پارتلاشتىن كېيىن تيەنجىن پرېستانى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى

0:00 / 0:00


خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئاخباراتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 13 - ئاۋغۇست سائەت 17:00گىچە جەمئىي 50 ئادەم قازا قىلغان، 701 ئادەم دوختۇرخانىلارغا داۋالىنىشقا ئاپىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 71ئادەمنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوق. ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە پارتىلاشنىڭ قانداق بۇيۇمدىن بولغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ھاۋادىكى بۇلغىنىش ھەققىدىمۇ تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا، قايتا پارتلاش يۈز بېرىش ئېھتىمالدىن خالى دېگىلىمۇ بولمايدىكەن. خەلقئارا ئاخباراتلار، ھەتتا خىتاي ئاممىسىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يۇشۇرۇۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا ھەمدە ۋەقەنىڭ كەلتۈرگەن بالايى ئاپەتلىرىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدا تارقىتىلغاندىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازى، ئۇرۇش مەيدانىدىن كەلگەن بومباردىمان ئاۋازى بولماستىن 8 - ئاينڭ 12 - كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە تيەنجىن شەھىرى خەلقئارا ئوبوروت مەركىزى رايونىغا جايلاشقان «رۈيخەي» شىركىتى قارمىقىدىكى خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك پارتلاشنىڭ نەق مەيدان ئاۋازى.

خەلقئارا ئاخباراتلاردا 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت 15:00، بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 23:00 ئەتراپىدا، تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونىدا ئېغىر دەرىجىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ پارتلاشنىڭ كۈچى 21 توننا پارتلاتقۇچ بومبىنىڭ كۈچىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا ياپونىيىنىڭ «ئاپتاپپەرەس» 8 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى، متسات - 2 سۈنئىي ھەمراھى ۋە كورىيە كومس - 1 سۈنئىي ھەمراھى بوشلۇقتىن بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر دولقۇنى بۆلىكىدىكى كۈچلۈك ئىسسىقلىق سىگنالىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندا ئوت ئۇچقۇنى پەلەككە يېتىپ، 10 كىلومېتىر دائىرىدە ئىچىدە تەۋرەش سىزىمى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئوت كەتكەن، ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ، نەچچە ئون كىلومېتىر دائىرىدە تۇرۇپمۇ قۇيۇق ئىس - تۈتەكنى كۆرەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن.

ساراسىمىدە تيەنجىندىكى ئاممىنىڭ ئۇيقۇسى ھارام بولغان، پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر شۇ كۈنى كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزگەن. دوختۇرخانىلار توشۇپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا تورىدا بۇ ھەقتە بۈگۈن ئاخىرىقى قېتىم تارقاتقان ئاخباراتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 13 - ئاۋغۇست سائەت 17:00 گىچە جەمئىي 50 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 12 سى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى؛ 701 ئادەم دوختۇرخانىلارغا داۋالىنىشقا ئاپىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 71ئادەمنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوق.

خىتاي ئاممىۋى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە تارقالغان سۈرەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاش نەق مەيدانىدىن 400 مېتىر يىراقلىقتىكى 4 - 5 پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغان مىڭدىن ئارتۇق يېپ - يېڭى ئاپتوموبىللار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ھەش - پەش دېگۈچە ئاپتوموبىل قەبرىستانلىقىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرى نەق مەيدان خەۋىرىدە، پارتلاشتىن كېيىنكى بۇ مەنزىرىنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان ھالەتكە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىدى.

قىززىق يېرى، بۇ پەۋقۇلئاددە پارتلاش ۋەقەسى، چەتئەل ئاخباراتلىرىدا نۇقتىلىق خەۋەر سۈپىتىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، بولۇپمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تارقىتىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا 10 سائەتكىچە كىنو، ئېلان، سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلارنى قويۇلغاندىن باشقا بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن - 13ئاۋغۇست، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىرىنى كونترول قىلىشنى، ئەھۋالىنى تېزرەك كونترول قىلىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيىتى بارلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى بۇيرىغان. ئەمما ئۇ ئۆزى نەق مەيدانغا بارمىغان، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋەقەدىكى قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي بىرتەرەپ قىلىش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ئەلجەزىرە، ب ب س قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن مۇخبىرلىرى بۈگۈن تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەق مەيداندىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس - تۈتەك سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، تېخى پۈتۈنلەي بىخەتەر دېگىلى بولمايدىكەن، ھەر زامان يەنە قايتا پارتلاش يۈز بېرىش ئېھتىمالىدىن خالى دېگىلىمۇ بولمايدىكەن.

13 - ئاۋغۇست سائەت ئۈچ بولغاندا ئەھۋال يەنە يامانلاشقان، نەق مەيداندىن يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، سېرىق ۋە ئاڭ رەڭلىك ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلگەن، يەنە ئىككى نۇقتىدىكى ئوت يەنىلا كۆيىۋاتماقتا.

پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق رايونى ۋە ئىشخانا بىناسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تيەنجىن دائىرىلىرى بۈگۈن پارتلاشتىن كېيىن زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى، تېخىمۇ كەڭرى مۇھىت بۇلغىنىش ئاپەتلىرىنىڭ ئالدى جىددىي ئېلىنغانلىقىنى، پەقەت بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن ئەتراپتىكى 3 رايون تەۋەلىكىدە سۇ ۋە توك ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تيەنجىن بىڭخەي رايونى باشلىقى جاڭ يۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۈگۈن، نەق مەيداندىكى قالدۇق خىمىيىلىك ۋە رادىئاتسىيىلىك ماددىلارنى تەكشۈرۈش ماشىنا ئادەملەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن ئىس تۈتەكنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىپىدىكى زەھەرلىك ماددىلار تېخى تەكشۈرۈپ بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. پارتىلاش يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا سۇ ۋە توك توختىغان، قاتناش توختىتىلغان. بىر قىسىم ئالاقە ۋاستىلىرىمۇ ئەسلىگە كەلمىگەن.

ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمىغان، پارتلاشنىڭ قانداق بۇيۇمدىن بولغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىدارلارنىڭ سانى ھەققىدە پەرقلىق سانلىق مەلۇماتلار تارقالماقتا. ئاممىدا مۇھىتقا زەھەرلىك ماددىلار نىڭ يامرىشى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كېلىشى توغرىلىق ئەنسىزلىك داۋام قىلماقتا.

چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىمۇ يۇشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى تۈنۈگۈن ئامېرىكا س ن ن مۇخبىرى ۋىل رىپلەي Will Ripleنىڭ تىۋېتىردا تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇ دوختۇرخانىدا پارتلاشتا يارىدار بولغانلار ھەققىدە نەق مەيداندا خەۋەر بېرىۋاتقاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە بۈگۈن دائىرىلەرنىڭ تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى كۆپتۈرۈپ ئىغۋا تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك، خوڭكوڭ كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق تور بەتلەرنى قامال قىلغانلىقىنى ۋە يەنە بىر قىسىم بلوگلارنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ زادى قانداق مەزمۇندا ئىغۋا تارقاتقانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.