ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى 70 يىللىق قۇرغاقچىلىقنى قانداق يەڭگەن؟
2018.05.03
2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا تاشقى موڭغۇلىيە ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ زور قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى 10 يىل داۋاملىشىپ، نۇرغۇن چارۋا-ماللىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. موڭغۇل چارۋىچىلار ئاپەت رايونىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا، غەربىي ۋىرىگىنىيە ۋە پېنسېلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى گېئولوگلار ھەمدە غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر مۇتەخەسسىسلىرى ئورقۇن ۋادىسىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۈرۈش چارىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات دوكلاتى يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، تەتقىقاتچىلار بۇ رايوندىكى تۇپراق ۋە غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 2000 يىللىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئۇلار، ياۋروپا -ئاسىيا بوزقىرلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ئۇزۇن قۇرغاقچىلىقنىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما بۇ ئىمپېرىيەنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، 70 يىل داۋاملاشقان بۇ قۇرغاقچىلىقنى ماھىرلىق بىلەن يەڭگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇمكى، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن تەتقىقاتلاردا ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك يىمىرىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى، بىر بۆلىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قان-قېرىنداشلىرىنى پاناھ تارتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان قۇرغاقچىلىقتا يايلاقلار قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار باشقا يايلاق ئىمپېرىيەلىرىگە ئوخشاش يايلاقلىرىنى تاشلاپ، قوشنا زېمىنلارغا كۆچمىگەن. بەلكى، ئۇلار ئىقتىسادىي ئىگىلىك شەكلىنى ھەرخىللاشتۇرۇش، خەلقئارا دىپلوماتىيەنى ئىشقا سېلىپ، سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق قۇرغاقچىلىقنى يەڭگەن.
ئامېرىكىنىڭ غەربىي ۋىرىگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ئەمىي ھېسىل مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكىدىكى «ئانتېروپولوگىيە» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئورقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىقنى يېڭىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ئۇلار بۇ جەھەتتىكى چېمپىيون ئىدى،» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ تەتقىقات ئورقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسىي ئىستراتېگىيەسىگە بولغان چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدا كۆپلەپ شەھەر سېلىشىغا قۇرغاقچىلىق سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تارىخىي خاتىرىلەردە ئۆتۈكەن تاغلىرىدىكى قار ئاپىتىدىن كېيىن ۋابا كېسىلى تارقىلىپ ئۇ يەرلەردە ياشىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمدى بۇ يېڭى تەتقىقاتتىكى 70 تىلدىن بېرى قۇرغاقچىلىق بولغان دېگەندە بىز بۇنىڭ بىر سەۋەبىنى ھازىر تاپالمايمىز. ئۇيغۇر خانلىقى بىر كۆچمەن خانلىق. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار شۇ چاغدا ئارقا-ئارقىدىن شەھەر سېلىشقا باشلايدۇ. بۇلار 5 شەھەر سالىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال بايبالىق شەھىرىنى سالىدۇ، ئارقىدىن ئوردۇبالىقنى سالىدۇ. 5 شەھەرنى سېلىشى بۇ كۆچمەن خەلقلەرنى ئولتۇراق ھاياتقا مەجبۇرلىغانلىقتۇر. بىر خانىدانلىقنىڭ ئاستا-ئاستا ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتۈشىگە چوڭ بىر سەۋەب بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدىن قارىغاندا، بەلكىم مۇشۇ قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بىر جاۋاب بولۇشى مۇمكىن.»
«ئانتېروپولوگىيە» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار قۇرغاقچىلىقنى يېڭىشتە يايلاق ئېمپىرىيەلىرىدە ئاز كۆرۈلىدىغان دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ «يىپەك يولى» دىكى ئورنىدىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىغان. ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك سودىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ سودىدا تاڭ سۇلالىسىگە ئات ئۆتكۈزۈپ يىپەك ئالغانلىقى ۋە بۇ يىپەكلەرنى غەربتىكى دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ پايدىسىغا ساتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى چاغدا ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى سودىدا تاڭ سۇلالىسىنى قىزىل رەقەمگە بوغۇپ قويغان. قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «تاڭ سۇلالىسى قىزىل رەقەمگە باشتىن-ئاخىر بوغۇلۇپ قالغان. بىر ئاتقا 40 يۆگەم يىپەك دېگەن مۇنداق ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تابغاچنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنىڭ بىر مىسالى. چۈنكى بىر يۆگەم يىپەك رىمغا بارسا 10 سەر ئالتۇنغا توختايدۇ. يايلاق ئارقىلىق ماڭغان يىپەك يولى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى پايدىلارنى كەلتۈرگەن. شۇڭا مۇشۇنداق قۇرغاقچىلىقى ئاپىتى بولغان تەقدىردىمۇ دۆلەت تەۋرەنمەي كەلگەن. ئەسلى يىپەك يولى دېگەن مۇشۇنداق بىر يول يوق. بۇ 19-ئەسىردە بىر گېرمان ئالىمى ئوتتۇرىغا قويغان سىمۋوللۇق بىر ئىسىم. ئۇنىڭ ھەقىقىي يەرلىك ئىسمى سوقاق يولى، سوقاق يولى دېگىنى پارىسقا بارىدىغان يول دېگەنلىكتۇر.»
لېكىن ئابېردېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئارخېئولوگ جاشۇئا رايتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئۇنى باشقا يايلاق ئىمپېرىيەلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر ئالاھىدىلىك ئەمەسكەن. جاشۇئا رايت، «ئۇلار يايلاقتىكى بىر دۆلەتنى باشقۇرۇشتا ھەقىقەتەن يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ جايلاردا چوڭ كۆلەملىك شەھەرلەرنى قۇرغان تۇنجى خەلقتۇر،» دەپ تەكىتلىگەن.
دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى چاغدا ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوردىسىدا شەھەر قۇرۇش ياكى قۇرماسلىق مەسىلىسىدە ئىنتايىن قاتتىق مۇنازىرىلەر قوزغالغانىكەن. قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار خانلىق قۇرغان 100 جەريانىدا ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىرى، مانى دىنى دۆلەت دىنى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، شەھەر سېلىشقا ئۆتىدۇ. شەھەر سېلىشتا ئەڭ بۇرۇن بىلگە قاغانلار شەھەر سالايلى دېسە، ئۇنىڭغا بىلگە تۇنيۇقۇق ئۇنىمىغان. ئۇ، بىز تابغاچلار نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىرىگىمۇ يەتمەيمىز، بىز ئاز. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئۇلارنى ھەر قېتىم يېڭىپ كەلدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ تۇراقلىق جايىمىز يوق. ئەگەر بىز شەھەر سالساق، بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق بولۇپ قالىدۇ ۋە تابغاچلار بىزنى ئاغدۇرۇۋېتىدۇ، دېگەن.»
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «يىپەك يولى» دائىم موڭغۇللارنىڭ كۆلەڭگىسىدە قېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. پېنسىلۋانىيە ھازىرقى زامان تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى تارىخچى، پروفېسسور نىكولا دى كوزمو ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى رولىغا باھا بېرىپ، «بىز تارىخچىلار ھازىرغا قەدەر كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ دۇنيا ئومۇمىي تارىخىدىكى ئورنىنى ياخشى چۈشەندۈرمىدۇق.... مېنىڭچە، بۇ خەلقلەرنىڭ دۇنيا تارىخىدا ئوينىغان رولىغا سەل قارىلىپ كەلدى،» دېگەن.