ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-27
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن قازاقىستاننىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «ئۆتنە ئالەم» ناملىق رومانى يورۇق كۆردى.
2013-12-13
بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر تورلىرىدا لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بۇھەجەر ئابلانىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەنلىكى، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي موھتاجلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇراجەتنامىلەر تارقالدى.
2013-12-03
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان ماتېرىيالىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان ھەر تۈرلۈك مېيىپ كىشىلەر سانى بىر مىليون 69 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 69 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
2013-12-02
ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا 2013-يىلى 9-ئايغىچە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 40 مىڭ 122 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ 7070 نەپىرى ئۆلگەن. ھازىر 25 مىڭ 846 نەپىرى ھايات، 7206 نەپىرى ئەيدىزنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرگەن.
2013-11-26
قەشقەردىكى 24 ياشلىق ستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ئاينۇر خالىق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، خالىس ھالدا، «ئانامنىڭ ئۆيى» مېڭە پارالىچ بالىلارنى داۋالاش سىنىپى ئېچىپ، بۇ خىل بەختسىز بالىلارنى داۋالىماقتا.
2013-11-25
چەرچەن ناھىيىسىنىڭ تۇرا، كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىلىرىدا 2389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. رايوندىكى خەلق يەر تەۋرەش ئاپىتى بىلەن تەڭ يەنە قار ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن.
2013-10-22
خوتەننىڭ لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىدا قىزىش، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، شۇ كۈنى ۋە ئەتىسى جەمئىي 133 ئوقۇغۇچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى رادىئومىزغا، تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى، دەپ ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.
2013-10-21
«Tramadol» نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن يەنە ياش-ئۆسمۈر ۋە ستۇدېنتلارنىڭ جىسمى ۋە روھىنى پۈتۈنلەي زەھەرلەپ، ئىرادىسىنى كونترول قىلىپ غايىلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، تېنىنى زەئىپلەشتۈرمەكتە. بۇ زەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يوشۇرۇن تەھدىت كۆرسەتمەكتە.
2013-10-08
خوتەن لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە رادىئومىزغا ئىنكاس كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرىمىز ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ئىدى.
2013-10-04
ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ 26 - كۈنى خوتەننىڭ لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەدە 190 نەپەر بالا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەھەرلىنىپ شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
2013-09-19
بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتقا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بېرىلىپ كېتىشى، ئۇنى ئاتا-ئانىنىڭ نازارىتىسىز قوللىنىشى ۋە كېرەكسىز ئىشلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىشى نەتىجىسىدە، پىسخىكىي ۋە ئىجتىمائىي مۈشكۈلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2013-09-18
ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت پائالىيىتىدە ئەخلاقسىزلىق، مۇھىتنى ئاسرىماسلىق، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماسلىقتەك قىلمىشلىرى، زور مۇھىت بۇلغىنىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، يەرلىك خەلقنىڭ بىزارلىقىنى قوزغىماقتا.
2013-09-17
ياۋاغ ساقچىخانا خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، كېرەمباغدا خىتاي شىركىتى قۇرۇلۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر بىنا بوران تەسىرىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە بىر تۈركۈم ئاھالىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان.
2013-09-05
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش خىزمىتى يىللىق يىغىنىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا، يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە قولغا چۈشۈرگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ مىقدارى 2 توننىدىن ئاشقان.
2013-08-31
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 127 ياشلىق خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئالمىخان سېيىتنىڭ ئانىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا جىنس رېكورتىغا ئۆزىنى ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.