دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن بىر ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلدى

0:00 / 0:00

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي شەھەرلىك مايتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئابلىكىم مىجىت، خىتاي دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا داۋالىنالماي 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 10 دىن ئاشقاندىن ئۈرۈمچە ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم مىجىت ئوماق ئىككى قىز پەرزەنتىگە مەسئۇلىيەتچان دادا، مېھرىبان ئايالىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ ئىللىق ئائىلىدە ھايات كەچۈرمەكتە ئىدى.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇ، دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن مايتاغنىڭ تېغىغا ساياھەتكە چىققان بولۇپ، ئۆزى ناھايىتى ساغلام ئىدى.

ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ بىئاراملىق ھېس قىلغان ئابلكىم، توختىماي قان ياندۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ خىلدىكى ئالامەتنى كۆرگەن ئائىلىسى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى دەرھال مايتاغ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.