خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى
2015.10.19

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 19-ئۆكتەبىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ يولغا قويماقچى بولغان بۇ قېتىمقى سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمىنى 2005-يىلىدىكى سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ھەق ئېلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر (بازار)لاردىكى تۇرۇبا سۈيى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمى ئازراق ئۆستۈرۈلگەن. سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى كۆپرەك ئۆستۈرۈلگەن. 30 يىللىق ھۆددىگە بېرىلگەن يەردىن باشقا يەرلەرنىڭ سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.
يېڭى سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى، ئاساسلىقى، شەھەر ئاممىۋى تۇرۇبا سۈيى، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلمەيدىغان سۇ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋە يېزا تۇرمۇشى، باقمىچىلىق، جامائەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن ئىبارەت بەش تۈرگە بۆلۈنىدىكەن.
تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلمەيدىغان سۇ بايلىقى ھەققى، شەھەر (بازار)لاردىكى تۇرمۇش، كۆكەرتىش ۋە ئاممىۋى ئىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىغان زاپاس سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمى شەھەر (بازار)لاردىكى ئاممىۋى تۇرۇبا سۈيى بايلىقى ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى زاپاس سۇ بايلىقى، ماشىنا يۇيۇش، مىنېرال سۇ ئىشلەش، ساپ سۇ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى زاپاس سۇ بايلىقى مەنبەسى ئۆلچىمىدە يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى يەر ئۈستى سۈيى ئۆلچىمى يەر ئاستى سۈيىنىڭ %50i بويىچە بېكىتىلگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن تارقىتىدىغان ئۇچۇر مەنبەلىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سۇ ھەققىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۈرۈمچى سۇ ۋە سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىرقى ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرىچە سۇ ھەققى 1.36 يۈەن (ھەر كۈپ مېتىر) بولۇپ، ئۇنى 2.34 يۈەنگە تەڭشەپ، تەڭشىلىش نىسبىتىنى %72.06ke يەتكۈزۈش؛ ھازىرقى ئالتە تۈرلۈك سۇ ھەققى ئۆلچىمى بويىچە، تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسىنى 1.16 يۈەندىن 1.66 يۈەنگە، سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سودا، مۇلازىمەتكە ئىشلىتىدىغان،كۆكەرتىش، مۇھىت ئاسراش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ھەر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسىنى 50% ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى بېكىتكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە سۇ قىس رايونلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 947 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملىق نوپۇسىنى 3 مىليون 360 مىڭ دەپ ھېسابلىغاندا، كىشى بېشىغا 291 كۇب مېتىردىن توغرا كېلىدىكەن. بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغىمۇ يەتمەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى سۇ ھەققىنى تەڭشەشنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر، ئاھالىلەرنىڭ سۇ تېجەش ئېڭى بىر قەدەر تۆۋەن، سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تېجەش ۋە ئېچىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ باھاسى 2005-يىلى تەڭشەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان تەڭشەلمەپتۇ. مەملىكەت بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ باھاسى تۆۋەن ھېسابلىنىدىكەن.
يېڭى سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى، ئاھالىلەر تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، باقمىچىلىق ۋە ئاممىۋى ئىشلاردا ئوخشاشلا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ھازىرقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يەرلەرنى سۇغىرىشتا يەر ئاستى سۈيى، يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلەتكەنلەردىن ئومۇميۈزلۈك سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىنىدىكەن ئۇنداقتا كېلەر يىلدىن باشلاپ سۇ بايلىقى ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە ئاممىنىڭ رايى بارامدۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆتۈرەمدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن كۇچا، خوتەن ۋە كورلىنىڭ ئوخشىمىغان يېزىلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
خىتاي دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بۇ يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈردىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە بىخەتەر سۇ ئىچىش شارائىتىدىن مەھرۇم تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شايارنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى بىر دېھقان يىگىت، بۇ يېزىغا تېخىچە تۇربى سۈيى كەلمىگەنلىكتىن، بىخەتەر دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئەزەلدىن قۇدۇق سۈيىنى ئىچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ ھەق ئالىدىغان بولۇپ قالسا ئارتۇقچە چىقىمنىڭ ئاممىغا غەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كورلىنىڭ داشى كەنتىگە يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن بىر ياش كادىر، بۇ يىل پاختىدىن تازا ھوسۇل چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەگەر سۇ ھەققىنى ئۆستۈرسە دېھقانلارغا تەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى :
خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر ئايال « بۇ يىللىق يەر سۇغۇرۇش سۇ پۇلى ئۈچۈن 500سومنى ئاران تاپشۇردۇم، سۇنىڭ باھاسىنى يەنە ئۆستۈرگەندە بىزگە ئوخشاش دېھقانلارغا ئېغىر كېلىدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويغان ئىدى، بۇ خىل قۇرۇلۇشلاردا سۇ بايلىقىنى زىيادە قېزىش قارىغۇلارچە قېزىش بىلەن تەڭ تەبىئەتنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش دەريا ھاۋزىسىنىڭ، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن جايلارغا تۇرۇبا بارمىغانلىقى، دېھقانلار باسما قۇدۇق كولاش، دەريا، ئېرىق-ئۆستەڭلەردىن سۇ ئەكېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى مەلۇم، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ قىسلىق مەسىلىسىنى ھەقنى ئۆرلىتىش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، توغرا ۋە ئىلمىي ئېچىش ۋە باشقۇرۇش يولغا قويۇلماي، ئاممىنىڭ پاكىز سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولالمىغان بىر شارائىتتا،نۆۋەتتە قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىپ سۇ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋە سۇ ھەققىنى ئۆستۈرۈشى يەنىمۇ كۆپلەپ نارازىلىقلارغا سەۋەب بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.