ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى شەۋكەت بارۇتجۇ ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كەلگەن شەۋكەت بارۇتجۇ مەرھۇمنىڭ جىنازا مۇراسىمى 21-سېنتەبىر كۈنى ئەنقەرە ھاجى بايرام مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن قارشىياقا قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى. مەرھۇمنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، دەۋا دوستلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

ئۇنىڭ تاۋۇتىنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى يېپىلغان بولۇپ، مۇراسىمدا ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۇنىڭ 84 يىللىق ھاياتىدا ئەسىر تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلەشتى. جىنازە مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا يۆگەلگەن تاۋۇتىنى نۆۋەت بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ قارشىياقا مازارلىقىدا دەپنە قىلدى.

84 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن شەۋكەت بارۇتجۇ پۈتۈن ئۆمرىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ئاتىغان ئەرباب بولۇپ، ئۇ، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، كۆپ ساندا ئۇيغۇر دوكتورلىرىنى يېتىشتۈرگەن پروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزئۆندەر خانىمنىڭ دادىسى ئىدى.

ئۇ قانداق بىر كىشى ئىدى؟ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى نېمە؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئورخان قاۋۇنجۇ ۋە ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى، مەرھۇم شەۋكەت بارۇتجۇ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى بويى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەھمەتلىك شەۋكەت بارۇتجۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ئورخان قاۋۇنجۇ ئۆزىنىڭ بىر تۈركىستانلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىستان دەۋاسىنى شەۋكەت بارۇتجۇ مەرھۇمغا ئوخشاش كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

رەھمەتلىك شەۋكەت بارۇتجۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.