كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى لوپنور ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن سىگنال بەرمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاخىرىقى ئېقىمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەمدە لوپنور ۋادىسىدىكى 260 مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىقنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

كۆنچى دەرياسى ئەسلىدە باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان قايدۇ دەرياسىنى مەنبە قىلغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىدۇر. باغراش كۆلىنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ئېشىنچى سۇلاردىن ھاسىل بولغان كۆنچى دەرياسى ئىلگىرى باش ئەگىم ئارقىلىق كورلا شەھىرىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قۇملۇقتا ئېقىن ھاسىل قىلىپ لوپنور كۆلىگە قەدەر ئېقىپ بارغان. لېكىن 1950-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىشى نەتىجىسىدە بۇ ئىككى دەريانىڭ سۈيى لوپنور كۆلىگىچە ئېقىپ بارالمايدىغان بولغان. بۇنىڭ بىلەن سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلغان مەشھۇر لوپنور كۆلىنىڭ 1972-يىلىغا بارغاندا ئاخىرىقى بىر تامچە سۈيىمۇ قۇرۇپ كەتكەن.

كۆنچى دەرياسى خۇددى لوپنور كۆلىگە ئوخشاشلا يېقىنقى زامان تارىخىدا ياۋروپا جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشھۇر سۇ سىستېمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان. 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭغار قالماقلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزاق مەزگىل تۇتقۇنلۇقتا تۇرغان شىۋېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ مايورى يوھان گۇستاف رېنات تۇنجى قېتىم لوپنور كۆلى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ ئۆزى بىلەن بىللە ياۋروپاغا ئېلىپ كەتكەن. 1877-يىلى رۇس ئېكىسپېدىتسىيەچىسى نىكولاي پرژېۋالىسكىي لوپنور كۆلىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىنى تۇنجى قېتىم بېكىتكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەشھۇر شىۋېت ئېكىسپېدىتسىيەچىسى سۋېن ھېدىن لوپنور رايونىغا بىرقانچە قېتىم مەخسۇس ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە بارغان. ئۇ كۆنچى دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرىقى ئېقىملىرىنىڭ توختىماي ئېقىن يۆتكەشتەك ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ لوپنور كۆلىنىڭ قۇملۇقتىكى « كۆچمە كۆل» ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان.

ئۇنداقتا، تارىختا تارىم دەرياسى بىلەن بىللە لوپنور كۆلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن كۆنچى دەرياسى بۈگۈنكى كۈندە نېمە سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى؟

مەلۇمكى، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى يالغۇز لوپنور ۋادىسىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ سۈنئىي يوسۇندا بۇزۇپ تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىشى ھەمدە لوپنور ۋادىسىدىكى 260 مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىق بىلەن 70 پىرسەنت تەبىئىي يايلاقنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. مۇھىت تەتقىقاتىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق سەۋەب بولغان.

بىرىنچىدىن، 1950-يىللاردىن باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى كۆنچى دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىملىرىدا زور مىقداردا بوز يەر ئېچىپ دەريا سۈيىنى قالايمىقان توسۇپ ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دەريانىڭ سۈيى لوپنور كۆلىگىچە ئېقىپ بارالماي 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا لوپنور كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىككىنچىدىن، 1960-يىللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوپنور ۋادىسىدا تەكرار ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشى جەريانىدا بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېلىماتتىكى بۇزۇلۇش سۇ مەنبەلىرىنىڭ قۇرۇشىنى تېزلەتكەن.

ئۈچىنچىدىن، كۆنچى دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا دائىرىلەر داشىخەيزى سۇ ئامبىرى دېگەندەك بىرقانچىلىغان سۈنئىي سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇپ، مەزكۇر دەريالارنىڭ تەبىئىي ئېقىمىنى توسۇپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن لوپنور ۋادىسىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىكى ئازىيىپ توغراق ۋە يايلاقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلغان.

تۆتىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن باشلاپ كورلا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىدىن قالسىلا ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ئاققۇن خىتايلارنى ۋە نېفىت ئىشچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرغان. كورلا شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرش ئۈچۈن كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىنى بوغۇپ تۆت چوڭ باغچا ۋە نەچچە ئونلىغان توسما كۆۋرۈك بەرپا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى كورلا شەھىرىدىن ئۆتۈپ تۆۋەن ئېقىمغا بارالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.