خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا سۇچىلىق ئىشلىرىنى كىم ۋە نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرماقتا؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.10.13
xoten-su-derya-qurup-ketish.jpg قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دەريا. 2012-يىلى ياز، خوتەن.
RFA

2010-يىلى خىتاي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئاچقاندىن بۇيان «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە سۇچىلىق ئىشلىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولىمىز» دېگەننى رايوندىكى سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى قىلىپ كەلمەكتە.

مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرېتارى دۇ چىڭلىن يېقىندا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سۇ مەسىلىسى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق سۈيىنى تېجەش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى»نى قايتا تەكىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سۇچىلىق ئىشلىرىدەك ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى مۇقىملىقنىڭ ئاساسىي قىلىپ سىياسىيلاشتۇرۇپ جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قاتناشقان 10-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سۇ مەسىلىسى سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ۋە بىڭتۇەن سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشىچە، 2015-يىلى ئاپتونوم رايون 34 نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن ۋە بۇنىڭ بىر قىسمى قۇرۇلۇش باشلاپ بولغان، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى سۇچىلىق ئىشلىرى «سېلىنما كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەڭ كۆپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز، خەلق ئەڭ نەپكە ئېرىشتۈرۈلۈدىغان» دەۋرگە قەدەم قويغان.

يىغىندا سۆز قىلغان جاڭ چۈنشيەن كىلىمات، جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلىدىن، رايوننىڭ ئېكولوگىيىسى ئاجىزلىقى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇتلۇقىنى ھەمدە سۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەنە «سۇچىلىق شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، باشلامچى قۇرۇلۇش، يادرولۇق قۇرۇلۇش. سۇچىلىق راۋاجلانسا، شىنجاڭمۇ راۋاجلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ سۇچىلىق ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىمىز، بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، راۋاجلىنىپ زورىيىشىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم رولىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېگەن.

مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرېتارى دۇ چىڭلىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق تېزلىتىشنى تىلغا ئالغاندا، مەخسۇس بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ «شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، بىڭتۇەننى سۇچىلىق ئىشلىرىدا قوللاشنى زورايتىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشنى سۇچىلىق ئىشلىرى بويىچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 25-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە، مەملىكەت بويىچە «سۇچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» نى ئاچقان ئىدى. يىغىندا بەش يىلدىن بۇيانقى سۇچىلىق ئىشلىرى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە «سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش» پىلانغا ئېلىنغان ئىدى.

شۇ چاغدا شۆھرەت زاكىر: ‹‹سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال پىلانلايمىز ۋە جايىدا ماسلاشتۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە سۇچىلىق ئىشلىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولىمىز»دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئۇنىۋېرسال ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېنكې 2011-يىلى 10-ئۆكتەبىر شىنجاڭنىڭ ئۇچ بوغۇز قۇرۇلۇشى يەكەن دەرياسى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىدا: «بۇ قۇرۇلۇش يەرلىكنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنىدى.

ئامېركىدىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى "ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ئىشلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش-نىڭ جىددىي تەييارلىقى، تاجاۋۇزچىلىق ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى" دەپ ئانالىز قىلدى :

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئارقىمۇ ‏-ئارقا سىياسەتلەرنى چىقىرىش بىلەن بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ناھايىتى زور سۇ بايلىقى زاپىسى تېپىلغانلىقىنى، ئۇنى ئىچىشنىڭ زۆرۈرىيىتى، زور سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى،، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تورىنىڭ سۇچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلەپ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە، 2015-يىلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قەشقەر ۋىلايىتىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان 127 سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ 123 تۈرىدە ئىش باشلانغان. ھازىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىۋېتىپتۇ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردىمۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ يىل ئىچىدە تاماملاشنى پىلانلىغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئەسلىدىلا كەمچىل بولغان سۇ بايلىقىنى تېجەش ۋە سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىمىسىدىكى رېئاللىققا زىت ھالدا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ ئۆزى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سۇ قۇرۇلۇشلىرى يەرلىك دېھقانلارغا يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ باھاسى، سۇ ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر زىيان ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، نارازىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى سۇ مەسىلىسىنى مۇقىملىق مەسىلىسىگە تاقاپ تۇرۇپ نارازىلىقلارنى قاتتىق باستۇرۇش چارىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق سۇ مەسىلىسى تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلەپ،يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زور دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان بولسا، يېقىنقى يىللاردا يەنە ئاتالمىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى تۈرتكىسىدە سۇ تەقسىملەش ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەنلىكى، شۇڭا بۇ سۇچىلىق تەرەققىياتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە، ئىنكاس ۋە ئاشكارا بولغان مەلۇماتلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئېيتقاندەك سۇ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىشى قالايمىقان ئېچىپ ئىشلىتىشى ۋە سۇ مەنبەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا زور بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم، ئىلگىرى تۇرپان ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پارا ئالغانلىقتىن10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. يەنى 2014-يىلى 3-سېنتەبىر پۇكاڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى تۇرپان ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ساۋ پېيۋۇنى پارا قوبۇل قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ساۋ پېيۋۇ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلاردىن جەمئىي 2 مىليون 510 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى پارا ئالغان. مۇناسىۋەتلىك خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن ساۋ پېيۋۇ، ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىدى. ئۇ ئەسلى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تۇرمۇشتاناھايىتى ئىقتىسادچان ئىدى، ئۇ بىر تال ئاسما مايكىنى 30 يىل كىيگەندىن كېيىن تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان، بىراق ئۇ تۇرپاندا بۇ مەنسەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن زور مىقداردا تاپان ھەققى قوبۇل قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.