پۇتبول مۇسابىقىسىدە سىدنېي ئۇيغۇر كوماندىسى بىرىنچى بولدى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق «ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» دە سىدنېي ئۇيغۇر كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

مۇسابىقىدە سىدنېي كوماندىسى بىرىنچىلىككە، مېلبورن كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ۋە ئادېلايد كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسابىقە باشتىن-ئاخىرغىچە دوستانە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ چوڭ شەھەردىن كەلگەن پۇتبولچى ئەزىمەتلەر 36-37 گرادۇسلۇق ئىسسىققا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ماھىرەتلىرىنى تاماشىبىنلارغا نامايەندە قىلغان. بىز بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەتئىمىن ئەلا ۋە بۇ مۇسابىقىگە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە گېرمانىيەدىن بېرىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن ئەنىۋەر ئەخمەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2006-يىلىدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 13-قېتىملىقىنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەتئىمىن ئەلا بۇنىڭ،نوقۇل ھالدا بىر پۇتبول مۇسابىقىسىلا ئەمەس، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى ئىكىساق روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ئەنىۋەر ئەخمەت ئەپەندى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ئۇ، تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇشتا ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سىدنېيدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى، تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىن بېرى قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە پىلانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

2006-يىلىدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 14-قېتىملىقى كېلەر يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.