خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2017-يىل 30-ئۆكتەبىرگىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 18 مىليون كىشىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» گە قاتناشتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى گۇمان قوزغايدۇ، دېدى ھەمدە ئىنسانلاردىكى بىئولوگىيىلىك كىملىك بولغان DNA ئەۋرىشكىسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ دائىرىسى ھەققىدە توختالدى.
بۇلتۇر 9-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتۇم رايون دائىرىلىرى باشلىغان «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» خىزمىتى يېقىندا ئاياغلاشتى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىر يىل داۋاملاشقان ئاھالىلەر ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 18 مىليون 840 مىڭ ئاھالە قاتناشتۇرۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 13 مىليون 960 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا 1 مىليارد 580 مىليون يۈەن خەلق پۇلى سەرپ قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى دەپ تەرىپلەندى.
«ئاتالمىش ئاھالىلەر ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ مەدھىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە دائىرىلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئومىمىيۈزلۈك ئېلىپ بارغان مەزكۇر ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا گۇمان قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەردىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈشى ۋە ھەر بىر كىشى ئۈستىدىن سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇلىشىدا مەلۇم شۇم مەقسەت بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەردىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ تېببىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ۋە ياپونىيەدە گېن تەتقىقاتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى قاتارلىقلار، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇشىغا قارىتا گۇمانىي قاراشلىرىنى بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئىزاھلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشى ۋە ئارخىپلاشتۇرۇشى نېمە ئۈچۈن خەلقئارادا غۇلغۇلا ۋە تەنقىدكە ئۇچراۋاتىدۇ؟
نيو-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تېببىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئارخىپ قىلىپ ساقلاش ئەسلى تىبابەتتە جىددىي كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇشى گۇمان قوزغايدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كەڭ-كۆلەمدە ئارخىپلاشتۇرۇشىغا قارىتا گۇمانىي قاراشلارنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە نارازىلىق قوزغىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەنى «خىتاي خەلقىنى تېببىي تەتقىقاتتا تەجرىبە ئوبيېكتى قىلدى» دەپ ئەيىپلىگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلەلىرىدە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق شارائىتتا ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختالدى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدە ئاساسەن ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر خىل تېببىي مەقسەتتە بولسا، يەنە بىر خىلى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكادا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرگەنلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات شۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ۋە بۇندىن كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئارخىپلاشتۇرۇشى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى نېمە مەقسەتتە يىغىۋاتقانلىقى ھازىرقى شارائىتتا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئارخىپلاشتۇرۇشى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى كىشىلەر نەزىرىدە نورمال بولمىغان ئەھۋال دەپ قارالغان ۋە ھەر خىل پەرەز ۋە گۇمانلارغا سەۋەب بولغان.
نيو-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى ۋە ياپونىيەدە گېن تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىلەر يەنە DNA ئۇقۇمى ھەققىدىمۇ توختالدى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەخسلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى شۇ شەخسنىڭ بىئولوگىيىلىك كىملىكى بولۇپ، نۆۋەتتىكى تېخنىكىدا DNA ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەخكە مۇناسىۋەتلىك ئائىلە نەسەبى، ئۇنىڭ ئىرقىي كىملىكى، مىجەز-خاراكتېرى، ئەقىل-ئىدراكى قاتارلىق كۆپ خىل ئەھۋاللارنى بىلىش، تەتقىق قىلىش ھەتتا ھەر خىل يامان غەرەزدە پايدىلىنىشمۇ مۇمكىن ئىكەن. مەمەت ئىمىن ئەپەندى نۆۋەتتە DNA تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەردە نەسىل ئۆزگەرتىش، يېڭى سورت يېتىلدۈرۈش قاتارلىق ئومۇملاشقان ئەھۋاللارنى نەقىل ئېلىپ، ئەگەر بۇ خىل نەسىل ئۆزگەرتىش مەلۇم يامان نىيەتتە ئىنسانلارغا ئېغىر خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دېدى.
جۈرئەت ئەپەندى ۋە مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەر يەنە خەلقئارادا ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە شەخسلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاشتىكى قانۇنىي تەرتىپلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇشى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشىنىڭ جىددىي دىققەت قوزغىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
جۈرئەت ئەپەندى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ياتىدىغان ن ن ئا ئەۋرىشكىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى توپلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى كەڭ-كۆلەمدە توپلىشى، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش مەقسىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى بۇ قەدەر كەڭ توپلىشى، چەتئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائاليەتچىلىرىگىمۇ پسىخىك جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىش قورالى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ ساغلاملىق ئەھۋالىغا دائىر بەزى ئەھۋاللار ئاشكارىلىنىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا پسىخىك جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىشايسىلەر.
0:00 / 0:00