ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى ئىزچىل ھالدا داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان، يۇقۇملانسا چوقۇم ئۆلىدىغان ۋابا دەپ قارىلاتتى. ھازىرمۇ ئەيدىزنى ھەقىقىي تونۇمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەيدىز كېسىلى جىنايەت، نومۇسسىزلىق، يىرگىنچلىك ۋەھىمىدىن ئىبارەت.
بۇنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل ئەنسىرەشلەر، قورقۇشلار ھەر خىل كەمسىتىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ئەمما نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىز تەتقىقاتلىرىدىن شۇنداق يەكۈنگە كېلىمىزكى، ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇش ئۇنچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاكتىپ ھالدا داۋالانماسلىق. ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۆھپە قوشقانلىق سانىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئەيدىز كېسىلىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ ئەيدىز مۇتەخەسسىسى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى بىزگە بۇ ھەقتە ساۋات بەردى.
ئەيدىز كېسىلىنى ئادەتتە HIV ئەيدىز ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋىرۇس ئادەتتە بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ئۇ كۆپەيگەندە ئاساسلىق بەدەندىكى CD4 دەپ ئاتىلىدىغان ئىممونىت ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، شۇ ھۈجەيرىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، ئاشۇ ھۈجەيرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز سانىنى ئاۋۇتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندىن كېيىنكى 4-6 ھەپتە ئۆتكەندە، بەدەندە ئەيدىزگە قارشى ئانتىتىلا شەكىللەنگەن ۋە شۇ ئارقىلىق قان تەكشۈرسە بايقىغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن كېسەللىك يوشۇرۇن باسقۇچقا كىرىدۇ، يوقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن قان تەكشۈرتسە، ئەيدىزدىن يوقۇملانغانلىقى چىقىدۇ. بۇ جەريان تەخمىنەن 7-8 يىللار داۋاملىشىدۇ. يوقۇملانغۇچى ئاستا-ئاستا ئەيدىز كېسىلى دەۋرىگە كىرىدۇ-دە، ھەر خىل پۇرسەتپەرەس يوقۇملىنىشلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر يەنە داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بارمىسا، يوقۇملانغۇچى ھەر خىل پۇرسەتپەرەس يوقۇملىنىشلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىزنى داۋالاش تەتقىقاتلىرىدىن، دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان نەتىجە. ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالىغان ۋاقىتتىكى CD4 ئاساسى سىزىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.
ھالبۇكى، خىتايدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارا قىلىشىچە، كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھازىر خىتايدا ئەيدىزنى تەكشۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس ئىكەن، تەخمىنەن 50% ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەيدىزدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلار ئىچىدە تەخمىنەن 70% ئادەم ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىستېمال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئەيدىزنى كونترول قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر داۋالاش ئىكەن.
ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە مۇقىملىشىپ قالغان ئەيدىزلەرنى كەمسىتىش ئۇنى ساقايماس كېسەل دەپ قاراشتەك ئىدىيەۋى قاراشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى توپىنىڭ ياشىشىنى تەسلەشتۈرۈۋاتىدۇ، داۋالاش ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغىمۇ زور توسقۇنلۇق ياراتماقتا.
مەمتىمىن ئەپەندى مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمانلانغانلارنى ئۆزلۈكىدىن داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە سەپەرۋەر قىلىش زۆرۈر، پەقەت ئامما ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى مۇھىم دەپ بىلگەندىلا، ئەيدىزگە سەل قارىماي، ۋاقتىدا داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتسە، دىئاگنوز قويغۇزسا، ۋاقتىدا بايقىسا، ۋاقتىدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئېلىپ بارسا، شۇ ھالدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئەيدىزگە قارىتا داۋالىنىش چىقىمىنى تۆۋەنلەتكىلى، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەيدىز كلىنىكا مۇتەخەسسىسلىرىمۇ شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئالدى بىلەن سىز، ئۇنى كەمسىتمەسلىكىڭىز كېرەك، ئەكسىچە روھى جەھەتتىن ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈشىڭىز، ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىشنى، كېسەل ئازابى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، يەنى ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمچىللىك كېسىلى ئىكەنلىكىنى تونۇش لازىم، ئۇنىڭدىن باشقا، سىز ئەيدىز بىمارىنى كۆرگەندە ۋابادىن قاچقاندەك قىلماڭ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋا ئارقىلىق، ئادەتتىكى جەمئىيەت مۇناسىۋىتى ياكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تارالمايدۇ، يەنە ئەيدىز بىمارى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىدىكى ئالاقىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارالمايدۇ.
مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھەرقانداق ۋىرۇسقا قارشى دورىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە، ئوخشىمىغان تۈردە ئەكس تەسىرى بولىدۇ. دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بولغان تەقدىردىمۇ، بىمار يەنىلا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تاللىشى لازىم. ئەمما ۋىرۇسقا قارشى داۋلاش جەريانىدا كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش، دورىنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىر ئىنكاسىنى بالدۇر ھەم ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دورىلارنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرىدىن قورقۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق لازىم. چۈنكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپى، ئۈنۈمى يەنىلا زىيىنىدىن كۆپ ئۈستۈن.
ھەرگىزمۇ دورىنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبلىك ئۆزلۈكىدىن دورىنى ئازايتماسلىق ياكى توختاتماسلىق ياكى كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا ئۆزلۈكىدىن دورىنى توختاتماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە ئەيدىز داۋالاشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىمۇ يۇقىرى، داۋالانغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشقا قاراتقان مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، ئېمتىيازلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، داۋالاشنى پۇختا تەييارلىق بىلەن باشلاش زۆرۈر.
قىسقىسى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش-ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئەمما بۇ جەريان ئۇزۇن ھەم جاپالىق، پەقەت ئىدىيە تەييارلىقى، بويسۇنۇش تەييارلىقى ۋە بەدەن جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، بىمار ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئۆز ۋاقتىدا بىمالال باشلىيالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا بالدۇر ھەم تېز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆمۈر ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.