شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى 22-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىغان. بۇ يەرمەنكىگە خىتاي ۋە چەتئەللەردىن 1019 شىركەت قاتناشقان.
بۇ يەرمەنكە ئاساسلىقى ئېلېكتر كۈچى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كان ئېچىش ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يەرمەنكە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر سانائىتى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم سۇپا دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بولسا، بۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ كۆمۈر سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ رادىئاتسىيىلىك كېرەكسىز قاتتىق جىسىملارنى پىلانسىز قويۇپ بېرىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا بۇنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېلىپ كەلگۈسى تەھدىتلىرىدىن ئەندىشە تۇيماقتا. ئۇيغۇر ئېلى كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭدا دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە گۈلچېھرەدىن مەلۇمات ئاڭلايمىز.
نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدىكى «تۈۋرۈكلۈك» رولىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆمۈرنى 2-چوڭ ئەۋزەل قېزىلما بايلىقى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول بولۇپ، خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە رايونى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە زاپىسى رايونى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر كۆمۈر بايلىقى ئاساسلىقى جۇڭغار ئويمانلىقى، تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكى ۋە ئىلى ۋادىسىغا مەركەزلەشكەن. ئەڭ يېڭى مۆلچەرگە قارىغاندا، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىدە مۆلچەرلەنگەن بايلىق مىقدارى 400 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن. يەنى كۆمۈرنى نېفىت، نېفىت خىمىيىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەنە بىر چوڭ تۈۋرۈك كەسپى قىلىپ قۇردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى زىڭ شياۋگاڭ: «ھازىر بىز تەمىنلىگەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى مىقدارى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 100 يىلىدىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؛ تۆمۈر كان تەييارلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 50 يىللىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، رەڭلىك مېتال رۇدىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 30 يىللىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» دەپ كۆرسەتكەن.
تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش» مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن خىتاي ئىچىدىكى بەش چوڭ ئېلېكتر گۇرۇھى ۋە كۆمۈرلۈكتىكى 20 كۈچلۈك كارخانا شىنجاڭغا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى شەكىللەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن چوڭ كارخانا، گۇرۇھلار كۆمۈر-ئېلېكتر، كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇشقا 100مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. مول بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېتىبار بېرىلگەن ئېچىۋېتىش سىياسىتى، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى، مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلماقتا. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي قېزىلما بايلىق تارماقلىرى يەنە ئۈچ چوڭ كان رايونى، ئون ئۈچ كان ئىزدەش رايونى ۋە 23 كان توپلاشقان رايوننى نۇقتىلىق قىلىپ، ئاساسلىق ھالدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كۆمۈر، تۆمۈر، مىس (نىكېل)، قوغۇشۇن، سىنك، ئالتۇن، كالىي تۇزى، سلانېتس گازى قاتارلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى قېزىپ چىقىپ، «جۇڭغار» ۋە «تارىم» دىن ئىبارەت ئىككى رايونىدىكى مۇھىم قېزىلما بايلىق تۈرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، قېزىلما بايلىق جەھەتتىكى يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
قىسقىغىنە ئىككى يىلدا، خىتايدىكى چوڭ كۆمۈر گۇرۇھى ۋە داڭلىق كارخانىلاردىن «شىنخۇا»، «لۇنىڭ»، «لۇئەن»، «خۇادىيەن»، «جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى» قاتارلىقلار تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ماكانلىشىپ بولغان بولۇپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىپ، كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشقا قاتنىشىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆمۈر، سۇ، يەر ۋە مۇھىت سىغىمچانلىقى قاتارلىق بايلىق بىرىكمە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆمۈر-ئېلېكتر، كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇپ، كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۇنىڭدىن تەكرار پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بار ئاماللارنى قوللىنىۋاتقان بىر پەيتتە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرىگە كۆزىنى يۇمۇۋالغان تەقدىردىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر كۆزگە چېلىقماقتا ۋە دىققەت قوزغىماقتا.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى «2013-يىللىق شىنجاڭنىڭ سانائەت كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش تۈرلىرى مۇھىت ئاسراش ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب»نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا «2013-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە سانائەتتە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان، شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يۈزلەنگەن. كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش، مۇھىتنى بۇلغاش ئەھۋالى ئېغىر بولغان كارخانىلارنى ئوڭلاش يەنىلا مۇھىم نۇقتا قىلىندى» دەپ كۆرسىتىلدى.
ھالبۇكى ئەكسىچە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بۇلتۇر 2-مايدا تارقاتقان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم مۇھىت بۇلغاش مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بۇلغاش مەنبەسىنى ئېنىقلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كان بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، رادىئاتسىيە سەۋىيىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئەتراپىدىكى رادىئاتسىيە مۇھىت سۈپىتى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دىققىتىنى قوزغىغان. مەسىلەن، خوتەننىڭ بۇيا يېزىسىدىكى چەكلىك مىقداردا قېزىلىدىغان كان مەنبەسى ئوغرىلىقچە قېزىلىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەن رادىئاتسىيىلىك كۆمۈر ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆمۈر، تاش كۆمۈر ئىشلىتىدىغان كارخانا ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ رادىئاتسىيە سەۋىيىسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، ئادەتتىكى مۇھىت مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەندىن سىرت، يەنە رادىئاتسىيە مۇھىت مەسىلىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمىگەندە. شۇنداقلا مۇۋاپىق قانۇنلار ئىجرا قىلىنمىغاندا كۆمۈر سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ رادىئاتسىيىلىك كېرەكسىز قاتتىق جىسىملارنى پىلانسىز قويۇپ بېرىشىنى چەكلىمىگەندە خەلق ئاممىسى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئامېرىكىدىكى كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بولۇپمۇ، خىتاينىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» پىلانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىپ ۋە شۇ جايدا كۆيدۈرۈپ ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ خىتايغا يۆتكەپ، تاشلاپ قويغان داشقال ۋە كېرەكسىز زىيانداش ماددىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنى بۇلغىشىدىن بەكرەك ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە كۆمۈر سانائىتىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت قازىنىشنى ئۇ جايدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئۈستۈن قويۇشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىندا ئېچىلغان، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مۇنداق قارىدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا 2015-يىلى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» كۆلىمىنى 30 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ناھايىتى چەكلىك بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئېچىشتا بايلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىق چىققان ئورۇندىكى خەلقنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىقلار تېخى ئىشقا ئاشمىدى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: «دۆلەت شىنجاڭدا يەرلىكنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز ئالدىغا چارلاپ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزسە؛ كۆمۈر بايلىقى باج ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، باج ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، باج ئېلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە؛ بايلىق چىققان جايدا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىلسا.»