خوتەندىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كاپالەتنامە يېزىشقا مەجبۇرلانغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن ئورتا ئاسىيادىكى مەشھۇر ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ھىندى، ئىران، ئەرەب ۋە يۇنان تىبابەتلىرىنىڭ مۇئەييەن تەجرىبىلىرىنى ئىجادىي ھالدا ئۆزلەشتۈرگەن شۇنداقلا خەلق ئىچىدىكى تېببىي بىلىملەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلغان قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تىبابەتچىلىكتۇر.

ئۇيغۇر ئاتا-مىراس تېۋىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى خەلق تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا سىستېمىلىق ئوقۇمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. ۋەھالەنكى، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بۇ ئەھۋال ئۆزگەرگەن. دائىرىلەر ئىمتىھانغا قاتناشقان تېۋىپلاردىن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانىنى بىر تۇتاش خىتاي تىلىدا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خوتەن رايونىدىكى تېۋىپلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالمىغان.

ئۇيغۇر ئاتا-مىراس تېۋىپلىرى كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالالمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا شىپاخانا ئېچىپ كېسەل كۆرۈشىگە يول قويۇلمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنچە كېسەل كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگىچە سۇنغان ئەرز-شىكايەتلىرى ھازىرغىچە جاۋابسىز قالغان.

بۈگۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر تېۋىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىمىز بولمىغاچقا خوتەندە ئۆز ئالدىمىزغا شەخسىي دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل كۆرۈشكە ئامالسىز قالدۇق. بىز بۇ كەسىپكە ئوقۇپ ياكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملاپ كىرىشكەن ئەمەسمىز، بىز پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كەسپىي ئۇدۇم بويىچە ئۆزلۈكىمىزدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇزاق مەزگىل تومۇر تۇتۇپ ئەمەلىي تەجرىبە توپلاش جەريانىدا يېتىشكەن ئاتا-مىراس تىۋىپلارمىز. بىز ئەلمىساقتىن تارتىپ پەقەتلا ئۆز تىلىمىزدا كېسەل كۆرۈپ كەلگەن. كېسەللەر ئىچىدە يۈزدە بىر خەنزۇ بىمارلار ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ كېسىلىنى تەرجىمان ئىشلىتىپ كۆرىمىز. ئادەتتە خەنزۇ تىلىغا ھېچقانداق ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدۇ. ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق. كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالمىساڭلار كېسەل كۆرۈشكە بولمايدۇ دېدى. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى تېۋىپلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بېرىپ بۇ كىنىشكىنى ئالغان. بىز ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئىمتىھان بېرەيلى دەپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرسەك، ئىمتىھاننى خەنزۇچە بېرىسىلەر دەيدۇ. خەنزۇچە بېرەلمەيمىز، ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىڭلار ياكى ئۇيغۇرچىغا نەق مەيداندا تەرجىمە قىلىپ بېرىڭلار دېسەك ئۇنىمىدى. بۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدۇق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىر يىلدىن بۇيان ۋىلايەتتىن مەركەزگىچە ئەرز قىلغان بولساقمۇ بىزنىڭ ئەرزىمىزگە ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. پەقەتلا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس ھۆججىتى چۈشسە ئاندىن ئىمتىھاننى ئۇيغۇرچە بېرىشكە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، ئىمتىھاننى چوقۇم خەنزۇ تىلىدا بېرىسىلەر دەپ تۇرۇۋالدى.»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئامال بولمىغاچقا بۇ يىل يەنە قايتا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. يېقىندا تېۋىپلاردىن بىرقانچىمىز بۇ يىللىق كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىغا باردۇق. ئۇلار ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاپالەتنامە يېزىپ ئىمزا قويىسىلەر دېدى. بىز قانداق كاپالەتنامە يازىمىز دەپ سورىساق، ئۇلار ‹سىلەر ئۆتكەن يىلى ئۈستىمىزدىن يۇقىرىغا ئەرز سۇندۇڭلار. شۇڭلاشقا بۇ يىل ئىمتىھانغا تىزىملاتماقچى بولساڭلار ئالدى بىلەن كاپالەتنامە يېزىپ بېرىشىڭلار شەرت. يەنى ئىمتىھان سوئالى مەيلى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە چىقسۇن، بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەرز-دەۋايىمىز يوق دەپ كاپالەتنامە يازىسىلەر، ئاندىن تىزىملايمىز. بولمىسا، ئىمتىھان بېرىشكىمۇ يول قويمايمىز!› دەپ تۇرۇۋالدى. باشقا تاللىشىمىز بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە كاپالەتنامە يېزىپ ئىمزايىمىزنى قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەگەر ئىمتىھاننى يەنە خەنزۇچە ئالسا ئۆتەلمەسلىكىمىز بەش قولدەك ئېنىق.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.