ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسپىي قورغىنى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە يەنە قانچىلىك پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؟ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە قاراتقان تېز سۈرئەتلىك ئېرىتىش سىياسىتى داۋامىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ مىللىي تېبابەت ساھەسىدىكى قانۇنىي ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالامدۇ-يوق؟
ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇرلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ سوئال پەيدا بولدى. خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرەلمىگەن ئۇيغۇر تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شىپاخانىلىرى تاقالغان. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا شىپاخانا ئاچالمىغاچقا، ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنچە كېسەل كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ھەم تېببىي ئىلىم ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سۈپىتىدە كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە سوئال بەلگىسى قويماقتا.
رادىئومىز خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىن ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدى. ھالبۇكى، ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە مەسئۇل خادىمى ئامىنەم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. سەھىيە نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە مەسئۇل خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئۇ سورىغان سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى. تۆۋەندىكىسى مەزكۇر خادىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ ئەينە خاتىرىسىدۇر.
مۇخبىر: بۇ ئەھۋالدىن (يەنى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇرلىنىش ئەھۋالىدىن) سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى خەۋەردارمۇ؟
مەسئۇل خادىم: شۇنداق، بۇنىڭدىن نازىر ۋە باشقا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرى بار، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتى، ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرمەي كەلگەن سىياسەت بۇ!
مۇخبىر: سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇيغۇر تېبابىتى جۇڭگودىكى مۇھىم مىللىي تېبابەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇق مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ساھە. شۇڭا بۇ خىل ئالاھىدە بايلىقلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟
مەسئۇل خادىم: بۇ پىكرىڭىز توغرا، بىزمۇ تىرىشىۋاتىمىز، بەلكىم بىر كۈنلەردە بۇمۇ ھەل بولۇپ قالار.
مۇخبىر: تېۋىپلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ھازىر ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شىپاخانا ۋە دوختۇرخانىلىرىنى ئاچالمايۋېتىپتۇ. سەۋەبى پەقەتلا شۇ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىكەن. بۇ ئالاھىدە ساھە بولغاچقا سەھىيە نازارىتى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار ياكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ھەل قىلىپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟
مەسئۇل خادىم: ئەلۋەتتە، شۇنداق بولىدۇ. بىزنى بۇ ئىشقا كۈچىمىدى دەمسىز؟ ھازىرغىچە پەقەتلا شۇ نەچچە ئونلىغان تېۋىپلارنىڭلا ئىشى بۇ. بۇنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۆتلۈكىدىن كۆرسە بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى خەنزۇچە نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئون نەچچە تېۋىپنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەم، ئۇلار بىرەر تال خەنزۇچە خەتنىغۇ تونۇمايدىكەن، ھەتتا بىر ئېغىز خەنزۇچە گەپمۇ قىلالمايدىكەن. باشقىلار ھەممىسى خەنزۇچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، كىنىشكا ئېلىپ ئىشلەۋاتىدىغۇ!؟
مۇخبىر: قاراڭ، بۇ يەردە مۇنداق مەسىلە بار. خەلق ئىچىدىكى تېۋىپلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاتا مىراس تېۋىپلار. ئۇلار سىستېمىلىق مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن. تېببىي مەكتەپ ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئوقۇمىغان. ئۇلارنى خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا دۆت قاتارىغا چىقىرىۋېتىش توغرا ئەمەس-تە!؟ سىز سەھىيە نازارىتىنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرى تۇرۇپ بۇنداق دېسىڭىز توغرا بولامدۇ؟
مەسئۇل خادىم: بۇنى سىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن، قاراڭ! باشقىلار بۇ خىل ئېمتىھانلاردىن ئۆتۈپ كىنىشكا ئالدىغۇ!؟ تىۋىپلارمۇ جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بولغاندىكىن، تىرىشىپ ئۆگەنسە ئېمتىھاندىن ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ؟
مۇخبىر: تىۋىپلارنىڭ شەرت-شارائىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەڭ ئەقەللىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن، ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئالغان ئۇدۇم ۋە تەجرىبە بويىچە تومۇر تۇتىدىغان بۇ كىشىلەرنى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز بولمايدۇ-دە؟ سىز بۇ ساھەدىكى رەھبىرىي كادىر ئىكەنسىز، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ساقلاپ قېلىش سىزنىڭمۇ مەجبۇرىيىتىڭىز ئەمەسمۇ؟
مەسئۇل خادىم: ئەلۋەتتە، شۇنداق بولىدۇ. بۇنى بىز شۇنداق قىلىپ كەلدۇق. پارتىيىنىڭ بىزگە بەرگەن سىياسىتى شۇنداق ياخشى. بۇ سىياسەتنى ھېچكىم بىزگە بېرىپ باقمىغان. گەپ پەقەت بىزنىڭ تېۋىپلارنىڭ تىرىشمىغانلىقىدا. شۇڭا ئۆزىمىزدىن كۆرۈشىمىز كېرەك.
مۇخبىر: پارتىيىنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى بولسا، نېمىشقا ئۇلارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەيسىلەر، ئەمىسە!؟
مەسئۇل خادىم: دېدىمغۇ! بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق. يۇقىرىدىن بۇ ھەقتە ئېنىق سىياسەت چۈشمىسە، بىز ئۆز ئالدىمىزغا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش چىقىرىلغان ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلمەيمىز.
مۇخبىر: ئۇنداق دەپ تۇرساڭلار، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى تەرەققىياتقا ئەمەس، بەلكى يوقىلىشقا يۈز تۇتىدۇ-دە!
مەسئۇل خادىم: ئۇنداق دېيىشكە بولماس، بىز بۇ ئەھۋالنى مەركەزگە يوللىدۇق دېدىمغۇ! يۇقىرىدىن ئېنىق سىياسەت چۈشمەي تۇرۇپ ھېچكىم ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئىمتىھاننى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىشقا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلىمەكچىمەن. ھازىر پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بېرىۋاتقان ياردىمى ئالاھىدە كۆپ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەيلى چوڭ دوختۇرخانىلار بولسۇن ياكى يەرلىكتىكى شىپاخانىلار بولسۇن، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەتتى. ھەر يىلى تېببىي ساھە ئۈچۈنلا مەركەزدىن تىرىلىيونلاپ پۇللار چۈشۈۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىت ئىلگىرى زادىلا بولۇپ باقمىغان.
مۇخبىر: سىياسەتنى كۆپ سۆزلىدىڭىز، مەركەزدىن تىرىلىيونلاپ پۇل كېلىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز. شۇ شارائىتلاردىن كىم پايدىلىنىۋاتىدۇ؟ شۇ پۇللار ھەقىقىي موھتاج كىشىلەرنىڭ، ئەڭ ئېھتىياجلىق ئادەملەرنىڭ قولىغا تېگىۋاتامدۇ؟ سىياسەت سىز دېگەندەك شۇنچىلىك ياخشى بولسا، نېمىشقا ئەزەلدىن ئانا تىلدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتىگە خەنزۇ تىلى ئۆتكىلى قويۇلىدۇ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدەك مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولغان ساھەلەردە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىش دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ياكى ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئەمەسقۇ!؟
مەسئۇل خادىم: بىر گەپ بولار….