا ئاۋۋال سوغۇق چۈشىدۇ، بەزى جايلاردا 9-ئاينىڭ باشلىدىلا قار يېغىپ قىشلىق ئىسسىنىش خىزمىتى جىددىي باشلىنىپ كېتىدۇ، تاكى كېلەر يىل 4-ئايغىچە داۋام قىلىدۇ، ئەمما جەنۇبتا ھاۋا كىلىماتى شىمالدىكى جايلارغا قارىغاندا خېلىلا پەرقلىق بولۇپ 11-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىسسىنىش خىزمىتى باشلىنىدۇ.
بىراق، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردە بولسا دەسلەپ كېچە پار بېرىپ كۈندۈز توختىتىپ قويۇشتىن باشلىنىپ كىلىماتنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ كېچە-كۈندۈز پار بېرىلىدۇ. شىمالىي رايوندا تولۇق 6 ئاي ئىسسىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىراق جەنۇبتا بولسا، 4 ئاي ئەتراپىدا ئىسسىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئىسسىنىش ھەققىنى يىغىشتا بولسا جەنۇب بىلەن شىمال ئوخشاش ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگەن ئەمەلىي كۆلەم بويىچە ھېسابلىنىپ ئېلىنىدۇ.
شىمالدا ھەر ئايدا ھەر كۋادرات مېتىرىغا 22 يۈەن (قاتتىق سوغۇق رايونلاردا)، جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا ھەر كۋادرات مېتىرىغا 18 يۈەندىن (ئىككى ئاي نورمال سوغۇق) ئىسسىنىش ھەققى يىغىلىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ھېسابلىغاندا:
شىمالنىڭ پار ھەققى ئۆلچىمىدە ھېسابلىساق ئىسسىتىش ۋاقتىنى 6 ئاي دېسەك ھەر كۋادرات مېتىرنىڭ ئايلىق ئىسسىنىش ھەققى 3.7 يۈەنگە يەتمەيدۇ. جەنۇبىي رايونلارنىڭ پار ھەققى ئۆلچىمىدە ھېسابلىساق ئىسسىتىش ۋاقتىنى 4 ئاي دېسەك ھەر كۋادرات مېتىرنىڭ ئايلىق ئىسسىنىش ھەققى 4.5 يۈەن بولىدۇ.
يىللاردىن بۇيان ئامما بۇ خىل ئادىل بولمىغان ئىسسىنىش ھەق ئۆلچىمىنى تەڭشەش ھەققىدە، دائىرىلەرگە نۇرغۇن قېتىم ئەرز سۇنغان بولسىمۇ باھادىكى تەكشىسىزلىك داۋام قىلماقتا.بۇ ھەقتە بەزى تورلاردىمۇ مۇنازىرىلەر داۋام قىلغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار «بۇ چوڭ پەرق يوق قىلىنىپ، سوغۇق رايون (شىمالى شىنجاڭ) بىلەن ئانچە سوغۇق ئەمەس رايون (جەنۇبىي شىنجاڭ) نىڭ ئىسسىنىش ھەققىنى ئوخشاشلا 3.7 يۈەنگە تەڭشىسە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئولتۇراق ئامما 3.666 يۈەندىن 4 ئاي ئىسسىنىش ھەققى تاپشۇرسىمۇ ھەرقايسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى شىمالىي شىنجاڭغا قارىغاندا يەنىلا نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ، چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ شىمالىي شىنجاڭدەك ئۇنچە قاتتىق سوغۇق ئەمەس، سوغۇق بولسىمۇ 0 دىن تۆۋەن 15 كە چۈشىدىغان ۋاقىت بىر ئايغىمۇ يەتمەيدۇ، جەنۇب، شىمال سېلىشتۇرۇلسا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ يېقىلغۇلىرى يەنىلا شىمالىي شىنجاڭدىكىدىن ئاز بولىدۇ» دېگەن پىكىردە.
ئەگەر ئىككى رايوننىڭ ئىسسىنىش ھەققى ئادىل ھېسابلانسا 3.666 يۈەندىن 4 ئاي بولغاندا جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسى ھەر كۋادرات مېتىر ئىسسىنىش ھەققى ئۈچۈن 14.666 يۈەن تۆلىشى، پۈتۈنلىگەندىمۇ 15 يۈەن بويىچە ھېسابلانسىمۇ ھۆكۈمەت پۇقرالارغا نۇرغۇن ئىقتىساد تېجەپ بەرگەن بولىدۇ، 100 كۋادرات مېتىر ئۆي بۇرۇن 1800 يۈەن ئىسسىنىش ھەققى تاپشۇرغان بولسا بۇ بويىچە ھېسابلىسا 1467 يۈەن تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش باش شىركىتى، شىنجاڭ گۇئاڭخۇي ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 230 دىن ئارتۇق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىر كۋادرات مېتىرغا 22 يۇئەن ئىكەن. ئادەتتىكى ئاھالىلەر يىلىغا 1800 سومدىن 2000 سومغا قەدەر پار پۇلىنى تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلار جەرىمانە قوشۇپ تۆلەيدۇ ياكى ھەقنى تۆلىگەنگە قەدەر پار بېرىش توختىتىلىپ جازالىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر ئىسسىنىش دەۋرىدە زور ھەق يىغىۋالىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئېچىلغان تور بەتلەردە پار ھەققى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئاۋۇدى. مۇنازىرىلەردىن كۆرە، ئىسسىنىش ھەققى يىغىش چارىسىنى يولغا قۇيۇلۇپ، ئادىل بولمىغان ئىككىنچى تەرەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسسىنىش ھەق ئۆلچىمىنىڭ كۆپلىگەن تەرەققىي قىلغان ئىچكى خىتاي شەھەرلىرىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى بولۇپ، تيەنجىن، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلەردىن يىغىدىغان پار بىلەن تەمىنلەش ھەققى ھەر كۋادرات مېتىر ئۈچۈن 3 يېرىم سوم ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن 1-2 سوم ئەرزان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاقىتلىرىدا ئامما يېقىندىن بۇيان «يېقىلغۇ كۆمۈر ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقسا، كۆمۈردىن باشقا كۆمۈر گازى ۋە باشقا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرىگە توشۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسسىنىش ھەق ئۆلچىمى ئىچكىرىدىن يۇقىرى، نېمە ئۈچۈن كىرىمىمىز بۇ ئۆلكە شەھەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن تۇرۇپ يەنە بىز يۇقىرى ھەق تۆلەيمىز» دېگەندەك پىكىرلەردە بولماقتا.
دۆلەت مەمۇرىلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش ھەققىنى ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن كۆتۈرۈۋېتىدىغان بولۇپ، لېكىن دۆلەت مەمۇرىي ئەمەس تىجارەتچى، دېھقان ۋە كارخانا ئىشچى خىزمەتچىلىرىدەك كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پۇقرالار بولسا ھەر يىلى پار پۇلىنى ۋاقتىدا 100% بىر قېتىمدىلا تۆلىشى شەرت ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شۇنداق يۇقىرى ھەق ئېلىندى دېگەن تەقدىردىمۇ پار بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇقتۇرماستىنلا قانۇنسىز ھالدا تۇيۇقسىز پار توختىتىدىغان، ئىنسانپەرۋەرسىزلىك، ھەقسىزلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى -تەرز قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.
بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىن خىتايچە تارقىتىلىدىغان «ئاستانە گېزىتى»نىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئۈرۈمچى ئالتاي يولىغا جايلاشقان كروران ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق 250 ئائىلىنىڭ پار پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ رايوننى ئىسسىنىش بىلەن تەمىنلەيدىغان چىڭ جيەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پۈتۈن ئولتۇراق رايونىدىكى 700يۈزدىن ئارتۇق ئائىلىگە 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پار بېرىشنى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، 5 كۈندىن بۇيان سوغۇق دەردىگە ۋە بۇ ئادالەتسىزلىككە چىدىمىغان ئولتۇراق رايوندىكى ئامما مۇناسىۋەتلىك نازارەت ئورۇنلىرىغا ۋە «ئاستانە گېزىتى»گە ئەھۋال مەلۇم قىلغان ئىكەن.
«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ئاساسەن،ھەر دەرىجىلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، ھەرقايسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى بەلگىلەنگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركەتلەرنىڭ پۇقرالاردىن ھەق ئېلىشتىكى قانۇنسىزلىق، ئالدامچىلىقى، مۇلازىمەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدىن ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسىمۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەن پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2014-2015 يىللىق پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى پار بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى ئۈرۈمچى ئاممىسىدىن پار بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەللىك نەچچە خىل مەسىلە ئۈستىدە 1758 پارچە ئەرزى-شىكايىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ۋە پار بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېنىق سەۋەبىنى بىلمىسىمۇ ئەمما ئۈرۈمچىدە پار ھەققى ئۆلچىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى :
ئۇنىڭ دېيىشىچە شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا بېكىتىش تەرتىپىگە ئاساسەن، تەننەرخىنى نازارەت قىلىپ قاراپ چىقىش، باھاغا قارىتا ئىسپات ئاڭلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن كونكرېت باھا لايىھىسىنى بېكىتىپ ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى 24 سائەت پار بېرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش تېلېفونى ئورناتقان بولۇپ،پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە پار تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ دىجورنى تېلېفونى ئۇلانمىسا، توختاپ قېلىنسا، ئالىدىغان ئادەم بولمىسا ياكى ۋاقتىدا مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلمىسا ھەر ۋاقىت شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدىكەن.