ئۇيغۇر دېھقانلار: «داۋالىنىش كارتىمىز دوختۇرخانىلاردا ئىشلىمەيدۇ!» (2)

0:00 / 0:00

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىمارلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىدىكى بىر زور قىيىنچىلىق ۋاقتىدا دورا سېتىۋېلىش ۋە دورا ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلىدىكەن. بىز ھازىرقى كۈندە دورا دۇكانلىرىدىكى دورا باھاسى قىممەت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا دېھقانلارنىڭ «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» غا كوچىلاردىكى دورا دۇكانلىرىدىن دورا سېتىۋېلىشىدىكى تەرتىپلەرنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىرنەچچە دورا دۇكانلىرى ۋە دورىخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

-ياخشىمۇسىز، بۇ قەيەر؟
-بەيفۇ چوڭ دورىخانىسى.
-دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسىغا دورا ئالغىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەننى بىلىپ باقايلى دېگەنتۇق.
-كوپىراتىپتىن بەرگەننى دەمسىز؟ ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
-ئۇنداقتا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كارتىنىچۇ؟
-ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كارتىنى دەمسىز؟ ئەلۋەتتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
-بۇ كارتىلار نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
-دورا ئالماقچى بولغان كىشىلەر ئادەتتىكى داۋالىنىش كارتىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمما يېزىلارنىڭ ئۇ خىلدىكى داۋالىنىش كارتىنى (بۇ دورىخانىدا) قەتئىيلا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئاندىن بىز ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى بىرنەچچە دورا دۇكانلىرى بىلەن سۆزلىشىپ باقتۇق. بۇ دۇكانلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرمۇ سورالغان سوئاللارغا يۇقىرىقى خىتاي دۇكاندارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسىغا دورا ئالالمايدىغانلىقىدەك ئەھۋال يانچۇقىدا نەق پۇلى يوق دېھقانلارنىڭ كېسەل باشلانغاندا دەماللىققا بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆز تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەگەر كەم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئوپېراتسىيە قىلىش ياكى داۋالىتىش زۆرۈر بولغان پەۋقۇلئاددە ئاغرىقلارغا داۋالىنىش توغرا كەلسە، كەم دېگەندىمۇ بىرنەچچە يۈز مىڭ سوم نەق پۇل كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىدۇ.

ھالبۇكى، زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىرنەچچە يۈز مىڭ سوم ئەمەس، بەلكى بىرنەچچە مىڭ سومنىمۇ ئالدىراپ چىقىرالمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن دېھقان بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز ئاقسۇدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان بىر دېھقان بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشتۇق.

جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دورا زاۋۇتلىرى بىلەن دورىخانىلار ياكى دورا دۇكانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى دورا باھاسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قىممەت بولۇپ كېتىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب.

كۆپ تەرەپلىمە ساھەدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت مالىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك قوللىشى بولمىغاندا بۇ خىلدىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى تارقىتىش تۈزۈمىنىڭ كەڭ چارۋىچىلارنىڭ ۋە دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭ بولدى. ئەمما دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە باغلىنىشلىق بولغان بۇ زور، ئەمما نازۇك مەسىلىنىڭ قانداق شەكىلدە ھەل قىلىنىشى ھازىرقى مەۋجۇت شارائىتتا يەنىلا نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.