تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى

0:00 / 0:00

تارىم دەرياسى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق-تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ ئاقىدىغان ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىدۇر. بۇ ئانا دەريا تارىختىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدا بەرپا بولغان بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.

تارىم دەرياسى غەربىي جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ قار-مۇز سۇلىرىنى مەنبە قىلغان يەركەن دەرياسىنى ئۆزىنىڭ باش ئېقىمى قىلغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ئاقسۇ تەۋەسىدە تەڭرى تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن دەريا-تاراملار بىلەن تېخىمۇ ئۇلغىيىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىنى بويلاپ داۋاملىق شەرققە قاراپ زور ئېقىن ياسىغان. كورلا تەۋەسىگە كەلگەندە كۆنچى دەرياسى ۋە باشقا ئېقىنلار بىلەن قوشۇلۇپ، تاكى لوپنۇر ۋە تېتىما كۆللىرىگە قەدەر ئېقىپ بارغان.

ۋەھالەنكى، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سۈيى ئۈزۈلۈپ، دەريانىڭ ئىككى قىنىدىكى نەچچە يۈز مىڭ مودىن ئاشىدىغان توغراقلىق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كەتكەن. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، تارىم جۇغراپىيەسىدىكى ئىككى مەشھۇر كۆل-لوپنور ۋە تېتىما كۆللىرى بىراقلا قۇرۇپ يەر يۈزىدىن غايىب بولغان. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى بويلاپ بىنا بولغان ئۇيغۇر مەھەللە-كەنتلىرىمۇ سۇ بولمىغانلىقتىن ئاستا-ئاستا خارابىگە ئايلانغان.

ئۇنداقتا، تارىختىن بۇيان تەكلىماكان قۇملۇقىنى بويلاپ ئېقىپ كەلگەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى نېمە ئۈچۈن ئۈزۈلۈپ قالدى؟ لوپنۇر كۆلى بىلەن تېتىما كۆلى نېمە سەۋەبتىن قۇرۇپ كەتتى؟

يېرىم ئەسىرگە يېقىن جاۋابسىز قالغان بۇ سوئاللار يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى تۈرلۈك تاراتقۇلاردا قايتا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدىكى ئېغىر بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-شىمالىي تەرىپىدە كۆپەيگەن قۇم بورانلار ئىچكى موڭغۇل قۇملۇقلىرى ئارقىلىق ھەتتا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا قەدەر ئۇچۇپ بارغان. بۇ ھال خىتاي دائىرىلىرىنى ئاللىقاچان ۋەيران قىلىۋېتىلگەن تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قايتا تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان.

مەلۇمكى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئېكولوگىيىلىك ۋەيرانچىلىق ئىنسانلارنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا لوپنۇر كۆلى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا تۇنجى قېتىم ئۇچۇر بەرگەن رۇسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پىرژىۋالىسكىي تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مۇھىتنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى تىلغا ئالغان. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تارىم ۋە لوپنۇر رايونىغا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشكە بارغان شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىنمۇ ئۆز خاتىرىسىدە لوپنۇرلۇق يەرلىك بېلىقچىلارنىڭ بۇ يەردىكى سۇ مەنبەسىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ لوپنۇر كۆلىدە بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يوغان بېلىقلارنى تۇتقانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

ۋەھالەنكى، ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتمەيلا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدىغان تارىم دەرياسىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور كۆلەمدىكى سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقى باشلانغان. 1960-يىللاردىن تارتىپ لوپنۇر رايونىدىكى يادرو سىناقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي بۇيرۇق بويىچە دەريانىڭ تەبىئىي ئېقىمىنى توسۇپ سۇ ئامبارلىرى ياسىشى ھەمدە پىلانسىز تۈردە بوز يەر ئېچىشى نەتىجىسىدە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ تىنىقى ئۆچۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن لوپنۇر رايونىدىن تاكى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىگىچە سوزۇلغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرى خارابىگە ئايلىنىپ، بوستانلىقلارنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىپ كەتكەن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مۇھىت ۋە تەرەققىيات» پروگراممىسى 2011-يىلى تارقاتقان «تارىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا كەلتۈرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئاشكارا كۆرسەتكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.