ئونسۇنىڭ جام بازىرىدا 31 ياشلىق ئانا ئامىنە قادىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.23
lager-yepiq-terbiyelesh-saqchi.jpg مەلۇم «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى.
BBC

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 7-8 كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقى، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ جام بازىرىنىڭ تۈمەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى، 31 ياشلىق ئانا ئامىنە قادىر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئاقسۇدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام يېزىسىدىكى 31 ياشلىق بىر ئايالنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۆلگۈچىنىڭ تۈمەن كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىق تەپسىلىي كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازارلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى دەسلەپتە بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىم جام يېزىسىدا يېقىنقى 4 ئايدىن بېرى 7 -8 كىشىنىڭ لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ ئامىنە قادىر ئىسىملىك 31 ياشلىق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامىنە قادىر بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولۇپ، يولدىشى نامەلۇم سەۋەب بىلەن بىرقانچە يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن. ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچى خادىمى ئامىنە قادىرنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە گەپ تارقالغانلىقى، ئەمما ھەقىقىي ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئۆزىگىمۇ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.