ئىگىلىشىمىزچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسىغا قۇرۇلغان چىرىندى كىسلاتا زاۋۇتى نۆۋەتتە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر، مېۋىلىك باغ ۋە ياشاش مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىماقتا ئىكەن.
مەزكۇر زاۋۇت شىنجاڭ خۇيتوڭ خەندىلوڭ چىرىندى كىسلاتا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، باشقۇرغۇچىسىدىن تارتىپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگىچە قەدەر ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. زاۋۇت ئەينى ۋاقىتتا راھەتباغ يېزىسىنىڭ 1000 موغا يېقىن يېرىنى ئىگەللەپ قۇرۇلغان. ھازىر مەزكۇر زاۋۇتنىڭ مۇقىم مۈلكى 80 مىليۇن يۋەندىن ئاشىدىكەن.
راھەتباغ يېزىسى قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەرلىرى مۇنبەت، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى يوقۇرى، قەدىمدىن بۇيان مېۋە-چېۋە ماكانى بولۇپ كەلگەن جاي. ئۇيغۇرلار مەزكۇر يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قومۇل رايونىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك پېشقەدەم ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن بىرى مەزكۇر يېزا خەلقى دۇچ كەلگەن ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراق جەھەتتىكى ئېغىر بۇلغىنىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يېزىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىماقتا
راھەتباغ يېزىسىنىڭ چايچىمەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم ئۇيغۇر دېھقان زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزنىڭ يېزا تەۋەسىدىكى ئېغىر بۇلغىنىش ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقتى. بىرى، بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى ھۆكۈمەت يېزىمىز تەۋەسىدە چىرىندى كىسلاتا زاۋۇتى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى. يەنە بىرى، قومۇلدىن لوپنورغا تۇتۇشىدىغان تاشيول ياسىلىپ يېزىمىز تەۋەسىدىن ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن كېۋەزلىكلىرىمىز ئېغىر بۇلغۇنۇشقا ئۇچرىدى. قوغۇن-تاۋۇز، چىلان قاتارلىق يەرلىك مېۋە-چېۋىلەرمۇ ئىلگىرىكىدەك بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ھاۋا ئەڭ ساپ دەپ قارالغان سەھەر ۋاقتىدىمۇ بىزنىڭ مەھەللىدە دەم ئالغۇسىز دەرىجىدىكى سېسىق پۇراق مەۋجۇت. ھاۋادىكى بۇلغىنىش زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىلەرگىلا تەسىر قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەملەرنىمۇ زەھەرلەۋاتىدۇ. دېھقانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى ناھايىتى كۈچلۈك. ھۆكۈمەتكە پىكىر قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋابى بولمىدى. چىلان بىزنىڭ مۇھىم يەرلىك مەھسۇلاتىمىز ئىدى، ھازىر بۇلغىنىش تەسىرىدە چىلانلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەلەپ كەتتى. بۇ دېھقانلارغا بەكمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.»
بۇ زاۋۇتنى كىشىلەر ۋاڭ لېچۋەننىڭ زاۋۇتى دەپ ئاتىشىدۇ
ئۇ بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى راھەتباغ يېزىسى تەۋەسىدە قۇرۇلغان چىرىندى كىسلاتا زاۋۇتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىمىيە زاۋۇتى (چىرىندى كىسلاتا زاۋۇتى) نىڭ يېزا مەركىزىگە بولغان ئارىلىقى ئاران بىرقانچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك ۋە كىسلاتالىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. زاۋۇتنىڭ ئورنى ئەسلىدە يېزىمىز تەۋەسىدىكى بوز يەر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ‹يەر ھۆكۈمەتنىڭ› دېگەن گەپ بىلەن يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھېچقانداق پىكرىنى ئالماستىن زاۋۇتنى قۇردى. دېھقانلارغا تۆلەم پۇلمۇ بەرمىدى. بۇ زاۋۇتنى كىشىلەر ۋاڭ لېچۋەننىڭ زاۋۇتى دەپ ئاتايدۇ. ئاڭلىشىمىزچە، ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ 4 زاۋۇتى بار دېيىشىدۇ. ئاقار مەھەللىسىدە ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك ئوغۇت زاۋۇتى بار، ئۇنىڭ ئايىقىدا ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى بار. ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئېغىر سانائەت زاۋۇتى بار. مۇشۇ 4-5 تۈرلۈك زاۋۇتنى كىشىلەر ۋاڭ لېچۋەننىڭ زاۋۇتلىرى دېيىشىدۇ. ئۇلار يېزىمىز تەۋەسىگە بۇ زاۋۇتنى قۇرىدىغان چاغدا ‹يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىشچى قوبۇل قىلىمىز› دېگەن شەرت بىلەن قۇرغان ئىدى. زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن ئاز مىقداردا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى چىرىندى كىسلاتا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان خەتەرلىك ئورۇنلاردا ئىشلەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە ئىشلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قىسمى كېسەل بولۇپ زاۋۇتتىن چىقىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ئۇلار ئىچكىي ئۆلكىلەردىن، يەنى ۋاڭ لېچۋەننىڭ يۇرتىدىن ئادەم يۆتكەپ كېلىپ زاۋۇتنى پۈتۇنلەي خەنزۇلار بىلەن تولدۇردى. ھازىر ئويلىساق، بۇ بىر ھىيلە-مىكىر ئىكەن!»
يەرلىك دېھقانلار بۇلغىنىش تەسىرىدە تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇبتىلا بولماقتا
«زاۋۇت ئەتراپىدا 4-5 تەك سېسىق كۆل بار. ئۇلار شەھەردىن تۇرۇبا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن ئەخلەت سۈيى ۋە چىرىگەن ئەۋرەز سۇلىرىنى يىغىپ مۇشۇ كۆللەرگە يىغىدۇ. ئاندىن بۇ سۇلارنى سۈزۈپ زاۋۇتقا ئىشلىتىدىكەن. ھەر يىلى 7-ئايدا قوغۇن پىشقاندا زاۋۇت تەرەپتىن كەلگەن چىدىغۇسىز سېسىق پۇراق قوغۇنلارنى پېلىكىدىنلا قۇرۇتۇپ تاشلىماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت، سۇ-تۇپراقتىكى ئېغىر بۇلغىنىش دېھقانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلماقتا. ھازىر يېزىمىزدا تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقان كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. سۇ بۇلغىنىپ ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە باردى. يېقىندا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە تۇرۇبا ئورنىتىلغاندىن كېيىن بۇلغانغا سۇنى داۋاملىق ئىچىشتىن ئاران قۇتۇلدۇق.»
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى ھېچنېمىگە ئۆتمەيدىكەن!
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا راھەتباغ يېزىسىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يوقۇرى ئورۇنلارغا سۇنغان ئەرز-تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ توغرىلىق يوقۇرىغا كۆپ قېتىم ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ئەرز سۇندۇق. يېزىلىق ھۆكۈمەت ھە-دېگەندە يوقۇرىغا سۇنغان ئەرزلىرىمىزنى باستۇرۇپ قويماقتا. بىزنىڭ بۇ يېزىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. خەنزۇلار يوق دېيەرلىك، ھەر بىر كەنتتە بىرقانچە ئائىلە خەنزۇ بار. بىزنىڭ سۇنغان ئەرزىمىزگە ھېچكىم پىسەنت قىلمايدىكەن. راستنى دېگەندە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى ھېچنېمىگە ئۆتمەيدىكەن. بىزنىڭ يېزىنىڭ سۇ، ھاۋا، تۇپراق جەھەتتىكى بۇلغىنىشى شۇ قەدەر ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، دېھقانلارنىڭ بۇ جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقىنى ھەممىسى بىلىدۇ، لېكىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئورۇن يوق. ھازىر ھەممە جايدا قۇرۇق گەپ ساتقانلار باتۇر ھېسابلىنىدىغان زامان ئىكەن!...»