خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر- ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16-17-ئىيۇن كۈنلىرى ئىلى ۋادىسىدا ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن غۇلجا، توققۇز تارا، كۈنەس، نىلقا، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق ناھىيەلەردە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ۋە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن. 20- ئىيۇنغىچە بولغان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاپەتنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى 200 مىليون سومغا يەتكەنلىكى، 7000غا يېقىن ئادەمنىڭ يۆتكەلگەنلىكى قاتارلىقلار خەۋەر قىلىندى.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىلى دىيارىدا ياققان قاتتىق يامغۇر، رايوندا ئادەم ۋە مال چارۋىلار كەلكۈندە ئېقىپ كېتىش، ئۆي ۋە ئېغىللار سۇ ئاستىدا قېلىش، ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەر سۇ ئاستىدا قېلىش، تاغ گۈمۈرۈلۈپ قاتناش توسۇلۇش، مۆلدۈر دەستىدىن زىرائەتلەر يېتىپ كېتىش، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەر قېقىلىپ كېتىشتەك ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مۇخبىرلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئىلىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئىقتىسادى زىيان ۋە ئۆلۈش يارىلىنىش، مال-چارۋىلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋەرلىرى ئىنتايىن ئاز بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار پەقەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ ئاپەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىش بىلەن چەكلەنگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، ئىلى ۋادىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن 5722 ئادەم جىددىي يۆتكەلگەنلىكى، 15 مىڭ گېكتار زىرائەت، 1400 گېكتار ئوتلاق زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 800 تۇياققا يېقىن چوڭ - كىچىك مال ئۆلگەنلىكى، 487 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
ئەمما ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان فىلىم ۋە رەسىملەردىن، بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان سىتاتىستىلىق مەلۇماتلاردىن خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياققان قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ئاپىتىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق قارىقياغاچ كەنتى، چولۇقاي،كان يېزىلىرى، جىرغىلاڭ قاتارلىق جايلاردا زىيان ئېغىر بولغان.
ئاپەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان بىر دېھقان، ئۆز يېزىسىدىكى ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىم غۇلجىدا ياققان قاتتىق يامغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەن بىر خانىم ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا يامغۇردىن قورققان ھالىتىنى تەسۋىرلەپ، « ياراتقان ئىگەم ئاللاھتىن بۇ ئاپەتنى تېزرەك توختىتىشنى ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىپ يىغلاپ كەتتىم! كېيىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردا تارقالغان سىنئالغۇلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ-ئاللاھ دەپ ئىلتىجا قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى.
ئىلى دىيارىدا، قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش بىلەن بىللە، نىلقا ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا مۆلدار ئاپىتىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە نىلقىدا 15 مىنۇت ئەتراپىدا مۆلدۈر ياققانلىقى، ئېتىزلاردىكى قوناق مايسىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ۋە قىسقا سىنئالغۇ فىلىملىرى تارقالدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقان مۆلدۈرلەرنىڭ چوڭلۇقى پۇرچاقتەك ئىكەنلىكىنى، بەزى مۆلدۈرلەرنىڭ ھەتتا ياڭاقچىلىق چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاپەت ئېغىر بولغان ناھىيىلەردىن قورغاس ناھىيەسىدىكى قومۇش جىلغىسى بازىرىدا 17-ئىيۇن ياققان قارا يامغۇردا ئېتىزلار پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغان، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ،قاتناش توسۇلغان، پۇقرالارنىڭ قاپسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان.
بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە يەنە قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى توسۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە لاي-تاش ئېقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان، سايرام بويىدا قوش لىنىيەلىك قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، 400 دىن ئارتۇق ماشىنا، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاپسىلىپ قالغان.
غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۈندىدار ۋە تېلېۋىزوردا بېرىلگەن خەۋەرلەردە سايرام بويىدىكى تەلكى تاغلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ، يول توسۇلغانلىقىنى، بۈگۈن يەنى 20- ئىيۇن كۈنى يول ئېچىلىپ، قاتناش راۋانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار يەنە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاپەت رايونىدا ئىكەنلىكى، ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاز بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان يەنە بىر خانىم، كەلكۈندە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى مۆلچەرلەش مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇ ئەھۋاللار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھازىرغىچە بېرىلمىگىنى ئۈچۈن، ئىلى دىيارىدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بەزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىلىدا يۈز بەرگەن بۇ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە تورلىرىدا ئۆز-ئارا ئىئانە توپلاشقا چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىئانە توپلاشنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ئۈندىدار سالونىدا ئۇچۇر تارقىلىپ، ئىئانە قىلىش ئىشىنى تەشكىللىگەنلەردىن دىققەت قىلىشى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئۈندىداردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا،غۇلجا رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى گۈلمىرە ئەخەت نامىدا يېزىلغان مۇنداق سۆزلەر ئۇچرايدۇ: « ئەسسالام ئەلەيكۈم تور ساھەسىدىكى تورداشلار، مەن غۇلجا رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن گۈلمىرە ئەھەت، غۇلجىدىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنمىدى. ھېچقانداق ئۈندىدار توپلىرىدا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىئانە يىغىش قانۇنغا خىلاپ دەپ غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاكارلىدى. غۇلجا شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى زور كۈچ چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلاردىن ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، شۇڭا ئۈندىدار توپلىرىدا ئىئانە يىققۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.»
ئەمما، ئىلى دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىئانە توپلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە رەسمىي خەۋەر بېرىلمىدى. رادىيومىز ئىلى تەۋەسىدىكى بىرقانچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.