مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ سەۋەبى نېمە، ئۇنىڭ داۋاسى بارمۇ؟
2013.12.03
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان ماتېرىيالىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان ھەر تۈرلۈك مېيىپ كىشىلەر سانى بىر مىليون 69 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 69 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ سان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېيىپلارنىڭ 6.45% ئىگىلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر ئېلى مېڭە پارالىچ كېسەللىكى ئەڭ كۆپ رايوننىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇش شارائىتى ناچار ئائىلىلەردە ياشايدۇ. ئەگەر ئۇلار بالدۇر بايقىلىپ مۇۋاپىق داۋالاشقا، ياردەمگە ئېرىشكەندە ساقىيىش ئېھتىماللىقى بار» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر دىيارىدا مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ كۆپ بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش» توغرىسىدا، مۇخبىرىمىز ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.