«قارلىق تاغ خۇددى تومۇرىمىزدىكى قاندەك ئېرىپ كېتىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.02.26
Qarliq-tagh-Qomul-shehiri-Tomurti-kenti.jpg «قارلىق تاغ» نىڭ قۇمۇل شەھىرى تۆمۈرتى كەنتىگە يېقىن بۆلىكى. 2012-يىل.
RFA/Qutlan

مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇل رايونىدىكى «قارلىق تاغ» مۇزلۇقىنىڭ چېكىنىشى ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كۈنسايىن ئازىيىشى ئەتراپتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

«قارلىق تاغ» مۇزلۇقى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى «قارلىق تاغ» مۇزلۇقى شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولۇپ، ئومۇمىي مۇزلۇق كۆلىمى 143 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇزلۇقنىڭ ئەڭ قېلىن يېرى 73 مېتىر بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئاپئاق قار-مۇز بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىسىنى يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

«قارلىق تاغ» قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى سۇ زاپىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇھىم مەنبە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېرىگەن قار-مۇز سۇلىرى چوڭ-كىچىك 30 نەچچە دەريا-تارامغا بۆلۈنۈپ ئاقىدۇ. جەنۇبقا ئاققان نەچچە ئونلىغان دەريا-تاراملار قۇمۇل بوستانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى سۇغارسا، شىمالغا ئاققان ئېقىنلىرى باركۆل ۋە ئارىتۈرك ناھىيىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«قارلىق تاغ» قۇمۇل بوستانلىقى ۋە ئۇنىڭدا يېتىلگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ جان تومۇرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىختا شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھۇن، تۈرك، ئۇيغۇر ۋە باشقا قەۋملەرنىڭ ھاياتلىق ماكانى بولۇپ كەلگەن.

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە يېگانە مۇزلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن تىپىك قۇرغاق رايون كىلىماتىغا مەنسۇپ بولغان قۇمۇل رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نەمدەپ تۇرغۇچى تەبىئىي تەڭشەك ھېسابلىنىدۇ.

ئەپسۇسكى، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تېز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي ئېچىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش «قارلىق تاغ» مۇزلۇقىنىڭ كۈنسايىن چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 1990-يىللاردىن باشلاپ «قارلىق تاغ» ئەتراپىدىن بايقالغان زور كۆلەمدىكى تۆمۈر ۋە مىس كانلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي شىركەتلىرى قۇمۇل ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «قارلىق تاغ» باغرىدا كەڭ كۆلەمدە كان ئېچىشقا باشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن ھەر يىلى ئېقىپ چىقىدىغان قانۇنسىز ئەتكەسچىلەر «قارلىق تاغ» ئەتراپىدىن ئوغرىلىقچە «قار لەيلىسى» تېرىپ مۇھىتنى زور دەرىجىدە ۋەيران قىلغان.

خىتاينىڭ كان ئېچىش شىركەتلىرى «قارلىق تاغ» ئەتراپىدا قالايمىقان كان ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يايلاقنى بۇزۇپ تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن «قارلىق تاغ» باغرىدىكى قەدىمىي تاغلىق يۇرت تۆمۈرتى كەنتىگە تېلېفون قىلدۇق. تۈزلەڭلىككە كۆچۈشنى رەت قىلىپ تۆمۈرتى كەنتىدە ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئەيسا يەھيا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «قارلىق تاغ» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن «قارلىق تاغ» نىڭ يىلدىن-يىلغا تىنىقى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئېقىپ چۈشىدىغان دەريا-تاراملاردىكى سۇنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەيسا يەھيا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «قارلىق تاغ» باغرىدا كان ئېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر فۇجيەن ئۆلكىسى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ئىككى شىركەتنىڭ داۋاملىق كان قېزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ قار-مۇزلىرى شىددەت بىلەن ئېرىپ كېتىۋاتقان «قارلىق تاغ» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئىلگىرى قارلىق تاغ خۇددى ئادەم بەدىنى تەرلىگەنگە ئوخشاش تەبىئىي ۋە ئۆز مەيلى بويىچە ئاقاتتى. ھازىر خۇددى تومۇرىمىزدىكى قاندەك ئېرىپ كېتىۋاتىدۇ!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.