ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ يىل دېكابىر كىرىشى بىلەنلا ئېلىدا قىزىل تارقىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىمۇ بۈگۈن قىزىلدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. دائىرىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قارىغاندا، رايوندا بۇ يىل قىزىل تارقىلىشنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ بالدۇر باشلانغانلىقى مەلۇم.
ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن جايلاردا چارۋا ماللاردا بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانلىقى ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز 22-دېكابىر نىلقا ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان خادىم نىلقىدا چارۋا ماللاردا كېسەللىك تارقىلىشىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايانلىرىدىن ئىلى ئوبلاستىدا 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ قىزىل تارقىلىۋاتقانلىقى ۋە خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشتەك جىددىي تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بىز قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە قوشنا ناھىيىلەردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەپ كۆردۇق. كۈنەس ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى خادىمى: «يېقىنقى كۈنلەردە قىزىل چىقىپ دوختۇردا يېتىۋاتقان بالىلار بەك جىق» دېدى.
ئۇ يەنە قىزىل بىلەن ئاغرىغانلار ئىچىدە چوڭلارمۇ بارلىقىنى، كېسەل پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ قالغانلىقىنى، ئۇلار كۆپ بولغانلىقتىن ھەممىسىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىز قىزىل تارقىلىشنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يەنە ئىلى ئوبلاستلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما ئۇلار ئىلى ئوبلاستىدا قىزىل تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
ئىلى ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرى قىزىل تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىردەك ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئىلى ئوبلاستلىق «دوستلۇق دوختۇرخانىسى» نىڭ بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يېقىندىن بۇيان قىزىل يۇقۇمى ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بالىلاردا قىزىل تارقىلىشنىڭ ئۆتكۈر بولۇۋاتقان ۋاقتى، ئوبلاستىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن بالىلار بار. بالىلار بۆلۈمىمىزدە قىزىل بىلەن ئاغرىغان بالىلار خېلى كۆپ. ئىشقىلىپ بىزنىڭ دوختۇرخانىدا شۇنداق، باشقىلارنى بىلمەيمەن.»
ئۇ يەنە بالىلارغا ئاساسەن ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئەھۋالدىمۇ، ۋاكسىنا كۈچىدىكى چەكلىك تۈپەيلى ۋىرۇسنىڭ داۋاملىق يۇقۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بار، قىزىل ۋاكسىنىنىڭمۇ چەكلىمىلىكى بار، بەش-ئالتە يىلدىن كېيىن مۇداپىئەلىنىش تەسىرىنى يوقىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا يېڭىلاپ ئەملەپ تۇرۇش كېرەك. قىزىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا چىقىشى مۇمكىن، ئىممۇنىتېت كۈچىگە باغلىق، ئەمما قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە بەكرەك تارقىلىدۇ.»
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى 23-دېكابىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىزىل تارقالغانلىقى، دېكابىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە يۇقۇملىنىشنىڭ تېز كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانلىقى، جايلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنى جىددىي ئومۇملاشتۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، بۇ يىل 10-ئايدىن ھازىرغىچە بايقالغان قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.4 ھەسسە يۇقىرى چىققان بولۇپ ئاساسلىقى 8 ئايلىقتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلگەن، يۇقۇمدارلار ئىچىدە قورۇمىغا يەتكەنلەر تەخمىنەن 20% نى ئىگىلىگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يەنە، بۇ يىل قىزىل يۇقۇمىنىڭ ھازىرقى مەزگىلدە تارقىلىشىنىڭ بىنورمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تورىدا بېرىلگەن قىزىل يۇقۇمى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا 1991-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر رايونىدا قىزىل ۋىرۇسىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمى كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 5-ئورۇننى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقى 2011-يىلىدىكى 8 ئايلىقتىن 13 ياشقىچە بالىلارنىڭ قىزىل يۇقۇم ستاتىستىكىسىدا بولسا، ئۇيغۇر رايونى قىزىل يۇقۇمىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قىزىل ھەققىدىكى ساۋاتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، قىزىل چىققان بالىلاردا ئادەتتە بالا قىزىپ ئۈچىنچى، تۆتىنچى كۈنلىرى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىزىل چىقىشقا باشلاپ، پۈتۈن بەدەنگە تارايدىكەن، كېيىنچە ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس ئېغىر بولغاندا يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن بولۇپ، شۇڭا قىزىغان ھامان دوختۇرغا ئېلىپ كېلىپ كۆرسىتىش، ۋاقتىدا داۋالاش ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.