نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلار ئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

3- ۋە 4-سېنتەبىر كۈنلىرى نورۋېگىيەنىڭ شىئېىن شەھىرىدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىللىق دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ مۇسابىقىگە نورۋېگىيەنىڭ تۆت چوڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن تۆت كوماندا قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە نورۋېگىيەنىڭ شىئېىن شەھىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇسابىقىگە ھەر قايسى شەھەردىن كەلگەن كوماندىلار ئايلانما شەكلىدە قاتناشقان بولۇپ، ھەممە كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورۋېگىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر كوماندىلار يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ، دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كوماندىلار ئارا پەقەتلا مۇسابىقىدىكى نەتىجىنى نىشان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش، دوستلۇق ئورنىتىش، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر داۋا سېپىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئاساس سېلىش مەقسىتىدە توپ ئويناپ، پۇتبول ۋاسىتىسى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەپەندى كوماندىلارنىڭ نىشان-غايىلىرى ھەمدە شۇ كۈنلۈك مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
نورۋېگىيەدىكى زىيالىيلاردىن قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئاڭلاتتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ياشلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇلقەرنەيىن ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

پۇتبول مۇسابىقىسىگە پەقەتلا كوماندا ئەزالىرىلا قاتنىشىپ قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ قاتنىشىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپمۇ، پەرزەنتلىرىنىمۇ بىر ئۇچرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى كەڭ قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئەھۋاللىشىپ، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىتىۋانگىر كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىليار ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.