خىتايدا تارقالغان خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى ھەققىدە ئىنكاسلار

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئاپرېل جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتايدا تارقالغان قۇش زۇكامى جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە شاڭخەي شەھىرىدە بايقالغان.

5 - ئاپرېلغىچە خىتايدا قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلار 16 گە يېتىپ، 6 ئادەم ئۆلگەن. ھالبۇكى خىتاي تىلىدىكى بوشۈن قاتارلىق تور بېكەتلىرى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭخەيلىك پۇقرالار، بۇ قېتىمقى چوشقا زۇكامى ۋەقەسىنىڭ ئۆتكەن ئايدا شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن ئۆلۈك چوشقىلار ۋەقەسى بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بارلىقى ئېھتىمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىندىن بۇيان شاڭخەي خەلقىنىڭ توخۇ قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى ۋە چوشقا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جېجياڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا بايقالغان قۇش زۇكامى باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، بۈگۈن خوڭكوڭدىكى 7 ياشلىق بىر قىزنىڭمۇ قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولدى. 5 - ئاپرىلغىچە خىتايدا بايقالغان قۇش زۇكامى يۇقۇمدارلىرىنىڭ 6 نەپىرى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن تۆت نەپىرىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن بولۇشى، شاڭخەي شەھىرىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن توخو، كەپتەر توپلىرى ئىچىدە خ7ن9 تىپلىق چوشقا زۇكامى بايقالغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي شەھىرىدىكى بارلىق قۇش مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى تاقالغاندىن باشقا، بازاردىكى تىرىك توخۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 5 - ئاپرىل كۈنى شاڭخەي قۇش مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى نەچچە ئون مىڭ تىرىك توخونى ئۆلتۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆي قۇشلىرى فېرمىلىرىغا مۇۋاپىق تۆلەم بەرگەن. گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا يەنىلا ئەنسىزلىك كەيپىياتى ئەۋج ئالغان.

تۈنۈگۈندىن باشلاپ قۇش زۇكامى يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي پۇقرالىرىدا ئەنسىزلىك كۈچەيگەن. بۈگۈن ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ فامىلىلىك شاڭخەيلىك خانىم، بۇ قېتىمقى قۇش زۇكامىنىڭ 10 يىل ئىلگىرىكى سارس كېسىلىدەك ۋەھىمە پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما شاڭخەي شەھەر ئاھالىسىدە يەنىلا ۋەھىمىلىك كەيپىيات كۈچەيگەنلىكىنى، دورىخانىلاردا يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوسما يىلتىزى قاتارلىق دورىلارنىڭ بىر كېچىدىلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىگە زۇكام سەۋەبىدىن كەلگەن بىمارلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيگەنلىكىنى، يەر ئاستى پويىز بېكىتى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان شاڭخەي ئاھالىلىرى توخو، ئۆردەك قاتارلىق قۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى توختاتقان. ئۇندىن باشقا شەھەر ئاھالىلىرى چوشقا گۆشىنىمۇ ئىستىمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاڭخەي پۇقرالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئايدا خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن ئۆلۈك چوشقا ۋەقەسى شاڭخەي ئاھالىسىدە بۇ چوشقىلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈشىگە نىسپەتەن گۇمان قوزغىغاچقا، نۆۋەتتە شاڭخەيدە گۆش ئىستىمال قىلمايدىغانلار بارغانچە كۆپەيگەن.

شاڭخەيلىك چيەن ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا شاڭخەي خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن ئۆلۈك چوشقا ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ «ھازىر شاڭخەيلىكلەر توخو، ئۆردەك گۆشلىرىنى يىمەيۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى ئۆلۈك چوشقا ۋەقەسى سەۋەبىدىن، شاڭخەي ئاھالىسى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭشى، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يۇقۇملۇق زۇكام ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۆلكىلەردە خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامىنىڭ تارقالغانلىق ئېھتىمالىنى ئىنكار قىلدى. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گۇاڭشى ئۆلكىسىدە 30 نەچچە ئوقۇغۇچىدا تۇيۇقسىز قىززىش، يۆتىلىش،ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇنى خ1ن1 ئا تىپلىق زۇكام دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ كېسەللەرنىڭ خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا يۈننەندە ساياھەتتە بولۈۋاتقان بىر نەپەر تايلانتلىق ئايال 3 - ئاپرىل چارشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز قىززىش سەۋەبىدىن كۈنمىڭ شەھەرلىك 1 - دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 4 - ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدا ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇ ئايالنىڭ كېسىلى ھەققىدىكى ھەر خىل پەرەزلەرگە سەۋەب بولغان. ئەمما يۈننەن ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ تايلانتلىق ساياھەتچىنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈن يەنە گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسىمۇ بايانات بېرىپ، تور بېكەتلىرىدە تارقالغان گەنسۇدا خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلىپ، گەنسۇدا بايقالغان زۇكامنىڭ ئادەتتىكى خ1ن1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇش زۇكامى ۋەقەسىگە تۇتقان بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا شاڭخەي خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن زور كۆلەمدىكى ئۆلۈك چوشقا ۋەقەسىگە تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيىسى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ قېتىمقى قۇش زۇكامى ۋىرۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا يەنى خىتايدا ئىككى قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدىلا بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەرلەردە يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇش زۇكامى ۋەقەسىگە نىسپەتەن، بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى خىتايدا يۈز بەرگەن سارس كېسىلى ۋەقەسىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش قىلمىشىنى قايتا تەكرارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ بايانلار بېرىلدى.

بۈگۈن تەيۋەن مەتبۇئاتلىرى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي شەھىرى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن سودا ھەمكارلىقى كۈچلۈك بولغان تەيۋەندە يېقىندا خىتاينىڭ قۇش زۇكامى تارقالغان رايونغا بېرىپ كەلگەن سەككىز نەپەر تەيۋەن پۇقراسى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، ئۇلاردا خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بايقالمىغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. تەيۋەن دائىرىلىرى يەنە جۈمە كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ شاڭخەي،جېجيااڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ھەرقانداق كىشىنى چېگرادىن كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇلاردا خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بار - يوقلۇقىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرغان. تەيۋەن دائىرىلىرى يەنە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلاندا خىتايدىن كەلگەن توخو گۆشى يىمەكلىرى بىردەك چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان ياپونىيەنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، ياپونىيىنىڭ خىتايدا تارقىلىۋاتقان خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكامىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي تەرەپتىن بۇ خىل قۇش زۇكامى ۋىروسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ خىل كېسەلگە قارشى ۋاكسىنا ياسايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە خىتاي دائىرىلىرىدىن خىتايدا تارقىلىۋاتقان قۇش زۇكامىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئاراغا ئەينەن ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.