خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2017-يىل 30-ئۆكتەبىرگىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 18 مىليون كىشىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» گە قاتناشتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى»، شەخسلەرنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە خەلقئارا تېببىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن پىكىر بايان قىلدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە قان ئېلىنىپ DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ توپلىنىشى شۇنداقلا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ھەر خىل گۇمانىي قاراشلارغا ھەم پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتى ۋە دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدىكى تېببىي ئەخلاق قارىشى ۋە خەلقئارادا ئومۇملاشقان قانۇنىي بەلگىلىمىلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزى ئىشلەۋاتقان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تېببىي تەجرىبىلىرىدە DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش مەشغۇلاتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مەشغۇلات ۋە تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى ۋە تېگىشلىك ھەق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» باھانىسىدە مەجبۇرى قان بېرىشكە زورلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنىڭ مەجبۇرى تۇرغۇزۇلۇشىنىڭ خەلقئارا تېببىي ئەخلاق ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك كىملىكى بولغان DNA ئەۋرىشكىسىنى شۇ شەخسنىڭ رۇخسىتىسىز مەجبۇرى توپلاش قىلمىشى ياپونىيەدە شۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان سالامەتلىك ئارخىپلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشتىكى مەقسەت ئېنىق بولۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىش مۇددىئاسى كېسەل داۋالاش ئىكەن. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردىكى كېسەللىك ئارخىپلىرى ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرى شۇ كېسەلنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن تېببىي تەتقىقاتقا ئىئانە قىلىنىدىكەن. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئىشلىرى مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرگە «مىللىي بۆلگۈنچى» ياكى «ئىككى يۈزلۈمىچى» دېگەن قالپاقلار كىيدۈرۈلىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلار «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىلىدىكەن.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە ئالدىنالا تۇرغۇزۇلغان ساغلاملىق ئارخىپىنىڭ ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۆرەك ئالماشتۇرۇش، جىگەر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىلىك ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەردە ئالدىنالا ساقلانغان سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خەلقئارادا قانۇنسىز ئورگان كۆچۈرۈش سودىسى ئەۋج ئېلىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ ۋە مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلىشىدا مەلۇم شۇم مەقسەت بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانىي قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.
جۈرئەت ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشتۇرۇلۇپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش قىلمىشىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئەھۋالى ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك،» دېدى.
0:00 / 0:00