«خىتاي چۈشى» گە يەم بولۇۋاتقان تارىم بوستانلىقلىرى (1)
2017.11.16

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام ئەتكەن تارىخىدا ئىزچىل ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن بىر ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ تارىم ۋادىسىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر بولغان سۇ ۋە سۇ مەنبەسى.
قەدىمىي «يىپەك يولى» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان رىۋايەتلەردە دائىملىق تېما بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىمۇ دەل سۇ مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى سۇ بۇ رايوندا ئالدى بىلەن ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىرىنچى ئامىلدۇر.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قۇرغاق كىلىماتنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى پۈتكۈل رايون مىقياسىدىكى ئومۇمىي سۇ زاپىسىنىڭ نىسبەتەن تۇراقلىق ھالەتتە بولۇشى ئىكەن. ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تولىمۇ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى تاغلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان دەريا-ئېقىملار بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاساسلىق بوستانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنە شۇ سۇ مەنبەلىرى بويىغا جايلاشقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاشۇ خىل مۇھىت بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەن. بۇ خىل ھالەت بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا تارىخنامىلەردە ئورۇن ئېلىپ كەلگەن تارىم ۋادىسىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىدىن تارتىپ تاكى زامانىمىزغا قەدەر ئاساسەن مۇقىم داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، تارىختا تارىم ۋادىسىدىكى بىر مەھەل گۈللەنگەن شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم دەۋرلەردىن كېيىن تەكلىماكاندىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. بۇ تارىخىي تراگېدىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇھىت ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ ئاشۇ شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبەلەرنىڭ غايىب بولۇشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇ ھەقتە ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئالاھىدە توختالدى.
ھالبۇكى، 1950-يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ھەمدە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەبىئىي ۋە سۈنئىي ھادىسىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ مەنبەسىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكول مورگرېت بۇ مەسىلىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدا تەبىئىي ئامىللاردىن باشقا سۈنئىي ھالدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يەنە بىر ئامىل بار: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن چەمبەرچاس مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك بىرلىكىگە ئىگە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەندىشىگە چۈشكەن خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن بۇ جايلاردا «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نامىدىكى يېرىم ھەربىي، يېرىم دېھقانچىلىق شەكىلنى ئالغان غايەت زور سىستېمىنى بەرپا قىلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ بىڭتۇەنلەر ئىچكىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا كەلكۈندەك كۆچۈپ كېلىدىغان ئاقما نوپۇسنىڭ يىغىلىدىغان ئەڭ چوڭ بازىلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئادەم ئامىلىنىڭ سانى ئاشقانلىقتىن، بىڭتۇەنلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەسىنى خالىغانچە كونترول قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. بۇ بولسا پۈتكۈل رايوننىڭ تەبىئىي سۇ تەقسىماتىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئانچە بىرنەرسە بىلىپ كەتمەيدىغانلار بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر تۈرلۈك بايلىق، دەپ قارىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى غايەت زور ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە بىر-بىرىگە باغلاشتا ئۇيغۇرلار بىر ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇندىن بۇيان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بىر زور تەھدىت، دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا باياتىن بىز تىلغا ئالغان مەدەنىيەت ۋە تىل يېقىنلىقى بىر سەۋەب بولسا، يەنە بىر ياقتىن شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىگە ئازدۇر كۆپتۇر ئۇلىنىدىغان سىياسىي باغلىنىشمۇ رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش› نىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە خىتاي دائىرىلىرى بۇ جايدا ‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى› نى قۇرۇپ چىقتى. بىڭتۇەنلەرنىڭ نوپۇسى پۈتۈنلەي خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار يېرىم ھەربىي تۈزۈلمە شەكلىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر خىل ‹تەرەققىيات› دولقۇنلىرى، جۈملىدىن ‹غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش› قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ بۇ جايلاردىكى خىتاي نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيدى.»
نىكول بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەر، شۇ قاتاردا سۇ مەنبەسىنىڭ تارىيىشى ۋە بۇلغىنىشى ھەققىدە بىرەر ئەمەلىي چارە قوللىنىشنىڭ ئورنىغا داۋاملىق «مۇقىملىق» مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ چىققانلىقىنى، ھازىر بولسا بۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۇنجى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى› ئاچتى. بۇ خىلدىكى يىغىنلار تىبەت رايونىدا بەش قېتىم ئېچىلغان ئىدى. شۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوخشاش بولمىغان شەھەر ۋە ئۆلكىلەر بىلەن چېتىپ قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىدىكى بۇ سانائەت بازىلىرى شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە قېزىشقا باشلىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بولسا بۇلار رايوندىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ‹تەرەققىيات› دەپ خەۋەر قىلىنىشقا باشلىدى. ئىككىنچى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى› دا بولسا مۇھىم نۇقتا شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە بەكرەك مەركەزلەشتى. شىنجاڭدىكى ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› مەسىلىسى رايوندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولغاچقا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ‹ئاسماندا تور، يەردە قاپقان› دېگەن شەكىلدىكى كونتروللۇق تورىنى قۇرۇپ چىقتى. كىشىلەر بۇنى ‹قاپقان ۋە تور› سىستېمىسى، دەپ ئاتاۋاتقانلىقى مەلۇم.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ مەنبەسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان تارىم ۋادىسىدىكى بارلىق دەريا ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغۇچى ئېگىز تاغ مۇزلۇقلىرى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربنى ئېچىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ئاساس قىلىنغان زور كۆلەملىك سانائەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى بولسا ھازىر بۇ مۇزلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىقلىم ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋەتكەن.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولغان ئامېرىكىدىكى مۇھىتشۇناس فاراداي خانىم (A.A.Faraday) خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈرنى كۆمۈر گازىغا ئايلاندۇرۇپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىشى ھەمدە ئۇنىڭ رايون مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى «كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش» جەريانىدا مۇھىت بۇزۇلۇشتىن باشقا سۇ بايلىقى غايەت زور دەرىجىدە سەرپ بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، نۇرغۇن كىشىلەر كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمەن مۇھىتقا زىيانلىق، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ جەرياندا غايەت زور سۇ سەرپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك غايەت زور مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ راستىنلا مۇھىتقا زىيانلىق. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىكى سۇ مەنبەسىنىڭ تارىيىپ كېتىشىدە شۇنداقلا تارىختىكى ھەرقايسى باسقۇچلاردا بۇ ھالنىڭ كۆرۈلۈشىدە مۇھىم بولغان بىرنەچچە سەۋەب بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىلنى ئالساق ئۇ دەل ئىقلىم ئۆزگىرىشىدۇر. ئۇزاق مەزگىل داۋام قىلغان بۇ ھادىسىنىڭ ھازىر تېزلىشىپ كېتىشىدە ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە تارىم ۋادىسىدىكى سۇ مەنبەسىنى تەمىن ئېتىۋاتقان ئېگىز تاغ مۇزلۇقلىرى ئۆتكەن ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە ئېرىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرچە (شىنجاڭدا) مۇزلۇقلارنىڭ مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە ئېرىشى تۈپەيلىدىن يەنىلا خېلى زور مىقداردا سۇ مەنبەسى بار، دەپ ئېيتالايمىز. ئەمما مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى بەك تېز بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئېرىپ كەتكەن مۇزلۇقنىڭ دەماللىققا ئەسلىگە كېلىش پۇرسىتى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئەگەر بۇنىڭغا قارشى بىرەر چارە كۆرۈلمەي، مۇزلۇقلار مۇشۇ سۈرئەتتە ئېرىگىلى تۇرسا بەلكىم كەلگۈسى يۈز يىل ئىچىدە مۇزلۇقلار ئېرىپ تۈگىشى مۇمكىن. بۇ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ تارىيىش سۈرئىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەنە بىر مۆجىزە بولغان «كارىز» يوللىرىنىڭ سۇ مىقدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ بولسا كارىزنى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى قىلىدىغان رايونلارنىڭ ئىچىملىك سۇ ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش ئىشلىرىغا ئېغىر پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
(داۋامى بار)