ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك كادىرلار بىلەن دېھقانلار سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسىدىن شىكايەت قىلماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.08
xoten-su-derya-qurup-ketish.jpg قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دەريا. 2012-يىلى ياز، خوتەن.
RFA

سۇ مەنبەلىرىنىڭ جىددىي تۈردە ئازىيىشى بىلەن مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىس بولۇپ بىلىنمەكتە.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى باشقارمىسىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن بىر كەسپىي خادىم بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىدە، بولۇپمۇ ئاۋات ناھىيەسىدە سۇ مەسىلىسى جىددىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن. گەرچە يەرلىك دېھقانلار ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۈيىدىن مەلۇم مىقداردا تېرىقچىلىق ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تەڭرىتېغىدىكى مۇزلۇقلار كۆلىمىنىڭ تارىيىشى ھەمدە سۇ مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى بىلەن يەر ئاستى سۈيىگە تايىنىش ئەھۋالى يىلدىن-يىلغا ئېغىرلاشماقتىكەن. ئاۋات ناھىيەسىدە ھازىر ئىچىملىك ئۈچۈن قېزىلغان قۇدۇقلار 30 مېتىر ئەتراپىدا؛ دېھقانچىلىق ئۈچۈن قېزىلغان چوڭ تىپتىكى قۇدۇقلار 90 مېتىردىن 120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قېزىلىدىكەن. بۇنى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەر ئاستى سۈيىنىڭ چۆكۈشىدە روشەن پەرق كۆرۈلمەكتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالدىنقى يىللاردا بوز يەرلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئېچىلىشى، ئولتۇراق بىنالارنىڭ تېز سۈرئەتتە سېلىنىشى بىلەن سۇ مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياج ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلەشمەكتىكەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا بىز ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدىمۇ سۇ بىلەن مۇھىت مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىس بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاستانە يېزىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر دېھقان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن سېتىۋېلىپ زاۋۇت قۇرغانلىقىنى، تۈرلۈك خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردىن قويۇپ بېرىلگەن سېسىق سۇلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغاپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقانمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۇ ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىپمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلۈۋاتقان سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىزچىل دىققەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسى ئەڭ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قالايمىقان تالان-تاراج قىلىشى؛ تەبىئىي ئورمان، يايلاق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇزۇپ ئاتالمىش «يېڭى تەرەققىيات رايونلىرى» نى بەرپا قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىليونلاپ ئاقما نوپۇسنى كۆچۈرۈشى ھەمدە ئىزچىل تۈردە يادرو سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.