مۇھىت مۇتەخەسسىسى ستانلى توپسنىڭ تەكلىماكان مۇھىتى ھەققىدىكى تەكلىپلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ياشاش ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ۋە بۇ خىل ياشاش قانۇنىيىتىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ساقلاپ كەلگەن. ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ دىيارنىڭ ئېچىنىشلىق مۇھىت مەسىلىسى ھەتتا چەتئەل مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىمۇ مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق سىياسەت ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىلەن ماسلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدا مۇھىتقا نىسبەتەن پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پروفېسسورى ستانلى توپس خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچراۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئىلمىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈزەش ھەققىدە تەكلىپلەر بەردى.

سوئال: ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرىگە قارىغاندا مەكىت ناھىيىسىدە قۇملۇق بايلىقى ئەۋزەللىكى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى، ماركا ئەۋزەللىكى بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە قەشقەر رايونىدا «خەلقئارالىق ساياھەت نۇقتىسى» قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېكسكۇرسىيە، دەم ئېلىش، ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان قۇملۇق ساياھەت نۇقتىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7-يانۋار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ناھىيە دەرىجىلىك قۇرۇمقاش شەھىرىنى قۇرۇش قارارىنى قوبۇل قىلدى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14-دېۋىزىيىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك قۇرۇمقاش شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ماقۇللاندى.

ھازىر 14-دېۋىزىيە قارمىقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 47 مىڭ 500 ئادەم، قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى 14-دېۋىزىيەنىڭ 224-پوللىكىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ شەھەر خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىككىنچى چوڭ مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2030-يىلىغىچە نوپۇس سانىنى 170-200 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

تەكلىماكاننىڭ فونكىتسىيىسى قۇرۇمقاش شەھىرىدەك ۋە چوڭ تىپتىكى ساياھەت مەركىزى بەرپا قىلىشتەك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چۈشەمدۇ؟ مۇۋاپىق كېلەمدۇ سىزنىڭچە؟

جاۋاب: بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھادىسە، تەبىئىي شەھەر كۆز ئالدىمىزغا كەلگەندە نوپۇس ئۇلارنىڭ ياشاش، ئىش ئورنى، مەكتەپ ۋە قاتناش، مەشغۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم، بۇ قۇرۇلۇشلارغا شارائىتنى تەكلىماكان تەبىئىي مۇھىتى ھازىرلىمىغان. ھەممە بىلىدۇ، ئۇ جايدا ئەڭ نۇقتىلىق چەكلىمە بولغان سۇ كەمچىلدۇر. بۇ قۇرۇلۇشلارغا كېرەكلىك سۇ مەنبەسى يوق، بۇ قۇرغاق رايوندىكى سۇ مەنبەسى ئەسلىدىكى نوپۇسقا ئارانلا يېتىۋاتقان بىر شارائىتتا، يەنە يۈز مىڭلاپ، مىليونلاپ نوپۇسنى يۆتكەش تولىمۇ قاراملىق ۋە خەتەرلىك.

سوئال: خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قاراقاش، لوپ، قۇرۇمقاش شەھەر-بازىرى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەرەققىيات مەركىزى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تايانچ بازا قۇرۇشنى، قۇرۇمقاش شەھىرىنى چېگرا مۇقىملىقىدىكى قورغان ۋە بوز يەر ئېچىش بازىسى، يىپەك يولىدىكى گۈللەنگەن، مەدەنىيەت بىرلەشكەن مەرۋايىت شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان، بۇ رېئاللىققا ئايلانغاندا ئۇيغۇر ئېلىغا يەنە قايسى جەھەتلەردىن تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنى ياخشىلاش، نوپۇس نىسبىتى تۇراقسىزلىقىنى تەڭشەش، بىڭتۇەننىڭ شۇ يەرنىڭ نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ كۆرسەتتى، يەنى بۇنىڭ ئېكولوگىيە بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق، پەقەت سىياسىي پىلانلىقى ئاشكارا تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتى ھېچ بولمىغاندا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولماسلىقى شەرت. دەل ئەكسىچە، لايىھىسىز، رېئاللىققا زىت ئىلمىي بولمىغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، سۇ كەمچىل يېرىم بوستانلىق رايونلاردىكى نوپۇس زىچلىقىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىشى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقتىكى ئاپەت خاراكتېرلىك بۇلغانمىلارنىڭ كۆپ خىللىشىشى قوشۇلۇپ، خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، پىلاستىك بۇلغانمىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى قاتارلىق، تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبلىك، تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ كېمىيىشى، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى، قۇملۇقنى تۇتۇپ تۇرغان تەبىئىي ئورمانلارنىڭ چېكىنىشى، جانلىقلارنىڭ ئازىيىشى، قاتارلىق زەنجىرسىمان ئېكو مۇھىت ئاپەتلىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. مېنىڭچە بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىدىن بەكرەك مۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا مەبلەغ ۋە كۈچ توپلىشى زۆرۈر. تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى ئىنسان ۋە چەكلىك جانلىقلارنىڭ ئەڭ نورمال ياشىشىدىكى ئەسلىدىكى تەڭپۇڭ مۇھىتنى ساقلاشقا ھەرىكەت قىلىش تەخىرسىز بىر مەسىلە.

سوئال: بۇ نۇقتىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسىدەك دۇنياۋى مەسىلىلىرىگە قارىتا دۇنياۋى ھەمكارلىقلار كۈچەيمەكتە، ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارنىڭ مەخسۇس ئېكولوگىيە مۇھىت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تەتقىقات خادىملىرى بۇ مەسىلىدە خىتاي دائىرىلىرىگە مۇھىت مەسىلىلەردە ئېنىق ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ بەرمەمدۇ؟

جاۋاب: بۇنداق تەكلىپلەر بېرىلىۋاتىدۇ، تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغىمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتلىرى ئەۋەتىلىدۇ، تېگىشلىك مەسلىھەت پىكىرلەر بېرىلىدۇ، جۈملىدىن ئۆزىمىزمۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلدۇق، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىبارغا ئالامدۇ يوق، بۇ يەنە بىر مەسىلە.

بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ھازىرغىچە خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يۈزەكى بىلىشى ۋە ئەمىلى تەدبىر قوللىنىۋاتقىنىغا تېخى نەچچە يىللا بولغاچقا،تېخنىكا كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچلەر كەمچىل بولۇشىمۇ مۇمكىن.يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاپەتلەر دەۋرىگە كىرگەن مەسىلىلەر ئېغىر. يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان مۇھىت كرىزىسىنى تىزگىنلەشكە ئۈلگۈرمەسلىكىدىنمۇ ئەندىشىلىنىۋاتىمىز. بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

سوئال: سىز ئېيتقاندەك تەكلىماكاندا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانداق شارائىتتا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؟ قانداق تەرتىپلەر ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
جاۋاب:مۇھىت بىلەن سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى بىر- بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان، ئىككىسى ئوخشاشلا مۇھىم ھالبۇكى يەككە ھالدىكى تەرەققىيات بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل تېپىۋېلىشى يەنە كېلىپ قىسقا مۇددەتلىك پۇل تېپىشى ئۈچۈنلا بولسا بۇ زور مەسئۇلىيەتسىزلىك تەبىئەتكە ھاياتلىققا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك. بۇ، بولۇپمۇ تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئاجىز، بۇلغىنىشى ئېغىر، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن، قۇرغاق رايونلار مۇھىتىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت يارىتىدۇ. خىتاينىڭ جۈملىدىن ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت چۈشەنچىسىنى بەلگىلىك سەۋىيىگە كۆتۈرۈشى، ئۇنى بارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئالدىن ئويلىنىدىغان ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلۇشى شەرت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەكلىماكان چۆلىدە دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەركىزى ئەمەس ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشقا ئېھتىياجى بار ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى رېئاللىقى كۆرسىتىپ بەردى، رېئاللىقلارنى كۆزدە تۇتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا سەل قارىماسلىقىنى، قەتئىي بىخەستەلىك قىلماسلىقىنى، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.