بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە داۋاملىشىۋاتقان شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش نامىدىكى «كونا ئۆيلەرنى چىقىش» ھەرىكىتى تەڭرىتاغ، سايباغ، شىمگو قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا داۋاملاشماقتا. يېقىندا بولسا ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ، سايباغ، شىمگو قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىرقەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۆيلەرنى كەڭ كۆلەمدە چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيى يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن چېقىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان ليۇداۋان كۆمۈر كېنىنىڭ تىك قۇدۇق كان رايونىدىكى ئۆيلەر ئىككى يىل ئىلگىرىلا چېقىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئۆي جايلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلۇپ يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن. دەسلەپ بۇ رايوندىكى بىر قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆيلەر چېقىلغان بولسا، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ بىنا ئۆيلەرمۇ چېقىلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان.
شىمگو رايونىنىڭ تىك قۇدۇق ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 13-نويابىردىكى سانىدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي چېقىش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆي چېقىش ھەرىكىتى «شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپكە سېلىش» دەپ تەرىپلەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ، يېڭىشەھەر، شىمگو، تۇدۇڭخابا قاتارلىق رايونلاردىكى 35 كوچىدىكى ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 11-ئايغا قەدەر 70 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇش» چېقىلغانلىقى، 912 كۋادرات مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىيادىلەر كوچىسى رەتلەنگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ، يېڭىشەھەر، شىمگو، قاتارلىق 6 رايونىدىكى كونا مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ6-ئايدا چىقارغان «كونا مەھەللە، بازارلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىلدىن ئىلگىرى تاماملىنىدىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە چېقىپ ئۆزگەرتىلىدىغان ئولتۇراق رايون ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 173 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتلىرىدا، كونا شەھەر رايونلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇشى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى چېقىش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باش نىشانى ئۈچۈن قىلىنغان چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق ۋەقەسىدىن كېيىنلا باشلانغان بولۇپ، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى ئولتۇراق رايونى، تىك قۇدۇق رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار «يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى قەشقەر، خوتەن، كورلا ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئىلگىرىكى كونا يۇرتلىرىغا مەجبۇرى قايتۇرۇلغان.
ئىلگىرى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يەنە بىر خانىم، دوڭۆۋرۈك سودا بازىرىنىڭ ئارقا كوچىسىغا توغرا كېلىدىغان ئاتا-ئانىسى ئولتۇرغان بىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىلا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، 2 يىل ئىلگىرى ۋەتەن زىيارىتىگە بارغاندا بۇ رايونغا 10 نەچچە قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار سېلىنغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرى 0002-يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى قىياپىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ۋە 2009-يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كونا شەھەر رايونلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىياسىي ئىستراتېگىيەگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئۇلار بايانىدا خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى بۇ رايونلاردىكى توپلىشىپ ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى يەنىمۇ توسۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلى تارىخىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00