يەرلىك ساقچىخانىلار: «تۇرپان كارىزلىرىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى قۇرۇپ كەتتى!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «سۇ ئىنشائاتى ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» چوڭ قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى، 2017-يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ قۇرۇلۇشى ساھەسىگە جەمئىي 36 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ دۇنيا بانكىسى تەمىنلىگەن زور مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنى قوغداش ۋە سۇ تېجەش تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا، تۇرپان كارىزلىرى راستىنلا قوغداپ قېلىندىمۇ؟ كارىزلارنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟

بىز بۇ ھەقتە تۇرپاندىكى يەرلىك دائىرىلەردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرپان ۋىلايىتىدىكى 4 ساقچىخانىنىڭ ھەممىسى بىردەك تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا يۈزلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى.

چاتقال يېزىسى تۇرپان بوستانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر چوڭ يېزا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، چاتقال يېزىسى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە كارىزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بىر يېزا ئىكەن. ھالبۇكى، چاتقال يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمى زىيارىتىمىز جەريانىدا چاتقال يېزىسىدا نۆۋەتتە سۇ چىقىدىغان كارىزلارنىڭ 10 غا يەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاتقال يېزىسىنىڭ يەر يۈزى تۆۋەن بولغاچقا ئىلگىرى 20-25 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن سۇ چىققان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇروۋاي ئارقىلىق قېزىلىدىغان توكلۇق قۇدۇقلار 100 مېتىردىن 180 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە قېزىلىدىكەن. توكلۇق قۇدۇقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېزا تەۋەسىدە ئىلگىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلاشقان كارىزلار بىر-بىرلەپ قۇرۇپ، نۆۋەتتە ھەر بىر كەنتتە سۇ چىقىدىغان كارىزلار سانى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتكەن ئىكەن.

پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم يېزىسى ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كارىز سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان يېزا بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە كارىزلار قۇرۇپ، پۈتكۈل يېزا تەۋەسىدە 5-6 دەكلا كارىز قالغان ئىكەن. چىقتىم يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمى ئىلگىرى ئون نەچچە مېتىردىن سۇ چىقىدىغان قۇدۇقلارنىڭ نۆۋەتتە سۇ يۈزى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ 100 مېتىرغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇرۇنقى كارىزغا تايىنىدىغان ئىچىملىك سۇ ۋە سۇغۇرۇش تارىخىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانا ۋە قاراغوجا يېزىلىرى ئىلگىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ ياشناپ كەلگەن قەدىمىي يۇرتلار بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىچىدە بۇ يەردىكى كارىزلارنىڭ تىنىقى قۇرۇشقا باشلىغان.

قاراغوجا ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىسى ھازىر قاراغوجا تەۋەسىدە سۇ چىقىدىغان كارىزدىن بىرىمۇ قالمىغانلىقىنى، ئاستانا تەۋەسىدە بىرقانچە كارىزلار ھېلىھەم ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۈيىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئاستانا يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى كارىزلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن توكلۇق بۇروۋاي قۇدۇقلارغا چەكلىمە قويدى. ھەتتا قۇدۇقلارغا سۇ سائىتى بېكىتتى، ئىلگىرىكى ئېقىتىپ سۇغۇرۇشنى تېمىتىپ سۇغۇرۇشقا ئۆزگەرتتى. شۇنداق بولسىمۇ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ يۈزى شىددەت بىلەن چۆكۈپ كەتكەچكە كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «1950-يىللاردا سىز ماتېرىياللاردا كۆرگىنىڭىزدەك تۇرپان ئويمانلىقىدا بىر مىڭ نەچچە يۈز كارىز بار بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇرۇپ، ھازىر رەسمىي سۇ چىقىدىغان كارىزدىن 20-30 قالغان بولسا كېرەك. ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ مېنىڭچە ھازىر تۇرپان تەۋەسىدە سۇ ئاقىدىغان كارىزلارنىڭ سانى 50 تىن ئاشمايدۇ.»

تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل رايونى دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ كىندىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ئىككىنچى چوڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان بۇ يۇرتتا بۈگۈن كارىزلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان.

ئايدىڭكۆل يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىسى ئۆزىنىڭ ئايدىڭكۆلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، كىچىكىدە پۈتۈن يېزىغا توردەك تارقالغان كارىزلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا قۇرۇشقا يۈزلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك كارىزنىڭ سۇسىز ئازگالغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئايدىڭكۆلنىڭ مەھەللىرىدە ئىچىملىك سۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كارىزدىن بىرىمۇ قالمىدى. دېھقانچىلىقتا سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كارىزلاردىن ھەر بىر كەنتتە بىرقانچىسى قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ يىلدىن-يىلغا ناچارلىشىپ بارماقتا.»