ژۇرنالىست گىدون راچمان: «جۇڭگو چۈشى» نى قارا تۇمان باستى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، «جۇڭگو چۈشى» يەنى خىتاي خەلقىنىڭ ئارزۇسى دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقتى. خىتاي جەمئىيىتىدە ھەر خىل تەبىر بېرىلگەن ۋە ئوخشىمىغان ئىنكاس پەيدا قىلغان بۇ شۇئار چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس ۋە ژۇرنالىست گىدون راچمان - Gideon Rachman، ئۆتكەن ھەپتە ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىدە «جۇڭگو چۈشى» نى قارا تۇمان باستى سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكا بىلەن بەسلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاۋۋال بۇلغانغان ھاۋا ۋە سۈيىنى پاكىزلاشقا چاقىردى. تۆۋەندە بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىدىن دىڭ شياۋپىڭ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش شۇئارى بىلەن، خۇ جىنتاۋ بولسا ئىناق جەمئىيەت شۇئارى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولسا، شى جىنپىڭ «جۇڭگو چۈشى» يەنى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى. شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو چۈشىگە، خىتاينىڭ بەزى مەتبۇئاتلىرىدا، خەلقنى بېيتىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەپ تەبىر بېرىلگەن بولسا، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە «جۇڭگونىڭ چۈشى ھەرگىز دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى دېگەندەك خىيالىي نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش» دېيىش ئارقىلىق؛ خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى غايىسى دۇنيادا خوجايىنلىق تالىشىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. نۆۋەتتە بۇ غايىسىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى، خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى، توغرا ياكى خاتالىقى، مۇمكىنچىلىكى بار ياكى يوقلۇقى قاتارلىق كۆپلىگەن نۇقتىلاردىن مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىنماقتا. ژۇرنالىست گىدون راچماننىڭ «جۇڭگو چۈشى» نى قارا تۇمان باستى ناملىق ماقالىسى ئەنە شۇ تۈردىكى مۇلاھىزىلەردىن بىرى.

ئاپتور ماقالىسىنى بېيجىڭدىكى كۈندىلىك ھاياتىدىن مىسال ئېلىپ باشلىغان ۋە مۇنداق دېگەن : «بىر مېھمانخانىنىڭ 40 - قەۋىتىدىمەن، دېرىزىدىن بىر كوچا نېرىدىكى بىنالارنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەتراپنى قاپقارا تۇمان باسقان. دەرھال، ھاۋارايى مەلۇماتلىرىدىن، ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ باقتىم، كۆردۈمكى AQ نىسبىتى 250 يەنى نورمالدىن 5 ھەسسە ئارتۇق»، ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەسلىدە 50 بولۇشقا تېگىشلىك بولغان بۇ نىسبەت، بېيجىڭدا بەزى كۈنلەردە 350 كە چىققان. ھەتتا بۇ يىل 1 - ئايدا 1000غا چىققانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بېيجىڭدىكى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىق ۋە ئىشىك - دېرىزىلىرىنى ئاچماسلىققا بۇيرىغان. ئاپتور بېيجىڭنىڭ ھاۋا مۇھىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق يازغان «بېيجىڭنىڭ قاتتىق شامالدىن كېيىنكى مەنزىرىسى ئالاھىدە ياخشى، بۇ چاغدا كۆك ئاسمان كۆرىنىدۇ، كوچا ئايلىنىش كىشىگە ھوزۇر بېرىدۇ؛ بىراق بېيجىڭنىڭ ساپ ھاۋالىق بۇ كۈنى ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىڭ قاباھەتلىك بىر كۈنى، چۈنكى شامال قارا تۇماننى شۇ جايلارغا سۈرۈپ كېتىدۇ.» ئاپتور بۇ سۆزلەردىن كېيىن، تىمىنى جۇڭگو چۈشى يەنى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ غايىسىگە يۆتكىگەن. ئۇ جۇڭگونىڭ چۈشىنىڭ دۆلەت ئىچىدە خەلقنى بېيىتىش، خەلقئارادا بولسا سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئېنىقكى، جۇڭگو چۈشى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش چۈشىدۇر» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان : «ئىنسان كۆزىنى ئېچىش ۋە نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىۋاتقان خىتايدا دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت غايىسىنى قايتىدىن بىر كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك.» ئاپتور ئارقىدىن، خەلقئارالىق سەھىيە ژۇرنىلى لەنسېتتىكى بىر ئىلمىي دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ، 2010 - يىلى خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن 12 مىليون كىشىنىڭ بالدۇر ئۆلگەنلىكىنى ۋە 2012 - يىلى بېيجىڭدا ئۆپكە كېسەل بىمارلىرىنىڭ 60% كۆپەيگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. نۆۋەتتە خىتايدا ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپتىن كېيىن سىرتقا چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىش ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتايدا ھاۋا كىلىماتتىكى بۇلغىنىشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر چوڭ مەسىلىنىڭ توغرا تەكشۈرۈلمەيۋاتقان ۋە جىددىي مۇزاكىرە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ بۇ بۇلغانغان ھاۋاسى «پات يېقىندا شى جىنپىڭنىڭمۇ كۆزىنى ئېچىشتۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە ھاۋادىن ئىبارەت بۇ نىمەتتىن بەھرىمان بولۇشتا پۇقرا ۋە ئەمەلدارلارنىڭ تەڭ ھوقۇققا ۋە ئىمكانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. خىتايدا ھېلىمۇ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە «نەپەس ئالغىلى بولمايدىغان شەھەردە توپلانغان بايلىقنىڭ نېمە كېرىكى» دەپ سوئال قويۇلغان. ئىلگىرى لوندون ۋە لوس ئانجىلىس قاتارلىق شەھەرلەرنىڭمۇ ھاۋاسىنىڭ بۇلغانلىقى، ئەمما دائىرىلەر جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان ماقالىدە، بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ خىتايدا يۈز بېرىشىنىڭ قىيىنلىقىنى ئەسكەرتكەن. چۈنكى ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مۇھىتنى پاكىزلايدىغان تەدبىرلەر، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى چوڭ زاۋۇت - كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ. ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆرە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىردىن - بىر ئامىل، خىتايدىكى يېقىنقى 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەنى زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئاچ - يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەمدىلىكتە مۇھىتتىكى بۇ بۇلغىنىش سەۋەبىدىن، كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھولىنىڭمۇ كولىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرىدىنمۇ مۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن «لوندوننىڭ ھاۋا بۇلغشىنىشى كۆمۈردىن، لوس ئانجىلېسنىڭ بولسا ئاپتوموبىلدىن كەلگەن؛ بىزدىكى بولسا ھەر ئىككىسىدىن.» ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى مەسىلە يالغۇز ھاۋا بۇلغىنىش ئەمەسلىكىنى، سۇ بۇلغىنىش ۋە يېمەك - ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش ۋەزىيىتىنىڭمۇ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇدرەتلىك دۆلەت دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل چۈشىنىش مۇمكىن، مەسىلەن، دۆلەتنى خەلقئارادا نوپۇزلۇق قىلىش قاتارلىق، مەنچە بۈگۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ چۈشى يەنى غايىسى ھاۋا ۋە سۈيىنى تازىلاش بولۇش كېرەك.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاپتور گىدون راچمان، دۇنيادىكى داڭلىق خەلقاراۋىي ژۇرناللاردىن Financial Times يەنى ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، ئۇ 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيانىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.