يېقىندا ياپونىيەدە، ياپونىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىسى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخىي ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا توختالغان. ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۆزگىچە يېڭىلىقلار ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، خىتاي مىللىتىنىڭ قارىشىدا بولسا غەربچە داۋالاش يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور يەنە ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە بولغان ھازىرقى قارىشىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى، يەنى «جۇڭيىچە» داۋالاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن قەدىمكى يۇنانلىق تېببىي ئالىم ھىپپوكراتېكىس ئوتتۇرىغا قويغان تېببىي نەزەرىيىلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەتقىقاتچى ماساجىرۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بولسا ئىنساننىڭ ساغلاملىقىنى ئوت، سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراققا مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراش بىلەن بىرگە، ئىنسان تېنىنىڭ ئىسسىق، ھۆل، قۇرغاق ۋە سوغۇق دەپ تۈرلەرگە بۆلۈپ، كېسەل تەكشۈرۈشتە ئاساسەن ئىنساننىڭ تىلىغا قاراش ۋە تومۇرىنى تۇتۇشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور ماقالىدە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە قوللىنىدىغان دورىلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ تەن- ساغلاملىقىنى قوغداپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەنگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دورىلار دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى مىلادىدىن ئىلگىرى 5-ئەسىردىن باشلانغان يۇنان تېبابەتچىلىكى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. 12-ئەسىردە ئەرەب دۇنياسىدا تەرەققىي قىلغان يۇنان تېبابەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە بولسا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىككى مىڭ بەش يۈز يىل ئىلگىرى تەكلىماكاندا مەيدانغا كەلگەن دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلاردا دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئىككى مىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخىي دەل يۇنانلىق تېببىي ئالىم ھىپپوكراتېسنىڭ يۇنان تېبابەتچىلىكى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور، يۇنان تېبابەتچىلىكى دەپ ئاتىلىۋاتقان تېبابەتچىلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە يۇنان تېبابەتچىلىكى بىلەن ھىندىستان تېبابەتچىلىكىنىڭ بىرلەشمە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل تېبابەتچىلىك ئەرەب دۇنياسىغا كەڭ تارقىلىپ، غەرب دۇنياسىدا غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگۈچە، يۇنان تېبابەتچىلىكى ئومۇملاشقانلىقىنى قەيت قىلغان.
ماقالىدە، «يۇنان تېبابەتچىلىكى ئەرەب ئەللىرىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان، پەقەتلا ھىندىستاندا ئەمەلىي سىستېمىلىق قوللىنىلغان» دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە «ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولغان ھىندىستان بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا سودا ئالاقىسىدە تېبابەتچىلىككە ئائىت دورا ۋە ماتېرىياللارنى ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى، خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە پەيدىن-پەي ئومۇملاشقان دېيىلگەن.
ماساجىرۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن شىپاخانىلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ، لوپ ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسىدە يېزىلىشىچە،ئۇيغۇر ئېلىگە مەشھۇر بولغان لوپلۇق تېۋىپ توختىئاخۇن ھاجى باشلىق بىر قانچىلىغان تېۋىپلار داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئاساس قىلغان كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش شىپاخانىسى قۇرغان.1954-يىلى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىنىشىدە بۇ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش شىپاخانىسى قايتا ئېچىلغان.1956-يىلى خوتەن، لوپتا تېۋىپلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.ئەينى ۋاقىتتا لوپتىكى مىللىي شىپاخانىغا كىرگەن كىرىم،شىپاخانىدىكى سەككىز تېۋىپقا بۆلۈپ بېرىلگەن.1960-يىلى مەزكۇر شىپاخانا كوپىراتىپقا قوشۇۋېتىلىپ،مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا شىپاخانىدىكى سەككىز تېۋىپ خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىلگەن.
ئاپتور، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت 36 توملۇق كىتابتىكى تارىخىي ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قەدىمىي گىرېتسىيە، تېبابەتچىلىكى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان دەپ يېزىلغانلىقى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ مەركىزى خوتەن ئىكەنلىكىنى، خوتەندە 1975-يىلى خوتەن ۋىللايەتلىك مىللىي شىپاخانا ئېچىلغانلىقىنى شۇنداقلا 1992-يىلى خوتەندە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ مەركىزى خوتەندىكى تارىختا ئۆتكەن تېۋىپلار ۋە خوتەن خەلقىنىڭ تېبابەتچىلىككە بولغان قاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيە مۇتەخەسسىسى ماساجىرۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ خىتايدىكى غەربچە داۋالاش بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا تارقىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتتە دوختۇرخانىلار كۆپىيىپ، دورا باھاسى ئۆرلەپ، ئۇنى كونترول قىلىشنىڭ تەسلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن.