قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر يەر ئىسلاھاتى مەسىلىسىگە توختالدى
2016.05.24

قازاقىستاندا بۈگۈنكى كۈندە جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى يەر ئىسلاھاتى بولۇپ، بۇ مەملىكەتنىڭ بىر قاتار شەھەرلىرىدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ-چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ قاتناشقۇچىلىرى دېھقانچىلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىلىدىغان يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە ساتماسلىق ھەم ئىجارىگە بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «قازاقىستان يېڭىلىقلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ «مۇستەقىللىق، رازىمەنلىك. كېلەچەكنىڭ بىر پۈتۈن مىللىتى» كۈن تەرتىپى بىلەن ئۆتكەن 24-مەجلىسىدە «ئاخىرقى ۋاقىتتا گويا كېلەچەكتە قازاقىستان يەرلىرىنى چەتئەللىكلەرگە سېتىش ھەققىدە ساختا ئاخباراتلارنىڭ شىددەتلىك ئېيتىلىشى سەۋەبىدىن يەر مەسىلىسىگە بولغان دىققەت كۈچەيدى. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا مېنىڭ ئاغزىمدىنمۇ بۇنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈلدى. مېنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېيتقۇم كېلىدۇ: يېزا ئىگىلىكى يەرلىرىنى چەتئەللىكلەرگە سېتىش توغرىلىق مەسىلە كۈن تەرتىپىدە تۇرمايۋاتىدۇ ھەم مۇھاكىمە قىلىنمايۋاتىدۇ» دەپ، بۇ ھەقتە يالغان ئاخبارات تاراتقۇچىلارنىڭ ئېنىقلىنىپ، جازالىنىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.
«قازاخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14-مايدا مەملىكەت رەھبىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان يەر ئىسلاھاتى بويىچە كومىسسىيە بىرىنچى مەجلىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، ئاگرار بۆلۈمى ۋەكىللىرى، ئالىملار ۋە خەلق ئاكتىپلىرى كىرگەن بولۇپ، كومىسسىيەنى ھۆكۈمەت رەھبىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى باقىتجان ساغىنتايېف باشقۇردى. كومىسسىيە يەر ھەققىدە ھۆججەتنىڭ قائىدىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەكلىپلەرنى تەييارلاش، يەرنى قازاقىستان پۇقرالىرىغا سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش، يەر قانۇنىغا تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئىش ئېلىپ بارماقچى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭغىچە، يەنى 2000-يىللارغىچە، قازاقىستاندا تۈرلۈك جىددىي مەسىلىلەر، مەسىلەن، دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقىلار ھەققىدە مەسىلىلەر پەيدا بولغاندا، ئاساسەن سايلام ئالدىدا بىر نەچچە مۇشۇنداق پۇقرالىق جەمئىيەت ۋەكىللىرى، ئۆكتىچى پارتىيە ۋەكىللىرى كىرگەن كومىسسىيەلەر قۇرۇلغان ئىدى. ئۇلارمۇ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دېگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئىشى ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېلىپ كېلەلمىگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى بۇ يەردە مەسىلە ئۈمىدتە ئەمەسمۇ. ئامما ئۆز بېشىمدا ئۇنىڭغا ئىشەنچ يوق، پەقەت مۇشۇنداق بولسا ئىكەن دېگەن ئۈمىد بار. يەنى بۈگۈنگىچە بولغان كومىسسىيەلەرنىڭ تەجرىبىسى كۆڭۈلنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ. سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئالداش. خەلق ئارىسىغا، ئۆكتىچىلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى چايقاش، يەنى دائىم ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئۇنداق بولمايدۇ دېگەنگە كاپالەت يوق، بىراق بۇ كومىسسىيىلەرنىڭ ئىشىغا قارشى بىر ھەرىكەتلەرنى، ئەرزلەرنى قىلمايمەن، سەۋەبى يوقتىن بارى ياخشى دەيدۇ. ئاز بولسىمۇ ئۈمىد ئوتى يەنىمۇ بار. ھۆكۈمەت، ھاكىمىيەت تەرەپ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى تۇرغاندىن كۆرە، ئۆز خەلقىنىڭ ۋەكىللىرىنى تىڭشىغىنى ئەۋزەلدۇر. بۇنىڭغا، يەنى بۇ مەسىلىنىڭ مەدەنىيەتلىك تۈردە، تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا مېنىڭ ئىشەنگۈم كېلىدۇ.»
ر. جۇمالى مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ يەنە ئۆز ئىشىدا خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھېسابقا ئالمايدىغان بولسا، نارازىلىقلارنىڭ قايتا ئورۇن ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ كۆپچىلىكى كېيىنكى 20-25 يىل داۋامىدا كۆپلىگەن بايلىقلىرىدىن، نېفىتىدىنمۇ، گازىدىنمۇ، مېتاللىدىنمۇ ئايرىلدى. بارلىقى چەتئەللىكلەرنىڭ قولىغا كەتتى. ئاخىرقى قالغان بايلىقىمىز يەر. يەر ئىسلاھاتى دۇرۇس نەتىجە بەرمىسە يەنە غۇلغۇلا چىقىدۇ. مۇنداق بولغىنىنى مەن مەملىكەتنىڭ بىر پۇقراسى سۈپىتىدە خالىمايمەن. مېنىڭچە، باشقىمۇ مىللەت ۋەتەنپەرۋەرلىرى بۇنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىق ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا. يەر مەسىلىسى بولسۇن، ئىنسان ھوقۇقلىرى، دېموكراتىيە، ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى بولسۇن، ھەل قىلىنمايدىغان مەسىلە يوق.»
قازاقىستان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناس دوكتور ھاكىمجان ئارۇپوفنىڭ قارىشىچە، ھەر كىمگە يەر قانۇنىنىڭ ماددىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە ئىشلىشى لازىم. ئۇ بۇ يەردە چوڭ بىر مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە بازار ئىقتىسادى بولغانلىقتىن زاۋۇت ۋە فابرىكىلار سېتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقمايۋاتىدۇ. يەرمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مەنبەدۇر. بىر ئېيتىدىغان نەرسە شۇكى، بىزنىڭ قازاقىستانلىق پۇقرالار ئۈچۈن يەرنىڭ سېتىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭسىزمۇ قانچىلىك يەرلەر بوش ياتىدۇ ۋە بىكارغا تۇرىدۇ. ئەمدى ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بېرىش مەنىي قىلىنىشى مۇمكىن.»
ھ. ئارۇپوف شۇنداقلا ئۆز سۆزىدە قېلىپلاشقان ۋەزىيەتتىن چىقىشنىڭ ئاماللىرىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى، مەزكۇر كومىسسىيە يىغىنىدا، مەسىلەن، يىراق مەملىكەتلەرگە ئىجارىگە بېرىشنىڭ مۇمكىن بولۇپ، ئەمدى رۇسىيە، خىتاي ئوخشاش مەملىكەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىدە پەخەس بولۇش كېرەكلىكى توغرىلىق تەكلىپلەرنىڭمۇ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە يەنىمۇ ھەر خىل پىكىر ۋە تەكلىپلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا كەسكىنلەشكەن يەر مەسىلىسىنى خەلققە چۈشەندۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى يېنىكلەشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەر ئىسلاھاتى بويىچە كومىسسىيە ئەزالىرى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستان «لىبېرتى» ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، كومىسسىيە ئەزالىرى ئاساسەن يەرلىك مەسلىھەتلەر تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى ھاكىمىيەت پىكرىنى قوللايدىغانلاردۇر. ئۇ يەر ئىسلاھاتىدىن ئاددىي خەلقنىڭ قانچىلىك مەنپەئەت كۆرىدىغانلىقىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خەلق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىسلاھاتلاردىن ھېچ نەرسە ئالمايدۇ. پەقەت پرېزىدېنت ئەتراپىدا بولغانلار، يەر ئىگىلىرى، چوڭ تىجارەتچى بولغانلار بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ئاز. ئاساسىي كۆپچىلىك تېگىش بولغان يەرلىرىنى ئالالمىدى. ھازىرقى يەر كومىسسىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى شۇنى تەڭلەشتۈرۈش، يەنى تۆۋەن ھالدىكى دېھقانلارنى، يېرى يوقلارنى يەر بىلەن تەمىنلەشلا ئەمەس، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇلارغا يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن تۆۋەن پىرسەن بىلەن نېسىگە قەرز بېرىشتۇر. ئەگەر ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى مۇنداق مۇمكىنچىلىك بەرمىسە، ئاھالە ئۆزىنىمۇ باقالمايدۇ، بىر مەملىكەتنىڭ پۇقراسى بولۇشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ.»