ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-29
8-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى ۋە جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستان ئەپەندىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن تەنتەنىلىك باشلانغان.
2014-12-19
يېقىندا ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدە چاقىرىلغان «3 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا 160 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، پائالىيەتچى ۋە سىياسىيونلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئاتوم قوراللىرىنى يوقىتىشقا ۋە چەكلەشكە چاقىردى. بۇرۇن مەزكۇر يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنى قانداق قوغداش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ۋىيېنادا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپەتلىرى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2014-12-01
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بېرىنخارد شۋاتلەندېر، 1-دېكابىر «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» خىتاينىڭ «جۇڭگو گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ئۈنۈملۈك ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2014-11-04
«يۇرتىمىزدىن چىققان كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ، پۈتۈن ئىس-تۈتەكنى بىزگە قالدۇردى، ئەمما ئۇنىڭدىن چىققان توكنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ!...»
2014-10-23
مول مەزمۇنلۇق، يېقىملىق، ياڭراق ناخشىلىرى، ئۆلمەس ئىجادىي مۇزىكىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، خەلق سەنئەتكارى، ئەلسۆيەر ناخشىچى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسەن ياشتىن ھالقىدى.
2014-10-14
بۇندىن 7 ئاي بۇرۇن تايلاندتىكى بىر ئورمانلىقتىن 296 ئۇيغۇرنىڭ بايقالغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خانىم-قىزلار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى بۇلارغا بۇرالغان ئىدى.
2014-09-04
ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك نامى تىلغا ئېلىنسا بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان «خىروئىن»، «كوكائىن»، «نەشە»، «گىلدىڭباش كۇمىلىچى» دېگەندەك بىر قانچە خىل زەھەر يادىمىزغا كېلەتتى.
2014-08-20
قەشقەرنىڭ بەشكېرەم، ئاتۇشنىڭ ئازاق، ئۈستۈنئاتۇش قاتارلىق يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار توردا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنى «ياشىڭ ئېغىر سانائەت رايونى» پەيدا قىلغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا دىققەت قىلىشقا ۋە دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. مۇراجىئەتنامىدە كۆرسىتىشىچە، قەشقەر - ئاتۇش ئوتتۇرىسىدىكى «ياشىڭ ئېغىر سانائەت رايونى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ قۇرۇلۇش مەزكۇر يېزىلارغا ئارامسىزلىق ۋە نورمالسىزلىق ئېلىپ كېلىشكە باشلىغان.
2014-08-11
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر 932 غا يەتكەن، 1700 كىشىنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان.
2014-08-05
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي شەھەرلىك مايتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئابلىكىم مىجىت، خىتاي دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا داۋالىنالماي 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 10 دىن ئاشقاندىن ئۈرۈمچە ئالەمدىن ئۆتكەن.
2014-07-22
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى 22-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىغان. بۇ يەرمەنكىگە خىتاي ۋە چەتئەللەردىن 1019 شىركەت قاتناشقان.
2014-07-02
خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرەلمىگەن ئۇيغۇر تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شىپاخانىلىرى تاقالغان. ئۇلار ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنچە كېسەل كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان.
2014-07-01
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي تىلى قىلغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كەلگەن.
2014-06-25
دائىرىلەر ئىمتىھانغا قاتناشقان تېۋىپلاردىن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانىنى بىر تۇتاش خىتاي تىلىدا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خوتەن رايونىدىكى تېۋىپلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالمىغان.
2014-05-20
خوتەن شەھىرىدىكى لاسكۈي يېزىسىدىكى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر، كېچىدە كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ، مەھەللىسىدىكى مازارلىققا چىقىپ كەتكەن ۋە كەنتنىڭ سابىق سېكرېتارى ئالىماخۇن بىلەن ئابدۇللا مەسۇتاخۇننىڭ قەبرىسىنىڭ كىچىك تۈۋرۈكىنى چېقىۋەتكەن.