خىتايدا مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن بىلەن قوغداش تەلىپى كۈچەيمەكتە
2016.03.10
ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق مىللەت 20 نەچچە مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان خىتايدا، ھازىرغا قەدەر مەخسۇس ھالال يېمەكلىكلەر ۋە باشقا ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن تۇرغۇزۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمان جامائەتچىلىكى ھالال بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە تۈرلۈك ماركىلاردىكى، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەك ئىچمەك ۋە ساغلاملىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۇيغۇر ئېلى بازىرىغا كىرمەكتە. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك تاللىغاندا مەھسۇلات سۈپىتى،ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەققىدىكى ئېلان-تەشۋىقاتلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن شۈبھىلىك يېمەكلىكلەرنى «مۇسۇلمانچە »دېگەن بەلگىسى بولسىلا، ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلمايلا ئىستېمال قىلماقتا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى كۈچەيتىش تەلىپى بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.
«نىڭشيا گېزىتى» نىڭ 6-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان، نىڭشيا سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دۆلەتنىڭ جىددىي ھالدا «مۇسۇلمانچە يېمەكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» نى قانۇن ئارقىلىق پۈتۈن خىتاي دائىرىسىدە يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال بازىرىدا يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش پۈتۈن خىتايدا ياشاۋاتقان 23 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادى ۋە قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈرىيەت دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە مۇسۇلمانچە تەلەپ بويىچە ئىشلەپ چىقىرىشقا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە قېلىپلاشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، «قالاق بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا خىتايدا 2002 يىلى-4 ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مىللىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ «مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» نى تۈزۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. ۋە ئەينى چاغدا بۇ توغرىسىدا مەخسۇس قانۇن بەلگىلىمە تۇرغۇزۇش بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلگەن. ئارىدىن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن ھازىرغا قەدەر بىر نەتىجە چىقمىغان.
مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە ماركىلارمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە ئۇنداقتا دائىرىلەر يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ۋە ياكى ھالال مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى قانداق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىدۇ. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر كارخانىلار بازارغا سالغان ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلار، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە دېگەن ئىجازەتنامىسى چىقىرىپ بېرەلىسىمۇ «ھالال» لىق ئىجازىتىنى چىقىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنى بويىچە ئۇنى چوقۇم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھالاللىق ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ھەققىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلەت تەرىپىدىن مۇسۇلمانچە سۈپەت ئۆلچىمى ۋە يېمەكلەرنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا نۇرغۇن يوچۇقلار بولغانلىقتىن بازاردىكى مۇسۇلمانلار ئىستېمال قىلىۋاتقان خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەنگەن تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە دېگەن تامغىسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قانداق خۇرۇچلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشمۇ تەس بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەن.
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولۇپ بەزى ئۇيغۇر يېمەكلىك كارخانا مەسئۇللىرىمۇ ۋەكىل بولۇپ دائىرىلەرنىڭ يەرلىك كارخانىلارنىڭ سۈپىتى ئەلا، مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىچكى بازارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن سىرت خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يېتىش، تېخىمۇ كەڭ بازار تېپىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخنىكا بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىمۇ خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.
ئىستېمال بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، تەشۋىق قىلىش،قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بۇ خادىم ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ،ئىستېمالچىلارنىڭ قانداق ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىش بىلەن بىرگە بارلىق ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارغا بۇنىڭدىن كىيىن چەتئەل ياكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ماركىدىكى يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سېتىۋالغاندىمۇ ئوخشاشلا مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتا ھالال خام ئەشيا ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە، پاكىزلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، قەشقەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۇرىشىچە، ھالبۇكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە ئىشەنچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال ياكى ھالال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ ئىستېمال قىلىشى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ شەك كەلتۈرۈش ياكى كەلتۈرمەسلىكىگە باغلىق بولۇپ قالماقتا.
نوپۇس ۋە ماددىي ئىمكان جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ۋە كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى خىتايدا ۋە خەلقئارادا دىققەت قوزغاپ كەلگەن بىر مەسىلە. ئانالىزچىلارنىڭ قارىپشىچە،بۇ مەسىلىنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان سىياسىي كېڭەش ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قايتا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىش ۋە جۈملىدىن ھالال يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنى قانۇن ئارقىلىق كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىنىڭ جىددىي تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.