ئۇيغۇر ھېكىملەر : خىتاي ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلسىمۇ «مېنىڭ» قىلىۋالالمايدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.05.10
uyghur-tebabet-tibabet-dorigerlik-1.jpg تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
uy.ts.cn

يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر دورىگەرلىك بايلىقىنى كەڭ تۈردە سانائەتلەشتۈرۈش، ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسەتلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي كارخانىلىرى ئىگىلەۋاتقان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىنى كەسىپ قىلغان يەرلىك شىركەت ۋە زاۋۇتلار ئادالەتسىز رىقابەتتە ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۇيغۇر تىبابەت ۋە دورىگەرلىك كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شىنجاڭ خەلقئارا ساغلاملىق كەسىپ رايونى» قۇرۇشقا ئۇل سالغان.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتى، جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكى، سالامەتلىكنى ئاسراش، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 30 مىليارد سومغا يېقىن مەبلەغ سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر دېيىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش، رىقابەتلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك كەسپىگە يەنە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ؟

تەڭرىتاغ تورىنىڭ-10 مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ خەلقئارا ساغلاملىق كەسىپ رايونى» غا 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇل سېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قۇرۇشقا باشلىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 3000 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ 30 مىليارد سومغا يېقىن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساغلاملىق ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم تىرەك ۋە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدىكەن. خەۋەردە « داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ھەم يىپەك يولى لىنىيە بويىدىكى دۆلەت، رايونلارنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى » دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانىدا، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتتە خەلقئارالىق داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدا جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت بويىچە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا 21-مارت ئېچىلغان 2017-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، بۇ يىل ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئاتالغۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تىۋىپلارنىڭ داۋالاش كىنىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بىردەك خىتايچە ئېمتىھانغا قاتنىشىشنى شەرت قىلىش، يەرلىك قەدىمىي دورا رېتسىپلىرىنى كەڭ تۈردە خىتاي زاۋۇرتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش، خىتاي تىبابەت دورىخانىلىرى بىلەن  ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنى قوشۇۋېتىشكە ئوخشاش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىنكاسلارغا قارىغاندا،بۇنىڭ بىلەن  ئۇزاق تارىخقا، خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇر تىبابىتى «مىللىي تىبابەت» نامىدا خىتايچە داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ قېتىۋېتىلگەندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى، پەقەتلا ماددىي مەنپەئەتنى قوغلاشقان خىتاي زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر تېببىي دورىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچەملىرى ۋە ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ياسىغان ساختا دورىلارنىڭ بازارنى قاپلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي دورىگەرلىك ساھەسى بۇزغۇنچىلىق ۋە ئېغىر تەھدىتكە يۈزلەنمەكتە.

بۇ خىل توسالغۇ ۋە رىقابەتلەر سەۋەبلىك بىر قىسىم تىۋىپ، ھېكىم ۋە دورىگەرلەر يېقىنقى يىللاردا ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەر ياشاۋاتقان ئەللەردىن شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە بولۇپ،  3 يىل ئاۋۋال تۈركىيەگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزى سۆيگەن ئۇيغۇر توىبابەتچىلىك كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش توغرىلىق خالس مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىۋىپ، نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرماقچى بولغان خەلقئارالىق ساغلاملىق كەسپىي رايونى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر تىبابىتىدىن ئىبارەت 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كەسپنى « مىللىي تىبابەت » دەپ مەۋھۇملەشتۈرۈپ ئاتاشنىڭ ئۆزىدىنلا، ئۇيغۇر تىبابىتىنى يوق قىلىشتەك بىر سىياسي غەرەزلىرىنىڭ ياتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلەر سەۋەبلىك يۈزلەنگەن رىقابەتتە زور بۇزغۇنچىلىققا ۋە خوراشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ تىۋىپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي دورىگەرلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەسپىي ئۇيغۇر دورىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دورا شېركەتلىرى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق رېتسىپلىرىغا ھەر خىل يوللار بىلەن ئىگە بولۇپ مونوپۇل قىلىۋېلىش بىلەن، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكنى كەسىپ قىلغان شىركەت ۋە زاۋۇتلار ئادالەتسىز رىقابەتتە ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولماقتا. بىر قىسىم دورىگەر ۋە تىۋىپلار تۈركىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە يېقىن ئەللەرگە چىقىپ ئۇيغۇر تىبابەت كەسپىنى تونۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، خام ئەشيا ۋە مەبلەغ جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. گەرچە ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى غەرب دورىلىرىدەك تىز بولمىسىمۇ، ساپلىقى، كېسەللىكنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشتەك خاسىيەتلىرى ئۇزاق تارىختىن بۇيان باشقىلارنىڭمۇ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ھازىرمۇ ھېلىھەم قىزىقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، ھازىر ۋاشنگىتون دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش خادىمى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى. ئىلگىرى سىياسەت، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەم بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك بايلىقى كەڭ تۈردە سانائەتلەشتۈرۈلمەي، تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئىپتىدائىي تېخنىكا بويىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا، ئۇنىڭغا زور زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1994-يىلى 6-ئايدا ‹‹زۇكام جەۋھىرى›› قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى تۇنجى قېتىم سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، رەسمىي يوسۇندا بازارغا سېلىندى. خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر  ‹‹زۇكام جەۋھىرى››نىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون سومدىن ئاشقانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلغان ئىدى. دوختۇر جۈرئەت ئۆزى مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، زۇكام جەۋھىرى قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقوقىنى پۈتۈنلەي  خىتاي شېركەتلىرى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ يەنە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان، يېتىشتۈرۈلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ھوقۇقنىڭ ھەممىنى مونوپۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئادالەتسىز سىياسەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتى جان تالىشىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى خىتاي تىبابىتىدىن تامامەن پەرقلىق بىر ئىلىم، تارىختىن بۇيان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بىلەن ساقلىنىپ كەلگەندەك، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسىمۇ، خىتاي ئۇنى ھەرگىزمۇ" مېنىڭ "قىلىۋالالمايدۇ» دەپ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.