خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر مۇھىت كرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى ئەڭ جىددىي ئەھۋال-پۈتكۈل رايوندىكى ھاياتلىق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئامىل بولغان سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە بۇلغىنىشىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە قېزىش قۇرۇلۇشلىرى بۇ يۈزلىنىشنى بىردىنلا تېزلىتىۋەتكەن ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2012-يىلىدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ھەمدە تېزلا خىتايدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ھەم ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دائىملىق ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ قالغان «خىتاي چۈشى» شوئارىنىڭ نېگىزى خىتاينى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەمدە خىتاي مىللىتىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى يۈكسەلدۈرۈش، دەپ قارىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولغان خىتاينىڭ ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە تەدرىجىي ھالدا خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقى سەۋەبلىك «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» غا ئايلىنىشى دەل بۇ «خىتاي چۈشى» نى بارغانسېرى رېئاللىققا يېقىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى بۇ «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» ھەرقاچان جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئېنېرگىيە مەنبەسى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارى ئىزچىل تۈردە خىتاي دۆلىتىنىڭ «دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇپ كەلمەكتە.
«خىتاي چۈشى» بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئېنېرگىيە قېزىش قۇرۇلۇشى ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ مەنبەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان رەسمىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي چۈشى» نىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە نېفىت، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ئۈچ خىل تەبىئىي بايلىق مەۋجۇت. «يېڭىلانماس بايلىق» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۈچ چوڭ بايلىقنىڭ زاپاس مىقدارى خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ بايلىقلارنىڭ قېزىلىشى بىردەك غايەت زور مىقداردىكى يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ چىقىرىپ بايلىق قېزىشقا سەرپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سۇ مەنبەسىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكىدىكى مۇھىتشۇناسلاردىن ئېلىس فاراداي خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «نورمالدا ھەممىلا جاينىڭ يەر ئاستىدا ئۆزىگە چۇشلۇق سۇ مىقدارى بولىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ مىقداردىكى خورىغان بۆلەك ھەمىشە يامغۇر، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئۆزىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەمما مەلۇم بىر جايدىن بىراقلا زور مىقداردا سۇ تارتىپ چىقىرىلسا ھەمدە بۇ تارتىپ چىقىرىلغان سۇ مىقدارىنىڭ تولدۇرۇلۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلمىسە ئۇ چاغدا ئاشۇ جايدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تېزدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى تولۇقلاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنداق تۆۋەنلەپ كەتكەن سۇ يۈزىنىڭ شۇ جايدىكى مۇھىتنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدا ئىجابىي رول ئويناش ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ. دېمەك بۇنداق غايەت زور مىقداردا يەر ئاستىدىن سۇ تارتىپ چىقىرىش ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدۇ. ئەمما ھازىر شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان سانائەت تارماقلىرى دەل مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ سانائەت تارماقلىرى بىردەك زور مىقداردا سۇ ئىستېمالى ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا رىتىملىق داۋام ئېتىۋاتقان سۇ سىستېمىسى، سۇغىرىش سىستېمىسى، جۈملىدىن تۇرپاندىكى قەدىمىي كارىز سىستېمىلىرى ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ھازىر شىنجاڭدىكى سۇ مىقدارىغا بولغان تەلەپ ھەددىدىن زىيادە سۈرئەتتە ئاشماقتا، بولۇپمۇ ‹غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋال كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە بولۇۋاتىدۇ.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېفىت قېزىش، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش دېگەنلەر سانائەتتىكى سۇ ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىنىدىغان تارماقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدەك سۇ بايلىقى تولىمۇ چەكلىك رايونلار ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىكەن. بۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان ئىجتىمائىي تەسىرىنىمۇ دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ماكرولۇق نۇقتىدىن كۆزەتكەندە شىنجاڭدىكى سۇ بايلىقى ئىستېمالىنى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە شەخسىيلەرنىڭ ئىستېمالى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سانائەت ئىستېمالىغا كېتىۋاتقان سۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار، مەسىلەن، شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە (بىڭتۇەنلەردىكى) نامرات خىتايلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ جايلاردىكى سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمى سانائەت ساھەسىگە كېتىۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىكى نېسىۋىسى قولدىن كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە نارازىلىق پەيدا بولماقتا. شۇڭا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش گەرچە تېز سۈرئەتتە ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان چارىلاردىن بولسىمۇ، بۇ جايلاردا يەنىلا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مېخانىزم ياكى سىستېمىنى بەرپا قىلىپ چىقىش بەكمۇ زۆرۈر.»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تەتۈر نىسبەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋاللار قاتارىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئامېرىكىدىكى جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور پەيزۇللا زەيدىن ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەرىتىدە چوڭ كۆرۈنگەن بىلەن ئىنسان ياشاشقا بولىدىغان قىسمى تولىمۇ چەكلىك بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئەمەلىيەتتە سۇ بايلىقى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر زور قالايمىقانچىلىققا پىلتا بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇ مەنبەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تارىيىشى ئاللىقاچان تارىم بويلىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا روشەن بولغان سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىپ بولغان بولۇپ، ناۋادا بۇ ھال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ باشقا جايلاردىمۇ بارلىققا كېلىشى تەبىئىي ئىكەن.
پەيزۇللانىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ بايلىقى داۋاملىق تارىيىپ بارسا ئۆتمۈشتە كۆرۈلگەندەك مەۋجۇت شەھەرلەرنىڭ قۇم ئاستىدا قېلىشى، شۇنىڭدەك ھازىرقى شەھەرلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ خاتىرىسىدىن غايىب بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ تارىيىشى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدىغان براھماپۇترا (يارلۇزاڭبۇ) دەرياسىنىڭ سۈيىنى تارىم ئويمانلىقىغا باشلاشتەك زور قۇرۇلۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا سۇ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭ ئىچكىرىدىن نوپۇس يۆتكەش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ ماڭىدىغانلىقى ئانالىزچىلارنىڭ بايانلىرىدىن يەر ئېلىپ كەلمەكتە.