ئەيدىز ۋىرۇسى ھېلىھەم ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلە بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ مەيدانغا كەلگىنى يوق. پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورىمۇ يوق.
ئەمما ئۈنۈملۈك بولغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ يامرىشى يېقىنقى يىللاردا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولماقتا، جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ھايات قېلىش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان، ئەسلىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك، ئەيدىز دەرتمەنلىرىنىڭ ئارزۇ-ئېھتىياجىنى ئەخمەق قىلماقتا، ئۇلارنى ئالداپ دورا سېتىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. ئەيدىزنىڭ ئالدامچىلارنىڭ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا تونۇشقا ئىگە بولۇش پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر.
ئامېرىكىدىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىدىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئاتالمىش «سېھىرلىك ئەيدىز دورىسى» ئالدامچىلىقىدىن قايتا ئاگاھلاندۇردى.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز تارقىلىش ۋەزىيىتى ئېغىر بولۇپلا قالماي، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، مۇداخىلە قىلىش قاپلاش نىسبىتى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئەيدىزگە داۋا دورا ياكى ۋاكسىنىنىڭ تېخى ۋۇجۇدقا چىقمايۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ، پۇرسەتپەرەس ئالدامچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئادەملەر توپى-ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ دورا سېتىشتەك قىلمىشقلارمۇ ئېغىر ھالدا مەۋجۇت. بۇ ئەھۋال «ئەيدىزنى ساقايتىش دورىسى» غا ئىشىنىپ قالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ئىقتىسادى ھەم جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان بولماقتا. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ دورا باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى بوشلۇق ۋە دورا ئەتكەسچىلىرىگە قارىتا باشقۇرۇش ۋە زەربە بېرىشنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك، چەتئەللەرنىڭ تۈرلۈك ساغلاملىق دورىلىرىنى ئاجايىپ سېھىرلىك كۆرسىتىپ ئەيدىزگە ئوخشاش جاھىل كېسەللەرگە داۋا دەپ ئالداپ قىممەت باھادا ساتىدىغانلار كۆپەيگەن. يېقىندىن بۇيان رادىئومىزغىمۇ بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار ۋە مەسلىھەت سوراپ ئالاقىلاشقانلارمۇ بولدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يارپ» ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش تورىمۇ 6-ئاپرېل، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ دورا سېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتتى. ئېيتىلىشىچە، يارپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىغا بىر ئەيدىز يۇقۇمدارى، ئەيدىزگە داۋا دورىكەن دەپ ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن كورىان پاناخ گىنسەڭ «كورېيە ئادەمگىياھى» يەنى ئەسلى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى ياخشىلايدىغان ساغلاملىق دورىسىنى قانداق قوللىنىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ كىرگەن. بۇ يۇقۇملانغۇچى بۇ ئادەتتىكى ۋىتامىن خاراكتېرىدىكى ساغلاملىق دورىسىنى 800 سومغا سېتىۋاپتۇ. ساتقۇچى مۇشۇ دورا ئەيدىزنى داۋالايدۇ دەپ ساتقان ئىكەن.
بۇ دورا خىتاي ئىچىدىمۇ سېتىلىدىكەن. تاۋباۋ تورىدىكى باھاسى 128 يۈەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى چوڭ-كىچىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى دۇكانلىرى ۋە تور دۇكانلىرىدىمۇ باھاسى ئاران 15.80 دوللار بۇنى خىتاي پۇلىغا سۇندۇرساق، تەخمىنەن 90 سوم ئەتراپىدا بولىدۇ. تاۋباۋدىكىلەر ئاران 38 يۈەن پايدا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىمارغا ساتقۇچى 700 سوم ئەتراپىدا يەنى 5 ھەسسىدىن ئارتۇق پايدا ئالغان. ئەمەلىيەتتە ئەيدىزنى داۋالايدۇ دەپ قىممەت باھاغا سېتىۋالغان بۇ ساغلاملىق دورىسىنىڭ دورا قۇتىسىغا «مەزكۇر دورا ئامېرىكا دورا-يېمەكلىك ئىدارىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان، بۇ دورا كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا، كېسەل داۋالاشقا، ساقايتىشقا ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ» دېگەن ئەسكەرتىش يېزىلغان بولسىمۇ، بىمار ئىنگلىزچە بىلمىگەچكە ساتقۇچىغا ئىشىنىپلا ئالغان.
شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دوستلارنىڭ ئالدامچى ساتارمەنلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى، كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ كەتمەي، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئەيدىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندىمۇ يېقىندىن بۇيان يۇرتداشلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساغلاملىق دورىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقىنى، ئەيدىزنى داۋالايدىكەن دەپ ئالدىنىپ ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردە ياسالغان ياكى قۇتىسىغا باشقا تىللاردا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن دورىلاردىن مەسلىھەت سورىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەمتىمىن ئەپەندى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى ساغلاملىقى ئۈچۈن چەتئەل دورىلىرىنى سېتىۋالغاندا، ئاۋۋال بەزى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرسىتىپ ھۆكۈم قىلدۇرۇش لازىملىقىنى، دوختۇرغا نۆۋەتتە قوشۇپ، قايسى دورىلارنى ئىچىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىش لازىملىقىنى، ھەرگىزمۇ قارا قويۇق باشقىلارغا ئىشىنىپلا ئىستېمال قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇتەخەسسىس مەمتىمىن ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
-ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشتا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك ياكى نېگىزلىك داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، دورىلار ئەيدىزنى تەلتۆكۈس ساقايتالمايدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ۋىرۇسنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كونترول قىلىپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. شۇڭا، دەسلەپكى مەزگىلدىلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ.يۇقىرىقى «كورېيە ئادەمگىياھى» غا ئوخشاش ساغلاملىق دورىلىرى ھەرگىز كېسەل داۋالىيالمايدۇ، پەقەت بەدەندە كەم بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشىلىشى مۇمكىن، يەنە بەزى ساغلاملىق دورىلىرىنىڭ بىمارغا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشىگىمۇ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. يەنە بەزى بىمارلار ئالدامچىلارنىڭ ساغلاملىق دورىلىرىغا زىيادە ئەقىدە قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا بارماي شۇ دورىلارنى يەۋەرگەچكە، كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشى مۇمكىن.
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكە مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. داۋالاشنى قانچە بالدۇر باشلىسا ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش-ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئەمما بۇ جەريان ئۇزۇن ھەم جاپالىق، پەقەت ئىدىيە تەييارلىقى، بويسۇنۇش تەييارلىقى ۋە بەدەن جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، بىمار ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئۆز ۋاقتىدا بىمالال باشلىيالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا بالدۇر ھەم تېز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆمۈر ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلغاندىن، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، پۈتۈن رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارىنىڭ سانى 43533 كە يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پۈتۈن رايوندىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ %91 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8102 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ھايات يۇقۇملانغۇچى 27373 بولۇپ، بىمار 8058 كەن.
كېيىنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا، ئەيدىز مۇتەخەسسىسى مەمتىمىن ئەپەندى، خەلقئارادا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەتقىقاتىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلار، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە توغرا ئىجرا قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ.