ئۇيغۇر ئېلى مېڭە پارالىچ كېسەللىكى كۆپ ئۇچرايدىغان رايون بولۇپ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

قەشقەردىكى 24 ياشلىق ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ئاينۇر خالىق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، خالىس ھالدا، «ئانامنىڭ ئۆيى» مېڭە پارالىچ بالىلارنى داۋالاش سىنىپى ئېچىپ، بۇ خىل بەختسىز بالىلارنى داۋالىماقتا.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياخشى ئىش، ياخشى ئادەملەر ھەقىقەتەن كۆپ، قەشقەردىكى 24 ياشلىق ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ئاينۇر خالىق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن خالىس ھالدا، ‹‹ئانامنىڭ ئۆيى›› مېڭە پارالىچ بالىلارنى داۋالاش سىنىپى ئېچىپ، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەختسىز بالىلارنى داۋالىماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردە، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزا تاۋۇغۇز كەنتىنىڭ ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ئاينۇرنىڭ خىزمەت جەريانىدا بۇ يېزىدا 200 دىن ئارتۇق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا بارلىقىنى بايقىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاينۇرنىڭ مېيىپ بالىلارغا كۆرسەتكەن پىداكارانە مېھرىبانلىقى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن بولسا، مانا بۇ بىر كىچىك يېزىدا شۇنچە كۆپ بالىنىڭ مېڭە پالەچلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغان ئاينۇر خالىق، كىچىك سىڭلىسى ماھىنۇر تۇغما مېڭە پارالىچ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالماي، دائىما ئانىسىنىڭ پەرۋىشىگە موھتاج بولىدىغانلىقىدىن كۆپ ئازابلانغان. كىچىك سىڭلىسىنىڭ كېسىلى، ئانىسىنىڭ جاپاسى بۇ كۆيۈمچان قىزنى مېڭە پارالىچ سىڭلىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلىگەن.
2012-يىلى يانۋاردا، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئاينۇر قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزا تاۋۇغۇز كەنتىنىڭ ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، خىزمەت داۋامىدا بۇ يېزىدا 200 دىن ئارتۇق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ مېڭە پارالىچ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ سىستېمىلىق ئۆگىنىپ كېلىپ، بۇ يىل ئىيۇلدا، ئىشلەيدىغان ئورنىغا يېقىن جايدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ، سىڭلىسىنى، ئانىسىنى ۋە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئۈچ بالىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ بەختسىز بالىلارغا ئانىلارچە مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرى بويىچە سىستېمىلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارغان.

ئاينۇرنىڭ بۇ بالىلارنى سىستېمىلىق ھالدا مەشقلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە بالىلار يول ماڭالايدىغان، گەپ قىلالايدىغان بولغان.

ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن سىستېمىلىق ئۆگىتىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى نەتىجىسىدە يەنە ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ تاماقنى ئۆزى يېيەلەيدىغان، ماڭالايدىغان، ھاجەتخانىغا كىرىپ ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولغان.

ھازىر ئاينۇر ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بالىلار ئالتىگە يەتكەن، ئايدا 1600 سوم مائاش ئالىدىغان بۇ قىز مائاشىنى ئاساسەن بۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېلان قىلغان «خىتاي 2-نۆۋەتلىك مېيىپلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان ھەر تۈرلۈك مېيىپ كىشىلەر سانى بىر مىليون 69 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 69 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ سان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېيىپلەرنىڭ 6.45% ئىگىلەيدۇ.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-تارماق دوختۇرخانىسى باشلىقى، مېڭە پارالىچ كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لياڭ شىنپىڭ 2010-يىلى ئۆكتەبىر «روھىي كېسەللىك تەتقىقات ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى مېڭە پارالىچ كېسەللىكى ئەڭ كۆپ رايوننىڭ بىرى، يېتىم بالىلار ئىچىدىمۇ بېقىشسىز قالغان مېڭە پارالىچ بالىلاردىن 4500 دىن ئارتۇقى بار، مېڭە پارالىچ بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇش شارائىتى ناچار ئائىلىلەردە ياشايدۇ، ئەگەر ئۇلار بالدۇر بايقىلىپ مۇۋاپىق داۋالاشقا، ياردەمگە ئېرىشكەندە ساقىيىش ئېھتىماللىقى بار» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

2009 -يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىرلىكتە «قۇياش نۇرى مېڭىشقا، سۆزلەشكە، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەخسۇس مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىشنى نىشان قىلىپ يولغا قويۇلغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بۇ يىل مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيىلەش، ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىڭ مېيىپنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.
«بۇ تۈر بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مېڭە پالەچلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىدىن 175 ئىگە، تەنھالىقىنى خالاش كېسىلى بار بالىدىن 25 ئىگە قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىدۇ. بۇ يىل «قۇياش نۇرى مېڭىشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 5000 چاقلىق ئورۇندۇق ۋە ئاۋدىفون قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، كىملىكتىكى ئىسمى بويىچە خاتىرىلەپ، مېيىپلەرگە بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل يېزىلاردىكى نامرات مېيىپلەرنىڭ «قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئائىلە پىلانى» نى يولغا قويۇپ، 18 مىڭ 336 مېيىپ ئۈچۈن ۋاكالىتەن بېقىش ئاپپاراتلىرىغا ۋە ئائىلىسىدە ھاۋالىلىك كۈتۈنۈش ئورنىغا خىراجەت ياردىمى بېرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

بىز بۇ تۈر بويىچە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان مېڭە پالەچ ۋە تەنھالىقىنى داۋالاش مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. مەركەزنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ پسىخىكىلىق ۋە فىزىكىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن مەركەز بولۇپ، 8 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىمار بالىلارنى داۋالاپ كەلمەكتە ئىكەن، ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا مېڭە ۋە روھىي پالەچلىك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بالىلار پەۋقۇلئاددە كۈپ بولسىمۇ، سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارغا مەخسۇس داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ جايدا مۇنتىزىم داۋالىنىۋاتقان بالىلار 38 نەپەر بولۇپ، ئاساسەن ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىن كەلگەن خىتاي بالىلار ئىكەن، ئىلى نىڭ بىلدۈرۈشىچە گەرچە دۆلەت مېڭە پالەچ كېسىلى بولغان بالىلارغا قاراتقان ياردەم تۈرى بويىچە بۇ مەركەزنىڭ داۋالاش چىقىمىنىڭ يېرىمىنى كۆتۈرگەن ھالەتتىمۇ، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىمنى يەنىلا بىمار تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئائىلىلەر چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەچكە بىمار بالىلار ئاساسەن داۋالىنالمايدىكەن.

مېڭە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئۆمۈر پەرۋىش قىلىشقا موھتاج بولىدۇ، بۇ چەكسىز مېھىر ‏-شەپقەت ۋە مىننەتسىز كۈتۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مۈشكۈل ۋەزىپە ئۇيغۇر ئېلىدا بىمارنىڭ ئائىلىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تېببىي تەتقىقاتچى مەمتىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلى مېڭە پالەچ كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە شۇنداقتىمۇ دۆلەتباغ يېزىسىدىن ئىبارەت نوپۇسى 70 مىڭغا يەتمەيدىغان بىر يېزىدىلا 200 چە بالىنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ بىنورماللىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن باشلاپ ئەھمىيەت بېرىپ، مېڭە پالەچلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇردى.