ئۈرۈمچى بازارلىرىدا ساختا تۇز يامرىغانلىقى، كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى مەلۇم
2015.12.09
ئالاقىدار مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى بازارلاردا سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزدىن تەييارلانغان ساختا تۇز كۆپلەپ بايقالغان. بۇ خىلدىكى تۇز ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولسىمۇ، زىيارەت جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن ھەمدە مۇشۇ خىلدىكى زەھەرلىك تۇزنىڭ زىيىنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقى، تۇرپان-قۇمۇل ۋادىسى، شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى قىسىملىرى ئۆزىدىكى مول تۇز بايلىقى بىلەن مەشھۇر. جۈملىدىن لوپنۇر كۆلى، تۇز كۆل قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ كۆللەردىن چىقىدىغان تۇز مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن مەزكۇر رايوننىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ ئىچكى دەريالارنىڭ كۆپ بولۇشى، قۇرغاق ۋە ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى تۈپەيلىدىن بۇ يەردىكى كۆللەردىن چىقىدىغان تۈز باشقا جايلاردىكى دېڭىزلاردىن چىقىدىغان تۇزدىن پەرقلىنىدۇ.
«تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاشتۇزنىڭ زاپاس مىقدارى بىر مىليارد 200 مىليون توننا، شور تۇزنىڭ زاپاس مىقدارى 175 مىليون توننا بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي تۇز بازىلىرىنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما، يېقىنقى ئالاقىدار مەلۇماتلار ئۇيغۇرلار دىيارىدا شۇنچە كۆپ زاپاس تۇز مىقدارى مەۋجۇت بولۇۋاتسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى بازارلاردا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان ساختا ئاشتۇزلىرىنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
«خەلق» تورىنىڭ 2015-يىلى 7-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دېكابىر ئېيىغا قەدەر بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا تۇزنىڭ ئومۇمى مىقدارى 1750 توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا بەش ھەسسە ئاشقان. بۇ يىل 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى تۇزچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۆشۈكتام (ساڭفاڭگو) ۋە ئۇلانبايدىكى بىرنەچچە ئامباردىن 200 توننىغا يېقىن ساختا ئاشتۇزىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە مۇسادىرە قىلغان. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتمەي يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 50 توننىغا يېقىن ساختا تۇز ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئامبار پاش بولغان.7-دېكابىرغا كەلگەندە بولسا ئۈرۈمچىدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك تۆت مېھمانخانىدا مۇشۇنداق سۈپەتسىز ساختا تۇزنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايقالغان.
مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئەھۋالنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىرلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشقا شەھەر ۋە ناھىيىلەردە ساختا تۇزنىڭ ساقلىنىش، سېتىلىش ۋە يۆتكىلىش ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى نامەلۇم.
ساختا تۇز ئۇۋىلىرى يەنە كۆپ بولۇش مۇمكىن
بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساختا تۇز سېتىش ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇزچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم بازارلاردا ھەقىقەتەنمۇ ساختا تۇزنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچكىرىدىن توشۇپ كېلىنگەن سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزنى قايتىدىن ئوراپ چىقىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاڭلىغانلىرىڭىز توغرا. بىز ئىنتايىن كۆپ ساختا تۇزنى مۇسادىرە قىلدۇق. بازارلاردا ھېلىمۇ زور مىقداردىكى ساختا تۇز مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا پاش بولمىغان ساختا تۇز ياساش ئورۇنلىرى بار. بىز يېقىندا بۇنىڭدىن تۆتنى پاش قىلدۇق. بىر قىسىم كىشىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان نەرسىسىگىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىپ، خەلقنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. ‹نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟› دېسىڭىز، شۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن. ئۇلار ئىچكىرىدىن سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزنى توننىسىنى يەتتە-سەككىز يۈز كويدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن بۇ يەردە ئۇلارنى قايتىدىن كىچىك خالتىلارغا قاچىلاپ چىقىدۇ. پۈتۈن يول خىراجىتى، ئوراش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندىمۇ بۇنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئاخىرقى تەننەرخى بەك چىقسا مىڭ كوي چىقار. ئاندىن توپ تارقىتىش بازارلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ توننىسىنى تۆت مىڭ كويدىن ساتىدۇ. بۇ يەردە مۇشۇنداق چوڭ ھارام پايدا بار. شۇڭا بۇنى قىلىدىغانلار تۈگىمەيۋاتىدۇ.
مەزكۇر ئالاقىدار خادىم تەكشۈرۈپ تېپىلغان ساختا تۇزلارنى مۇسادىرە قىلىش ۋە جەرىمانە قويۇشتەك ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىچىك دۇكانلاردا بۇ خىلدىكى ساختا تۇزلارنىڭ كۆپلەپ بايقالماقتا ئىكەن، چۈنكى كۆپ قىسىم دۇكان خوجايىنلىرى باھا قوغلىشىپ ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۈرۈمچىدىكى توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن بۇ خىلدىكى ساختا تۇزلارنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
مەزكۇر ئالاقىدار خادىم مۇنداق دېدى: «مۇسادىرە قىلىپ تۈگىتەلمىدۇق. مەن سىزگە ھېسابلاپ بېرەي. ئالتىنچى ئايدىن باشلاپ بىزگە ساختا تۇز ھەققىدىكى پاش قىلىش ئۇچۇرلىرى كەلگەن. بىز ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇلارنىڭ ساختا تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىدىن تۆتنى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار يەنە ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ياسىغان نۇرغۇن مىقداردىكى ساختا تۇز ھېلىھەم بازارلاردا بولۇشى مۇمكىن. يېمەكلىك بازىرىدىكى خوجايىنلار، جاھانكەزدى سودىگەرلەر، كۆكتات بازىرىدىكى خوجايىنلار پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلار بۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ‹تۇز بازىرى قويۇۋېتىلىدىكەن› دېگەن گەپلەر چىققاندىن كېيىن بۇ گەپ تېخى ئەمەلىيلىشىپ بولمايلا بۇ نەپسانىيەتچى سودىگەرلەر ساختا تۇز ياساشنى باشلىۋەتكەن گەپ. ئەمما بۇ تۇزلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىدىكى سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇزدىن ياسالغان. تۇز سودىگەرلىرى يول بويلىرىدىكى كىچىك دۇكانلارغا مۇشۇنداق ساختا تۇزدىن بىرەر-ئىككى ھارۋىدىن سېتىپ غىپلا قىلىپ تىكىۋېتىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، مۇنچە كۆپ ساختىپەزلەرنى تۇتۇپ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.»
سانائەت تۇزى ئادەمگە زىيانلىق
«خىتاي يېمەكلىك پەن-تېخنىكىسى تورى» دىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇزدىن تەييارلانغان ساختا ئاشتۇزلىرىنىڭ ئاساسلىق زىيانلىرى مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن ئىپادىلىنىدىكەن: بىرىنچى، ئۇنىڭدا ئىنسان بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يود ماددىسى قوشۇلمىغان بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇنىڭدىكى ئېغىر مېتاللارنىڭ مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ئىنسان بەدىنىدە توپلىنىۋەرسە سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بۇ خىلدىكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇز تەركىبىدە ناترىي نىترىت قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ئادەم ئاشقازىنى ئۈچۈن ئەجەللىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تېخنىكا بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ياڭ فامىلىلىك خىتاي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى بولغان مۇراتمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىلدىكى ساختا تۇزلارغا يود قوشماسلىق ھادىسىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىزلىكى مەلۇم
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېمەكلىك بازىرىدا ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى ھازىرقى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى ئۈچۈن دائىملىق شىكايەت تېمىلىرىنىڭ بىرى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇلۇغلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان، شۇنداقلا كۈندىلىك ئىشلىتىلىش مىقدارى بىرنەچچە قوشۇقتىن ئاشمايدىغان، لېكىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۈچۈن كەم بولسا زادىلا بولمايدىغان ئاشتۇزىغا چۈشۈۋاتقان بۇ خەۋپنىڭ بولغۇسى زىيىنى ھەققىدە ئۈرۈمچى، سانجى ۋە غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ھەقىقىي ئاشتۇزى بىلەن ساختا تۇزنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى قانداق؟
ئاخىرىدا بىز ھەقىقىي ئاشتۇزى بىلەن ساختا تۇزنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاددىيراق ئۇسۇللىرى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇزچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خىتاي تېخنىك خادىم تۇز خالتىلىرىدىكى ساختىلىقتىن ساقلىنىش ماركىسىغا قاراش، خالتا ئېغىزىنىڭ تىكىلىشىدىكى نەپىسلىك دەرىجىسىگە قاراش، ساختا تۇز خالتىلىرىدا سىزىقلىق كودنىڭ ئېنىق بولمايدىغانلىقى قاتارلىق بىرنەچچە ئالاھىدىلىكنى تونۇشتۇرۇپ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل سۈپىتىدە ئۇنى بەرەڭگە (ياڭيۇ) يۈزىگە تۆكۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.
بۇنى ئاسانراق ۋە بىۋاسىتە پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: خېرىدارلار بۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيىدە بەرەڭگىنى ياپراق قىلىپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز تۆكۈپ باقسا بولىدۇ: ئەگەر تۇز راست بولسا تۇزنىڭ رەڭگى كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر يالغان بولسا ھېچقانداق رەڭ ئۆزگىرىشى يۈز بەرمەيدۇ.
ئۈرۈمچى بازارلىرىدىكى ساختا ئاشتۇزلىرىنىڭ سېتىلىش ۋە ئىستېمال قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى زىيارەت جەريانىدا بۇ خىل ھادىسىنىڭ ھېلىمۇ زور دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىقى بىۋاسىتە خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ خىلدىكى ساختا تۇزلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىملىقى ئايان بولدى.