يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 10-خەلقئارالىق شېئىرىيەت بايرىمى بولۇپ ئۆتتى.
تۈركىيە يازغۇچىلار ئىتتىپاقى، قىرغىزىستان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ۋە قىرغىزىستان مىللىي يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، ماكېدونىيە، مولدوۋا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان، ياقۇت (ساخا)، خاقاسىيە، باشقۇرتىستان، ئالتاي جۇمھۇرىيەتلىرى، قىرغىزىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردىن كەلگەن 21 تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 80 دىن ئوشۇق ۋەكىلى قاتناشقان.
تۆت كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر بايرام داۋامىدا يۈسۈپ بالاساغۇنى، ماناس، نامىق كامال، يۇنۇس ئەمرى، سېزايى قاراكۆچ قاتارلىق بۈيۈك نامايەندىلەرگە بېغىشلانغان شېئىرىيەت كېچىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى، قىرغىز مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى ئانسامبىلىنىڭ چوڭ كونسېرتى كۆرسىتىلدى، مېھمانلار تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلدى، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى ۋە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا شائىرلار پەخرىي يارلىقلار بىلەن، ئەڭ ياخشى دەپ تاللاۋېلىنغانلار بولسا، باھالىق سوغىلار بىلەن تەقدىرلەندى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى نامىدىن بارغان ۋەكىللەر قاتارىدا بولغان شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.