ئوقۇرمەنلەر «مەن كالمان» ناملىق كىتاب ھەققىدە نېمىلەرنى دەيدۇ؟
2018.01.10

«مەن كالمان» ناملىق بۇ كىتاب، ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ تۇنجى كىتابى بولۇپلا قالماستىن، تۈركىيەدە كالمان سىندرومى بىمارىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى كىتاب سانىلىدۇ. كىتابتا «كالمان سىندرومى» دەپ ئاتىلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبلىك ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈركنىڭ ئاجايىپ تراگېدىيەلەر بىلەن تولغان پەۋقۇلئاددە ھايات كەچمىشلىرى، مۇھەببەت-نەپرىتى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن. «مەن كالمان» ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كىتاب بازارغا سېلىنىش بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە جەمئىيەتتە ئىنتايىن ئىجابىي تەسىرلەر قوزغاۋاتقان بولۇپ، كىتاب سەۋەبلىك تۈركىيەدە كالمان سىندرومى بىمارلىرىغا ياردەم فوندى ۋە جەمئىيەتلىرى قۇرۇش ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىكەن.
بىز تۈركچە يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ئالدى بىلەن تۈرك ئوقۇرمەنلەردىن ئوزان ئاكىنچى ئەپەندى بىلەن پىكىرلەشتۇق. ئوزان ئەپەندى تۈركىيەدە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئاكتىيورلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابتىن تەسىرلەنگەن بىر ئوقۇرمەن بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رېژىسسورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن، بىر ساھەدىكى پىكىرداش، سەمىمىي دوستلار سانىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئوزان ئەپەندى «مەن كالمان» ناملىق كىتابتىن، ئۆزىنىڭ ئەركەك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق جەسۇر بىر كىشى بىلەن تونۇشتۇم، يەنى ئاپتور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆز تۈرۈك گىرىپتار بولغان كالمان سىندرومى كېسەللىكىنى، ھەر قانداق بىر ئەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىلا ئەمەس روھىنىڭ قوبۇل قىلمىقى ئاجايىپ مۈشكۈل بىر ئىش. ئاپتورنىڭ بۇ كېسەلنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ شۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىشى بولسا ئاجايىپ قەيسەرلىك تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم» دەيدۇ.
مەزكۇر كىتابنىڭ، ئۇيغۇر يازغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوقۇغان، تۇنجى كىتابى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئوزان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىغا جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان تەسۋىرلىرىنىڭ كىتابنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك يەنە بىر تەرىپى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بۇ ھەقتە ئاپتور تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ياشىغان ئاقسۇ، كەلپىن، ئۈرۈمچى دېگەن جايلارنىڭ تەسۋىرلىرىدىن، ئۇيغۇر يېزا ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاپتورنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىدىكى كەچمىشلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە ئىكەنلىكىدەك ئۇيغۇر مىللىتى يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە ئىلگىرى بىلمىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئابدۇراخماننىڭ ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق ئوخشىمىغان يۇرتلارنى كېزىشتەك خەتەرلىك ۋە جاپالىق سەپەر كەچۈرمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ھەج قىلىشنىڭمۇ، ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىدەك رېئاللىقنى يورۇتۇپ بەرگەن.
بۇ ئارىدا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ ئەزەلدىن، «تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى» مۇ ئىپادىلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە: «كىتابتا، ئابدۇراخماننىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، گوللاندىيە، تۈركىيەلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش، ياشاش، ئەركىن ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇش داۋامىدا، ئەسلى ئۆزى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن، ئادەتتىكىدەك قوبۇل قىلىۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئىسكەنجىلىرىنى، خورلۇقلارنى، ئادالەتسىزلىكلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى ۋە ئەركىنلىك ئىستىكىنىڭ ئويغىنىشنىڭ جەريانلىرى مېنى تولىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى» دەيدۇ.
ئوزان ئەپەندى يەنە كىتابنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ھەققىدە توختالغاندا، ئاپتورنىڭ چىن ھېكايىلىرىنى ئەڭ تەبىئىي شەكىلدە بايان قىلغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئوقۇرمەندە كىتابنى ئوقۇغان ھامان ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر قانداق بىر كىشى بۇ كىتابنى ئوقۇپ كۆرۈشى كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلدى.
ئابدۇراخمان ئۆز تۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىتابىنى گەرچە تۈركچە يازغان بولسىمۇ، ئۇنى نەشر قىلدۇرۇش ئالدىدا تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ئۆزى مۇھىم بىلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغان. شۇ قاتاردا كانادادىن سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈركنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭمۇ تېگىشلىك پىكىر قاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئاپتورنىڭ ھېكايىلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۇيغۇنجان ئەپەندىم كىتابنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىڭ زور ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كالمان سىندرومى كېسەللىكى ھەققىدە يېزىلغان تۈركىيەدە تۇنجى كىتاب، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ تۇنجى كىتاب سانىلىدىغان بۇ كىتابتا، «ئاپتور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ ئۆزى شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى، جەمئىيەت ئەخلاقىدىكى يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ھەتتا ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ باھا بەردى. تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە ئاپتورنىڭ كەچمىشلىرى كىشىلەرگە روھىي ۋە پسىخىكا جەھەتلەردىنمۇ ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كالمان سىندرومى كېسەللىكىنى يېڭىشىغا ئىلھام بەرگەندىن باشقا بۇ كېسەللىكنى داۋالاش جەھەتتە مەزكۇر كىتابنىڭ كەلگۈسىدە مېدىتسىنا تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بۆلىشى مۇمكىن دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شائىر تۇيغۇنجان يەنە كىتابنىڭ بەدىئىي ئۇتۇقلىرىغا باھا بېرىشكە توغرا كەلگەندە، «بۇ كىتابنى، روماننى باھالىغاندەك باھالاش مۇۋاپىق بولمايدۇ»، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇراخماننىڭ «گەرچە كەسپىي يازغۇچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ھايات ھېكايىلىرىنى ئارتۇقچە ياسالمىلىقتىن خالى ھالدا، تەبىئىي بايان قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى، دەل كىتابنىڭ ئۆزگىچە قىزىقتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇتۇقلۇق تەرىپى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە، بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان رېئاللىقلىرى بىلەن تونۇشۇشىدىمۇ بەلگىلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى يېزىشىغا، قولىغا قەلەم ئېلىشىغىمۇ ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.