بۈگۈن 4- فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا راك كېسەللىكلىرى كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، راك كېسەللىكلىرى نىسبىتىنىڭ كېيىنكى 20 يىلدا يەنىمۇ ئۆرلەپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ئاپەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەر يەنە راك كېسەللىكلىرى تۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. ئىنسانلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى ۋە كېسەللىكنى بالدۇر بايقىشى بولسا ھايات قۇتقازغۇچ رولغا ئىگە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا راك كېسەللىكلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا راك كېسىلىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا ئەڭ زور تەھدىت يارىتىۋاتقان ئاپەت، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان ھەر 8 كىشىدىن بىرىنىڭ ئۆلۈمىگە راك كېسىلى سەۋەب بولۇۋاتقان بولسا، بۇندىن كېيىن ھەر يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى 2012- يىلىدىكى 14 مىليوندىن 22 مىليونغا، راك كېسىلى بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى بولسا ئوخشاش مەزگىلدىكى 2.8 مىليوندىن 13 مىليونغا ئۆرلەيدىكەن. دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەر راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش خىزمەتلىرىگە قارىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
راك كېسەللىكلىرى يارىتىۋاتقان ئومۇمىي ئىقتىسادىي چىقىم دۇنيا بويىچە 16.1 تىرليون دوللار. ئىقتىسادىي باي دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر يۈك بولۇۋاتقان بۇ چىقىمنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان بېسىمى بولسا ئىنتايىن ئېغىر. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق بىر شارائىتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى راكتىن قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى قاتتىق تەكىتلىگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، دۇنيادىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان تۈرلەردىن بولۇپ، ھاراق - تاماكىنى تاشلاش، يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش، ۋاقتى - ۋاقتىدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئوخشاش تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىقمۇ راك كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىقمۇ جىگەر راكى ۋە بالىياتقۇ راكىغا ئوخشاش يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
ھازىر ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان راك كېسەللىكىنىڭ بىرى ئۆپكە راكى بولۇپ، ئۇ راك كېسەللىرىنىڭ 13 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. يەنى يىلدا 8.1 مىليون كىشى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن. خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مۇتەخەسسىسلەر تاماكا ئىستىمالىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۆپكە راكى نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەر شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى تاماكا ئىستىمالىنى ئازايتىش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلەرنى ھاراق ۋە يۇقىرى شېكەرلىك ئىچىملىكلەرگىمۇ ئوخشاشلا يولغا قويۇشنى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆپكە راكىدىن قالسىلا، ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى ۋە جىگەر، ئاشقازان راكلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان راك تۈرلىرى ھېسابلىنىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، يەر شارى نوپۇسىنىڭ قېرىشى، سانائەتلىشىش قاتارلىق ئامىللارمۇ راكنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. راك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە كۆپ كۆرۈلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان نوپۇس، سانائەتلىشىش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق ئىكەن. ھازىر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتى، راك بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ 70 پىرسەنتى ئافرىقا، ئاسىيا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تىلغا ئېلىنغان رايونلاردىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي دۇنيادا راك كېسىلى سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتايدا 2013- يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتايدا مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى يېڭىدىن بايقالغان راك كېسەللىكلىرى ئۈچ مىليون 120 مىڭغا يېتىدىكەن، يەنى خىتايدا ھەر بىر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدىكەن. ھەر يىلى راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى مىليون 700 مىڭ كىشى.
دوكلاتلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلى راك كېسىلى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئىزچىل ئۆرلەپ ماڭغان بولۇپ، قىزىل ئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار كۆپەيگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم بومبا سىنىقىدىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا راك كېسەللىكىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.