ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ۋە كۈنسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر بىمارلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن پسىخولوگلار بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلاردىكى پسىخىكىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئىلگىرىكى زامانلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەلۇمكى، روھىي بېسىم ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مەنىۋىي سىقىلىشتىن كېلىپ چىققان پىسىخىك نورمالسىزلىق ئەگەردە بىر مىللەت ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىي مۇھىتىنى چىرمىۋالسا، ئۇلارنى نورمال ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇلاردىن، تەپەككۇر ساغلاملىقىدىن ۋە شۇنداقلا ئىچكىي ئېنىرگىيەدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا ئەركىن دۇنياغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك روھىي بېسىم ئىچىدە ئۆتكەن كەچمىشلىرىدىن ھېكايە تەقدىم قىلدى.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىم ئىچىدە نورمال ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-دوختۇرخانا يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇر بىمارلارنىڭ سانى باشقا مىللەتلەرلەرگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك كۆپەيمەكتە ئىكەن.
ئۇ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: « مەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا پسىخىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغىنەمنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچى 4-دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم. كىشىلەر ئادەتتە بۇ دوختۇرخانىنى ئۈرۈمچى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. مەن ئاغىنەمنىڭ ياتىقىدا بىر كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدۇم. ئۇ ئىلگىرى ساغلام ۋە نورمال بىر ئىنسان ئىدى، لېكىن كېيىنكى مەزگىللەردە "مىللىي ھېسسىياتى يوقىرى" دېگەن سۆز بىلەنلا ئىدارىسىدىكى خىتاي باشلىقلار ۋە خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەپتۇ. كۆز ئالدىدىكى ئېغىر سىياسىي بېسىم، ناھەقچىلىك ھەمدە مىللىي خورلۇق ئۇنى روھىي جەھەتتىن سۇندۇرۇپ ئاخىرى ئۇ پسىخىك كېسەلگە مۇپتىلا بوپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش جەريانىدا مەزكۇر دوختۇرخانىنى كۆزەتتىم. پسىخىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ مەزكۇر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 70-80% بىمار ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە كۆرۈنۈشىدىن كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەردە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى نەچچە مىليون ئاھالە ياشايدىغان چوڭ شەھەر. بۇ يەردىكى 80% تىن كۆپرەك شەھەر ئاھالىسىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ، مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ئازابلاندىم. ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە - يات تۇپراقلارغا بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش يولىنى تاللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە پسىخىك توسقۇنلۇققا ياكى روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار شۇنچە ئاۋۇپ كېتىدۇ؟... ئەلۋەتتە، بۇ سوئاللار سىزنى ۋە بىزنى، شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرىدۇ!...»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00