ئاقسۇدا ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار: ھۆكۈمەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بەرمىدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 7-، 8-سېنتەبىر كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن، ئاۋات ناھىيىلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە قاتتىق يامغۇر يوللارنى بۇزۇۋەتكىنى ئۈچۈن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىنىڭ مۈشكۈل بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئاپەت رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئادەتتە مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 10-سېنتەبىر كۈنى خەۋىرىدە دۈشەنبە، سەيشەنبە كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بېرىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 7-سېنتەبىردىكى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئاقسۇ ئايرودرومىدا ئۇچۇش توختىغانلىقى، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرى يامغۇردا بۇزۇلۇپ كەتكىنى ئۈچۈن قاتناش قىستاڭچىلىقى كېلىپ چىققانلىقى، 9-، 10 سېنتەبىر كۈنلىرىمۇ يەنە يامغۇر ياققىنى ئۈچۈن ئاپەتنىڭ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت كەلپىن، ئاۋات ناھىيىلىرى ۋە ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىدا ئېغىر بولغان. كۆپلىگەن يوللاردا ئېغىر دەرىجىدە سۇ يىغىلغانلىقى، ھەتتا بەزى يول بۆلەكلىرىدىكى كۆۋرۈكلەرنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكىنى ئۈچۈن بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتناش توختىغان. كەلپىن ناھىيىسىدە ياققان 40 مىنۇتلۇق قاتتىق يامغۇر ۋە 7 مىنۇتلۇق مۆلدۈردە كەلپىن ناھىيىسىنىڭ گەزلىك، يۇرچى يېزىلىرىدىكى 9626 مو دائىرىدىكى چىلان، 11 مىڭ 533 مو پاختا، 4280 مو دائىرىدىكى قوناقلار زىيانغا ئۇچرىغان. 18 مال قوتىنى ئۆرۈلۈپ،72 چارۋا ئۆلگەن، 1000 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتۈش، قاتتىق مۆلدۈردە ئۆگزىسى تېشىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

كەلپىندىكى ئاپەت ھەققىدە مۇخبىرغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغان بىر ئۇيغۇر، كېچىدە ياققان قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈرنىڭ ئۆزىنىڭ 10 نەچچە مو يەردىكى پاختىزارلىقتىن بۇ يىل ھوسۇل ئېلىش چۈشىنى پۈتۈنلەي بەرپات قىلغانلىقىنى، تۈنۈگۈن ھاۋا ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۇ ئاستىدا قېلىپ پۈتۈنلەي يېتىپ كەتكەن پاختا غوزىلىرىنىڭ يەنە ئېچىلىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى، ئەمدى يۆلەش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋىرىدە يەنە، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يوللار بۇزۇلۇپ، يامغۇر ئاپىتى ئېغىر بولغان ئاۋات ناھىيىسى ۋە 8-سېنتەبىر مۆلدۈر ئاپىتىگە يولۇققان كەلپىن ناھىيىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ياردەمنى يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رادىئومىزغا ئاپەت ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بۇ كىشى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولماسلىقى دېھقانلارنى نارازى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر كېچىدە ياغدى. كەلپىننىڭ يەرلىرى ئەسلىدىنلا شورلۇق ۋە قۇرغاق بولغىنى ئۈچۈن، ئېتىزدىكى پاختىلار پۈتۈنلەي يېتىپ كەتتى. تۈنۈگۈن ھاۋا ئېچىلدى، ئەمما ھازىر سۇ ئاستىدا قالغان پاختىلارنى قانداق قىلىمىز؟ بۇنى بىلمەيمىز. مۆلدۈردە پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ كەتكەن چىلاننىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئەمما ئىلگىرى ھەر كۈنى ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ روپاشلارنى، ساقال قويغانلارنى تەكشۈرىدىغان كادىرلار مانا ئەمدى قانچىلىك زىيان بولدى دەپ ئۆي ئارىلاپ تىزىمغا ئېلىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمما ئۇلار يول بۇزۇلۇپ كەتتى، ناھىيىدىن ياردەم كېچىكتى دېگەن گەپلەرنى قىلىش بىلەنلا چەكلەندى. سۈت-قايماقچىلىق قىلىدىغان، مال بودايدىغانلارنىڭ قوتانلىرى ئۆرۈلۈپ كەتتى. مېنىڭ ئۆيۈمدىنمۇ يامغۇر ئۆتۈپ ساق يېرى قالمىدى. ئەمما ھۆكۈمەت قانچىلىك ياردەم بېرىدۇ، قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز» دېدى.

رادىئومىز ئاپەت ئېغىر بولغان كەلپىن، ئاۋات ناھىيىلىرىگە تېلېفون قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن تېلېفونلاردا «بۇ تېلېفون ئېتىۋېتىلدى» ياكى «بۇ تېلېفون مۇلازىمەتتىن توختىدى»، «بۇ تېلېفون نومۇرى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن ئاپتوماتىك ئاۋازلار چىقىپ تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئۇرغان تېلېفونىمىز بىر خانىمغا ئۇلاندى. ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ خانىم، ئاقسۇنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئاپەت بولغانلىقى ھەققىدە خەۋىرى بولسىمۇ، تېلېۋىزوردىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇچتۇرپاندا پەيشەنبە كۈنىمۇ يامغۇر ياققان بولسىمۇ، ئەمما ناھىيىدىكى يامغۇرنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكىنى، يېزىلاردىكى ئاپەت ئەھۋالىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ، بۇ قېتىمقى يامغۇر ئاپىتى سەۋەبلىك بەلكىم مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئىدارىلەردىكى خىزمەتچىلەرگە «ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىش» چاقىرىق قىلىنىدىغانلىقى، ھەر قېتىم مۇشۇ خىل تەبىئىي ئاپەتلەر بولغىنىدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئىئانىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى» ئەمما «بۇ ئىئانە پۇللىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ قولىغا تەككەن ‏-تەگمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق» لۇقىنى بىلدۈردى.