قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى ئىليار ئىمىنوف خىتايدا بولىدىغان مۇسابىقىگە يەنە قاتناشماقچى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستان ياش تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدا يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، كاراتې، چامباشچىلىق، قائىدىسىز چېلىشىش ۋە باشقىمۇ تۈرلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

ئۆتكەن يىلنىڭ 2-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ شېنجۇ شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئارىلاشما چېلىشىش سەنئىتى بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قازاقىستان كوماندىسىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان كوماندىسى بەش تەنھەرىكەتچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئىليار ئىمىنوف ۋە باھادۇر ۋىليامۇسوفتۇر.

مەزكۇر شەھەردە بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىدىكى 84 كىلوگراملىقلارنىڭ ئېلىشىشىدا خىتاي ماھىرىنى يېڭىۋېلىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئىليار ئىمىنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدىكى دەسلەپكى قەدەملىرى ۋە ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەتنى 3-سىنىپتىن تارتىپ باشلىدىم. دەسلەپتە ھەربىي چېلىشىش، ئاندىن 6-سىنىپتا كىكبوكس(ئەركىن مۇشتلىشىش)، 9-سىنىپتا ئارىلاشما چېلىشىش سەنئىتى بويىچە (ھازىرقى)مۇشۇ ترېنېرىمغا مەشىق قىلىشقا كەلدىم. بىرىنچى مۇسابىقەم ئالماتادا بوكستىن بولۇپ، بىرىنچىلىكنى ئالدىم. 19 ياش ۋاقىتلىرىمدا قازاقىستان بويىچە چېمپىيون بولدۇم. 2016-يىلى خىتايدا ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئۇتۇۋالدىم. ئۇيغۇرلاردىن مەن ۋە باھادۇر ۋىليامۇسوف كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر تەركىبىدە مۇسابىقىگە چۈشتۇق. ئۇ، 6 سېكۇنتتا ئۇتۇۋالدى. مەنمۇ 22 سېكۇنتتا بىر خىتاينى ئۇتۇۋالدىم. مۇسابىقىدە شىنجاڭدىكى قازاق بالىلىرىمۇ ئوينىدى. ئۇلار بىلەن تونۇشتۇق».

ئىليار ئىمىنوف ئاتا-ئانىسىنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىغا قارشى بولغان بولسىمۇ، ئامما كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ خىتايدا بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىدىن كېيىن، ئۇنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا باشلىغانلىقىنى، مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى ئېيىدا يەنە خىتايغا بارىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر جىددىي مەشىقلىنىشكە كىرىشكەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىدا ترېنېرى رېنات ۋەلىئەخمەتوفنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىليار ئىمىنوفنىڭ ترېنېرى رېنات ۋەلىئەخمەتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شاگىرتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:«ئىليار ياخشى شاگىرت. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل بولدى ئىشلەۋاتقىنىمىزغا، ئۇ دەسلەپتە ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدا بولدى، ھازىر مانا چوڭلار تەركىبىگە كىردى. ئۇ باشتا ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدا بولسىمۇ، دائىم چوڭلار تەركىبىدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا ئىنتىلىپ كەلدى. مېنىڭ شاگىرتلىرىمنىڭ تولىسى ئارىلاشما چېلىشىش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بالىلار، بولۇپمۇ ئۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە كۆپ مەشىقلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا خىتاي شەھىرى شېنجۇدا بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىگە ئىليار كەسپىي تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدە دەسلەپ قېتىم قاتنىشىپ، 22 سېكۇنتنىڭ ئىچىدە بوغۇش ئۇسۇلى بىلەن رىقابەتچىسىنى يېڭىۋالدى».

رېنات ۋەلىئەخمەتوف شاگىرتىنىڭ تېخى ياش بولغانلىقىدىن ئۇنىڭ يەنە كۆپ ئىشلىشى لازىملىقىنى، مۇبادا ئۇ مۇشۇنداقلا قاتتىق تىرىشسا، يەنىمۇ كۆپلىگەن غەلىبىلەرگە يېتىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بوكس بويىچە باش ترېنېر دولقۇن كامېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئەنە شۇ ئىليار ئىمىنوف، باھادۇر ۋىليامۇسوف ئوخشاش تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرىدە يېتىلىپ چىقىۋاتقان ياش ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن كۆپ ئۈمىدلەر كۈتۈلمەكتە. ئۇ، ئۆزى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقان بوكس بويىچىمۇ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىدىن شاگىرت تەييارلاۋاتقان ئۇيغۇر ترېنېرلىرىنىڭمۇ ھەر خىل تەنھەرىكەت مەركەزلىرىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:«بوكس بويىچە پەرھاتوۋا رانە، دىلمۇرات مىجىتوف چىقىۋاتىدۇ. ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇرلار بار. ترېنېرلاردىن بولسا، ھازىر كاراتې بويىچە غوپۇر توختىيېف، قائىدىسىز چېلىشىشتىن ھېمىت توختاخۇنوف ئىشلەۋاتىدۇ. بوكستىن رەھىمجان سىدىقوف، تەنھەرىكەت ئاكادېمىيىسىدە خەمىت بەرايېف ۋە بىزنىڭ شاگىرتلىرىمىزدىنمۇ ياش ترېنېرلار چىقىۋاتىدۇ».

دولقۇن كامېكوف كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ مەشىقلەندۈرۈۋاتقان دىلمۇرات مىجىتوفنىڭ ئۆتكەن يىللىرى كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، يېقىندا ئۇنىڭ قازاقىستان ياشلار كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ھازىر يېرىم كەسپىي بوكسچىلاردىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپىدا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.