5-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىگە قاراشلىق 80 مىڭ نوپۇزلۇق كىچىككىنە شەھەر فورت ماكمۇرراي شەھىرىگە ئوت كەتتى. كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئوت فورت ماكمۇرراي شەھىرىدىكى ئاتاباسكا دەرياسى ساھىلىدىكى تەبىئىي ئورمانلىقلاردىن باشلانغان ئىكەن.
گەرچە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە 3 ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ھازىرغىچە كۆيمەكتە. ئوت كۈننىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە دېڭىز ئوكيانلاردىن ئۇرۇلغان شامال تەسىرىدىن كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىپ، كىچىككىنە خىلۋەت بۇ شەھەر بىرنەچچە كۈننىڭ ئىچىدە خارابلىققا ئايلىنىپ قالغان. كانادا ھۆكۈمىتى بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان ۋە مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە خەتەرلەر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.
ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن، فورت ماكمۇرراي شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ۋە ماشىنىلىرى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن. مېھمانخانا، گاز سېتىش مەركەزلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان شەھەر مۇئەسسەسىلىرى، سۇ گاز تۇرۇبا يوللىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان بولۇپ، 3 ھەپتىدىن بۇيان كۆيۈۋاتقان بۇ شەھەر ھەققىدە خەۋەر بەرگەن چەتئەل ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرى، بۇ ئوت ئاپىتىنى يەر شارىنىڭ دوزىقى دەپ تەرىپلىگەن. كانادا ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن، 80 مىڭغا يېقىن شەھەر ئاھالىسىنى، ماكمۇرراي شەھىرىدىن 300 كىلومېتىر ۋە 600 كم يىراقلىقتىكى كالگارى ۋە ئەدمىنتون شەھەرلىرىگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن، ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ، دەسلەپتە كانادا ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان، ۋاقىتلىق لاگېرغا ئاندىن، كالگارى ۋە ئەدمىنتون شەھەرلىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان 80 مىڭ كانادا ۋەتەندىشىنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى يەنى زۆھرە ياسىنجان ئائىلىسىمۇ بار ئىدى.
زۆھرە خانىم بىزگە، فورت ماكمۇرراي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ، ئۆي ۋاقى سەرەمجانلىرىنى تاشلاپ قېچىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتلىرىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
خىلۋەت شەھەر فورت ماكمۇرراي ھازىرغىچە كۆيمەكتە.ئەمما زۆھرە خانىمنىڭ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بولغان 3 ھەپتە جەريانىدا كانادادىكى ئىنسانلىق قەدىر قىممىتى، ئادەملەردىكى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش مېھرى مۇھەببەت شۇنداقلا ئادەمگەرچىلىككە ئائىت ئالغان تەسىراتلىرى نۇرغۇن. گەرچە ئۇ ئۆز ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تېخىچە فورت ماكمۇرراي شەھىرىدىكى ئۆز ئۆيىگە قايتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كانادادىكى نۇرغۇنلىغان ۋەتەنداشلارغا ئوخشاشلا، كانادادىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. زۆھرە خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى، كانادادىكى كۆيۈۋاتقان شەھەر فورت ماكمۇرراي تەسىراتلىرىنىڭ 2-قىسمىدىن ئاڭلىغايسىلەر.