يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈرلۈكلەر خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن زور كۆلەمدە ئېچىلپ،كۆمۈرلۈك ئەتراپىدىكى ئېقىن سۇ،تاغ، يايلاق ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرلاشماقتا.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،رايوندىكى كۆمۈرلۈكلەرنىڭ قارىغۇلارچە ئېچىلىشى،دېھقان چارۋىچىلارنى يەرسىز قالدۇرغاندىن باشقا، كۆمۈرلۈك ئەتراپىدىكى مۇھىتنى بۇلغاپ،ئۇيغۇر ئېلىدە يامان خاراكتېرلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ رايون مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىپ،يېرىدىن ئايرىلغان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت دەرىجىلىك كۆمۈر كانلىرى ۋە كۆمۈرنى پىششىقلاش شىركەتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەكلىپى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.
تورداشلار «شىنلاڭ» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە يازغان نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر پىششىقلاش شىركەتلىرىنىڭ رايون مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىنىڭ "«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆمۈر كانلىرىنى ئېچىشنى كېڭەيتىپ، كۆمۈر سانائىتى شىركەتلىرىنى كۆپەيتىش» تەلىپىنىڭ، ئەسلىدىنلا دېڭىزدىن يىراق، كىلىماتى قۇرغاق بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سۇ قىسلىقى ۋە يەر قىسلىقى پەيدا قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقى ئىنكاس قىلغان.
مەزكۇر ئىنكاسچىلار يەنە بۇ خىل قالايمىقان ئېچىشنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىدىن بولىدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، كاناي ياللۇغى ۋە ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ خەلقنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن قىلچە كارى بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،2010 - يىلى 5 - ئايدا ئېچىلغان، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى ئېغىر بولغان، تاقىلىش خەۋىپىدە قالغان زاۋۇت، كارخانىلار «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبەت يەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىشنى تېزلەتكەن. بولۇپمۇ ئىلى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، كېڭەيتىلىپ قۇرۇلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر پىششىقلاش شىركەتلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن.
ئىلىدا مۇھىت بۇلغىنىپ، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى كۆپىيىپ كەتكەن
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدىكى پىلىچىخاڭنى خىتاي شىركەتلىرى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، ئەتراپتىكى يېزا ۋە يايلاقلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ زېمىنلىرى مەجبۇرى ئىگىلىۋېلىنىپ، ئىشسىز قالغان دېھقانلار كۆپەيگەندىن باشقا، «ئالما - ئۆرۈك ماكانى» دەپ ئاتالغان ئىلى يېزىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، بۇ جايدا كاناي ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپەيگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىقى ئېشىپ نارازىلىقى كۈچەيگەن
ئىلىدىكى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، كېڭەيتىلگەن كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر پىششىقلاش شىركەتلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يەرسىز ۋە ئىشسىز ھالەتكە يۈزلىنىشى تىرىكچىلىك مۇھىتى تارايغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ،پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنىنى 2010 - يىلى بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، ئىلى تەۋەسىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ تېلېۋىزوردا ئەسلىدىكى 400 مىڭ ئاھالىسى بار شەھەرنى 1 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش پىلانى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋەزىيىتىگە قېلىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقانلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلغا ئېرىشەلمەسلىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن
چىڭخۇا شىركىتى يېزىدىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى بايان قىلغان بىر دېھقان ئايال يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنىپ، دېھقانلارغا مۇۋاپىق تۆلەم پۇلى بېرىلمەسلىكىنىڭ دېھقانلارنى نارازى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقان - چارۋىچىلارنى يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغاندا «ھالقىما تەرەققىيات پىلانى بويىچە، ناھىيىدە قۇرۇلىدىغان زاۋۇت، كارخانىلارغا ئالدى بىلەن يېرىنى سېتىپ بېرىشتە تەشەببۇسكار بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان پەرزەنتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئەسلىدىكى گۈزەل باغ - ۋارانلىق يېزىلارنىڭ كۆمۈر كان ۋە كۆمۈر گازى زاۋۇتلىرىدىن چىققان ئىس - تۈتەك، بۇلغانغان سۇلار بىلەن ۋەيران قىلىنىشتىن باشقا، يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ يەرسىز، يايلاقسىز، ئىشسىز قېلىشىدەك قىسمەت بولغان. دېھقانلار بولسا ئېرىشىشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇللىرىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن.
ئەمما يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھېچقايسىسى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ 14 - مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» تەنقىد قىلىنىپ،ئاتالمىش «خەلق ۋەكىللىرى» نىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى قۇرۇلتايدا، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەپ بولىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر رايونىنى خىتايدىكى «ئەڭ چوڭ كۆمۈر بازىسى»غا ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى،خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا سەۋەپ بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسى ئانالىزچىلار ئۆز پىكىرلىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»دىكى«يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق يەرلەرنى، تېررىتورىيىلەرنى ۋە ئۆز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ مۇھىتىنى ھەمدە بۇ زېمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ھەم مۇھاپىزەت قېلىشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت» دېگەن بەلگىلىمىلەرنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى ئىگىلىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، بۇ بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى بايلىقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرى يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنى بۇ خىل ئېچىش ۋە تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
0:00 / 0:00
