سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، مول مەزمۇنلۇق، يېقىملىق، ياڭراق ناخشىلىرى، ئۆلمەس ئىجادىي مۇزىكىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، خەلق سەنئەتكارى، ئەلسۆيەر ناخشىچى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسەن ياشتىن ھالقىدى.
ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا سەكسەن يىل بولدى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزىنىڭ 90 ياشتىن ھالىقىغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھازىر ئىلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان مۇساجان روزى ئاكا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ بۇ قىسمىدا مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان ئاكا سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۈرمە ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.